خىتاي 'خەلق پۇلى'نىڭ قىممىتى جەھەتتە ئېلىپ بارىدىغان ئىسلاھاتىنىڭ راس ياكى يالغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.06.22
2010.06.22

AFP Photo
ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئېلان قىلىۋاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە قارار ماقۇللىغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي بانكىسى دۇنياغا 'خەلق پۇلى'نىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى ھەققىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما خىتاي خەلق بانكىسى 'خەلق پۇلى'نىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ دەپ جاكارلىدى.
بۇنداق ئەھۋالدا، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، خىتاينىڭ 'خەلق پۇلى'نىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ساندېر لېۋېن 'خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى بازاردا ئەركىن تەڭشەش توغرىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، بۇ، بىر قەدەم ئالغا باسىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىك، ئەمما بۇ پەقەت بىر سىمۋول خاراكتېرلىك ھەرىكەتمۇ - قانداق، بۇنى داۋاملىق كۆزىتىش كېرەك' دەپ كۆرسەتتى.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارادا، خىتاينىڭ 'خەلق پۇلى'نىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى ھەققىدە بىلدۈرگەن ئىپادىسىنىڭ راس ياكى يالغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە بولۇۋاتىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېقىندا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئېچىلىدىغان 20 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا، دۇنيا رەھبەرلىرى ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ياكى تەنقىد قىلىدىغان باش تېما قىلماي، بەلكى مۇھىت مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى باش تېما قىلىشى كېرەك، دەپ جاكارلىدى.
خىتاي بۇ قېتىم يەنە 2005 - يىلىدىكى ھېلىسىنى قايتىدىن قوللىنىۋاتىدۇ
ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم يەنە 2005 - يىلى قىلغانلىرىنى قايتىدىن قىلىۋاتىدۇ. خىتاي شۇ ۋاقىتتا، بۇنىڭدىن كېيىن 'خەلق پۇلى' نىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى ئامېرىكا دوللىرىغا چېتىۋېلىنمايدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى. نەتىجىدە ئالتە يىلغىچە 7.3 تىن 6.8 گىچە بولغان ئارىلىقتا توختىماي ئۆزگەرتىپلا تۇرۇپ، ئاخىر 6.89 دا توختىلىپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا 'خەلق پۇلى' قىممىتى دوللارغا نىسبەتەن تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن، ئەگەر 'خەلق پۇلى'نىڭ قىممىتى 2% دىن 3% غىچە ئۆستۈرۈلسە توغرا بولاتتى، بۇ، بىر قېتىمدىلا توغرىلىنىشى كېرەك دەپ قارىغان ئىدى. ھازىرمۇ شۇنداق قارايدۇ.خىتاي ھازىر ئىككى چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ
ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەننىڭ قارىشىچە، ئەمما خىتاي شۇ ۋاقىتتا ئۇنداق قىلمىدى، ھازىر تېخىمۇ قىلمايدۇ. چۈنكى خىتاي ھازىر ئىككى چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ: بىرىنچىسى، خىتايدا ئىش ھەققى ئۆسۈپ كەتتى، يەنى مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرقى ئۆسۈپ كەتتى، خىتاي ئۈچۈن پايدا ئالىدىغان بوشلۇق قالمىدى. ئەگەر خىتاي بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا 'خەلق پۇلى'نىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرسە، جان باقمىقى تەس بولۇپ قالىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەگەر ھازىر 'خەلق پۇلى'نىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى ئۆرلەتسە، بۇرۇنقى نىسبەت بۇيىچە ھېسابلانغان پۈتۈن مۇقىم مۈلۈك باھاسى ناھايىتى كۆپ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. خىتاي بۇ جەھەتتىكى ئىقتىسادىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلىشى ناتايىن.خىتاي يەنە بىر قېتىم ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ ئالماقچى، بۇ، خىتاينىڭ ھېلىسى
خىتاي بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بولۇپمۇ، 20 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، 'خەلق پۇلى'نىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى تەڭشەشكە ۋەدە بەردى. بۇ مەسىلىدە باشقا دۆلەتلەر خىتايدىن ئۈمىدلەندى. چۈنكى بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئىقتىسادنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشكە پايدىسى بولاتتى. ئەمەلىيەتتە خىتاي 'خەلق پۇلى'نىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى بىر قېتىمدىلا تولۇق تەڭشىمەي، خۇددى 2005 - يىلىدىكىدەك، يەنە بىر قېتىم يۇقىرى - تۆۋەن لەيلىتىپ قويۇپ، بۈگۈن بۇنداق، ئەتە ئۇنداق نىسبەت بەلگىلەپ جىم تۇرۇۋالماقچى.ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ مەسىلىدە خىتايغا بېسىم شەكىللەندۈردى، ئەمما خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆزگەرتمەسلىكنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ تۇرۇۋالىدۇ. دېمەك، ئامېرىكا بۇ قېتىم پەقەت مۇشۇنداق بىر بېسىم شەكىللەندۈردى ياكى خىتايغا پايدىسىز سىياسەت تۈزۈپ چىقتى. ئەمما خىتاي ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى. ئۆزگەرتمىدىمىكىن دېسە، ئۆزگەرتكەن، ئۆزگەرتتى دېسە، ئەمەلىيەتتە 'خەلق پۇلى'نىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن چېتىشلىقى ئۆزگەرمىگەن. خىتاي بۇ قېتىم 20 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى دېگەن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپلا ئالسا، بولدى، بۇ خىتاينىڭ ھېلىسى.
شىنجاڭ، تىبەت، تەيۋەن مەسىلىلىرى بىلەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، خىتاينى بەكلا تەمتىرىتىپ قويدى
ئىنتېرنېتتە ھەربىي ئىشلار ھەققىدە مۇنازىرە بولىدىغان 'دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش' تور بېتىدە تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان 'ئامېرىكىنىڭ بۇنداق پوزىتسىيە قوللىنىشى بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان' دېگەن ئوبزوردا مۇنداق دەپ تەھلىل قىلىنغان: ئامېرىكا يېقىندا شىنجاڭ مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتايغا ئەمدى ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، يەنە خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلەتتى. بۇنىڭ ھەممىسى خىتاي ئۈچۈن ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەر ئىدى. ھازىر بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، خىتاينى بەكلا تەمتىرىتىپ قويدى. خىتاي ھازىر بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا، دۆلەت ئىچىدە 'قاتتىق زەربە بېرىش' دېگەن سىياسىي ھەرىكەتنى قايتىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولدى.يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.