ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ پارىس قولتۇقىدىكى مەنپەئەتلىرى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ
2010.08.25
2010.08.25
AFP Photo
بولۇپمۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئاتوم ئېنېرگىيە مەركىزىدە قارىلىپ، ئىراننىڭ بۇ مەسىلىدە تىنچلىق مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى يادرو قورال ئىشلەپچىقىرىشنى كۆزلەۋاتقانلىقى، بۇ پىلانى ئارقىلىق ئۇنىڭ پەقەت ئاسىيالا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ تۇغدۇرۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي بىسىم كۆرسىتىش ئارقىلىق جازا قوللىنىش ھەققىدە بىر نەچچە قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن چىگىش ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىراننىڭ بولسا، بۇنىڭغا قارىماي، ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىشى، يېقىندا بۇشېر شەھىرى يېنىدا رۇسىيىنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان ئىراننىڭ بىرىنچى ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىشقا چۈشۈشى، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەردە ئىراننىڭ بولۇپمۇ، خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشى ئالدى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىل، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىراننىڭ ئېنېرگىيە پىلانىغا كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىشى ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كېلىشكەنلىكى خىتاينىڭ ئا ق ش ۋە ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن تاشقىرى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە ئەرەب ئەللىرى بىلەنمۇ يېقىنلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ئۈستۈنلۈكىگە، بولۇپمۇ پارىس قولتۇقىدىكى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. بولۇپمۇ ئا ق ش بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىقىشنىڭ ئېھتىماللىقى ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ پارىس قولتۇقىدىكى پىلانلىرى ھەققىدە ئانالىزچىلار ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
قازاقىستاندا چىقىدىغان "بىزنىڭ ئالەم" گېزىتىدە يورۇق كۆرگەن، ئانالىزچى ئەمىر ئارىنوفنىڭ "ئىران ئۈچۈن جەڭ. ئا ق ش ۋە خىتايغا پارىس قولتۇقى تار كېلىۋاتىدۇ" ناملىق ماقالىسىدە مانا شۇ كەسكىن ۋەزىيەتنىڭ پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلىپ، ئاپتور ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئۈچ ئامىل ئاساسىدا كۆرسەتكەن.
بىرىنچىدىن، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھورمۇز بوغۇزى پارىس قولتۇقىنى دۇنيا بىلەن باغلايدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بوغاز بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى 195 كىلومېتر، كەڭلىكى بولسا، 54 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئەرەب نېفىتىنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە، شۇ جۈملىدىن ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان بىردىن - بىر دېڭىز يولى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم قىسمى ئىراننىڭ نازارىتى ئاستىدا بولماقتا. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇرۇش بولغان تەقدىردە ئىراننىڭ بۇ بۇغۇزنى مۇھاسىرىگە ئېلىش مۇمكىنلىكىدىن تەشۋىشلەنگەن ئامېرىكىنىڭ ھازىرچە ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى باشلاشتىن ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
مەزكۇر دېڭىز يولى يېپىلغان تەقدىردە، دۇنيا بويىچە نېفىت ئېكسپورتى 40 پرسەنتكە قىسقىرايدىكەن ھەم بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئەرەب نېفىتىنىڭ ئاساسىي ئىستىمالچىسى بولغان ئا ق ش چوڭ زىيانغا ئۇچرايدىكەن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ئا ق ش باشتىنلا پارىس قولتۇقىنى ئۆزىنىڭ ھەربىي دېڭىز ئارمىيىسى ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى قولغا ئالغان ھەم ئۇنى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
مەزكۇر ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بۇ رايوندىكى ۋەزىيەت ئەمدى باشقا يۆنىلىشكە قاراپ يۈز ئاچماقتا، يەنى ئا ق ش ئەرەب نېفىتىنىڭ ئاساسىي ئىستىمالچىسى بولۇش سالاھىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى خىتاي ئىگىلىمەكتە. ماقالىدە شۇنداقلا خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە ئومان بىلەن دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە يېقىنلىشىشى ئامېرىكىنى تەشۋىشكە سالماقتا.
ئەمدى، ئىران بىلەن خىتاينىڭ بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىن تاشقىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئالاقىلەرنىڭ كۈچىيىشى ئامېرىكىنى ئويلاندۇرۇدىغان ئىككىنچى بىر مۇھىم مەسىلىدۇر. خىتاينىڭ ئىرانغا كېمىگە قارشى راكېتىلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم كۆرسىتىشى ۋە باشقا زامانىۋى قوراللارنى يەتكۈزۈشى ھەمدە ھەربىي تېخنىلوگىيەلەرنى بېرىشى سۆزسىز ئىراننىڭ ھەربىي قۇدرىتىنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر ئەھۋال موشۇنداقلا داۋام قىلسا ھەم ئا ق ش بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چارە كۆرمىسە، ئىران بىلەن خىتاينىڭ كېلەچەكتە ھورمۇز بوغۇزىدىكى ھەربىي نازارەتنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىۋېلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ئېيتىلماقتا. بۇ تەقدىردە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشتىن باشقا ئامالى قالمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ ياردىمىگە تايانغان ئىراننىڭ كۈچىيىشى ئىسرائىلىيە دۆلىتىگىمۇ خەۋپ تۇغدۇرماقتا. ئىران ئىسرائىلىيىنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى، ئىسرائىلىيىنىڭ پىكىرىچە، يېقىن شەرقتىكى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقان ھەمدە ئىسرائىلىيىگە قارشى ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان "ھىزبوللاھ" تەشكىلاتى بىۋاسىتە ئىران تەرىپىدىن قوللاپ - قۇۋەتلەنمەكتە. ئىسرائىلىيە بولسا، ھازىر ئىرانغا قارشى پەقەت ئۇرۇش ئېچىش بىلەنلا ئۇنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىراننىڭ يادرولۇق پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى بىر قاتار ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىراننىڭ يادرو قۇدرىتىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى تېڭىشىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار ئا ق ش بىلەن يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ.
لېكىن، ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردە قانداقتۇ بىر "قىلتاق"نىڭ بولۇش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئا ق ش ئۆزىنى ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدە كۆرسىتىشكە ئىنتىلسىمۇ، بۇ ھەرىكەت رايوندىكى ئەھۋالنى ساغلاملاشتۇرۇشقا ئېلىپ كەلمەيدۇ ھەم ئۇنىڭ ئىران بىلەن بولىدىغان ھەربىي توقۇنۇشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇنى بولسا خىتاي ياخشى چۈشىنىدۇ. مانا شۇ ۋاقىتتا خىتاي ئۈچۈن ئىككى ئوتتۇرىدىكى ۋەزىيەتنى ساغلاملاشتۇرغۇچى، رايوندىكى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتلەندۈرگۈچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ - دە، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىگەن ھالدا، ئۇنىڭدىكى دۆلەتلەر بىلەن يېقىنلىشىشقا ۋە ئۇلار بىلەن ئىقتىسادى ئالاقىلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. مانا شۇ ۋاقىتتا، "يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ۋاشىنگتوننىڭ ئورنىغا بېيجىڭ نېمە ئۈچۈن 'ژاندارما' بولمايدۇ" دېگەن سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى ئېھتىمال دەيدۇ ماقالە ئاپتورى.
ئۈچىنچىدىن، ئىراننىڭ كۆپ مىقداردىكى نېفىت ۋە گاز زاپىسىنى كىمگە سېتىشىدىن ۋە ئىراننىڭ قانداق ئېنېرگىيە لاھىيىلىرىگە قاتنىشىشىدىن ئا ق ش بىلەن خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قۇدرىتى ۋە تەسىرىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئەگەر ئىراننىڭ نېفىت ۋە گاز تۇرۇبىلىرى تۈركىيە ئارقىلىق غەربكە قارىتىپ ئورنىتىلسا، ئا ق ش بۇ مەسىلىدە ئۇتىدۇ، رۇسىيە ۋە خىتاي بولسا زىيانغا ئۇچرايدۇ. ماقالە ئاپتورى، ئەگەر مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەت مۇقىمسىزلاشتۇرۇلسا، ئۇ خىتاينىڭ يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرققە چىقىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى، ئەمما دېڭىز يوللىرىنىڭ ھازىرچە ئامېرىكىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەتنىڭ ئا ق ش ئۈچۈنمۇ، خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالە ئاپتورى مەزكۇر مەسىلىدىن مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: ئا ق ش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىرانغا قارشى بىر تەرەپلىمىلىك قوشۇمچە ئىقتىسادىي جازا چارىلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى پەقەت ئىراننىڭ خىتاي بىلەن يەنىمۇ يېقىنلىشىشىغا، رۇسىيىنىڭ ئىرانغا يەتكۈزۈۋاتقان بېنزىن كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ يېڭى مۇمكىنچىلىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا پەقەت غەرب شىركەتلىرىلا زىيان تارتىدۇ. ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، ئىران ۋە ئا ق ش، شۇنداقلا ئىران ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئېنىقلاشقا تېگىشلىك يەنە كۆپ مەسىلىلەر مەۋجۇت بولماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.