ئامېرىكىلىق يازغۇچىنىڭ نەزىرىدىكى خىتاي
2012.07.17

«بۈيۈك ئىرا» تور بېتىنىڭ يېقىندىكى سانىغا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بويىچە پروفېسسورى، خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ھەمدە «خىتاي-ھالاكەتنىڭ سەۋەبكارى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى گرېگ ئاۋتىرى (Greg Autry) ھەققىدىكى «ئامېرىكىلىق يازغۇچىنىڭ نەزىرىدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق ماقالە بېسىلدى.
ماقالىدە گرېگ ئاۋتىرىنىڭ يېقىندا كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى بېرىلگەن.
«ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەن ۋە كۆپلىگەن خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرى قانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمەيۋاتقان بىر مەسىلە شۇكى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دۆلەت ئىچىدە ئۆز خەلقىگە شۇنچە يامانلىقلارنى قىلىۋاتقان، خەلقئارالىق سودىدا بارلىق نەيرەڭۋازلىقلارنى ئىشقا سېلىپ قىلچە تەپتارتماستىن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئاخباراتلىرىنى ئوغرىلاۋاتقان ھەمدە ئاشكارا ھالدا ھەربىي تەييارلىقلارنى كېڭەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما غەرب جەمئىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى كۆرمىگەنگە سېلىپ ئۈندىمەي تۇرۇۋېلىشىدىن ئىبارەت» دەپ باشلايدۇ ئاۋتىرى ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىسىنى.
بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋاقىتنى سوزۇش ھىلىسىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدا پاسسىپ بالانس كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدا كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت دەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ. پاكىتنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەرگىز نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. خىتاي ئۆز شىركەتلىرىگە ئېكسپورت سودىسىدا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق نامۇۋاپىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ھەر يىلى ئامېرىكا ۋە غەرب سودا شىركەتلىرىنى بىر قانچە مىليارد دوللارلىق زىيانلارغا ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئۇلار يەنىلا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى مۇۋاپىق دەپ قارىشىدۇ.
گرېگ ئاۋتىرى مۇنداق دەيدۇ: خىتاي كوممۇنىستلىرى ئەزەلدىن ئېغىر بەدەل تۆلەشلەرگە قارىماستىن بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، جامائەت پىكرى تەييارلاش ئارقىلىق خىتايدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇستەبىت دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سەپسەتىلىرىنىلا تەشۋىق قىلىدىغان «خىتاي گېزىتى» ھەمدە دۇنيانىڭ ھەممە دۆلەتلىرىدە دېگۈدەك قۇرۇۋالغان كۇڭزى ئىنستىتۇتى قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئونمىڭلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە سادىق بولۇشقا قىستاۋاتىدۇ.
«خىتاي-ھالاكەتنىڭ سەۋەبكارى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان گرېگ ئاۋتىرى چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: خىتايدا مەبلەغ سالغان چەتئەل شىركەتلىرى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي بازارلىرىغا سالماقچى بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ شىركەتلەرگە قارىتا تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاش، خىتاي تەرەپ بېكىتكەن پېرېۋوت نىسبىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش، ھەتتا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش قاتارلىق رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلانغان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرى يۈزگە يېقىن بولۇپ، چېتىلىدىغان ئومۇمى سوممىسى بىر قانچە ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھاكىمىيىتى مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئېكولوگىيىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشى ھەمدە كۆپلىگەن خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئۆلۈم-يىتىملىرىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ھەر يىلى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى 700مىڭدىن ئاشىدۇ. كۆمۈر كانلىرىدا يۈز بەرگەن تېخنىكىلىق ۋەقەلەردە ئۆلۈپ كېتىدىغان كان ئىشچىلىرىنىڭ سانى 2000 دىن ئاشىدۇ. مانا بۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە يولغا قويغان نامۇۋاپىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنىڭ ئاقىۋىتى.
خىتاينىڭ سودا، ئىنسان ھوقۇقى، ھەربىي ئىشلار ھەمدە تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆھبەتلىشىش ھەققىدىكى تەلىپىنى ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى قەتئىي رەت قىلىشى لازىم. چۈنكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرلىرى بۇ مەسىلىلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. مىسالغا ئالساق؛ خىتاي ھاكىمىيىتى تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى، تۈرمىلەردىكى مەھبۇسلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش سودىسى قاتارلىقلارنى پاش قىلغان Facebook ھەمدە YouTube قاتارلىق غەرب ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازارلىرىغا كىرىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن دۇنيا سودىسى تۇراقسىز بولۇپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر جۈملىدىن ئامېرىكا، كانادا ھەمدە ياۋروپا دۆلەتلىرى غايەت زور ئىقتىسادى زىيانلارغا ئۇچراۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى ئورتاق تەدبىر قوللىنىپ، «خىتاي گېزىتى» ھەمدە خىتاينىڭ بارلىق رادىئو، تېلېۋىزىيە،ئىنتېرنېت قاتارلىق ئۇچۇر-ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ غەرب بازارلىرىغا كىرىشىگە چەك قويۇش ئارقىلىق خىتاينى غەربنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە شىركەتلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھەمدە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا مەجبۇرلىشى لازىم.