ئاۋسترىيە مەتبۇئاتى: رۇس ئېيىقى سېرىق ئەجدىھادىن قورقۇۋاتىدۇ

خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى سىياسىي جەھەتلەردىن باشقا سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەر جەھەتتىمۇ تارىختىكى ئەڭ قويۇق مۇناسىۋەت دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەقىقىي دوستۇم ياكى رەقىبمۇ؟ خىتاي يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىدىكى خەلقلەرگە قانداق تۇيغۇ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەرمۇ ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىدىن چۈشۈپ قالغىنى يوق.

ئاۋسترىيىدە چىقىدىغان «Der Standard» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «رۇس ئېيىقى سېرىق ئەجدىھادىن قورقۇۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە رۇسىيىلىكلەردىكى خىتاي تەھدىتى كۆز قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىلگەن. بۇ ماقالە رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.

رۇسىيە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلە يىراق شەرقتىكى نوپۇس ئازلىشىدۇر

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قويۇق مۇناسىۋەتلىرى ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىغا پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇنلىغان پاسسىپ ئامىللارنى ۋە تەسىراتلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رۇس مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر پاسسىپ ئامىللار ۋە تەسىراتلارنىڭ خىتاي نوپۇسىنىڭ رۇسىيە تۇپرىقىدا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى، ئۇلارنىڭ سودا-ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئۈستۈنلۈكلەرنى ئىگىلىشى، خىتاينىڭ تېز تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغان ھەم چەت رايون ھېسابلىنىدىغان يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىدىكى ئاھالىلەردە «خىتاي تەھدىتى» كۆز قارىشىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئەلۋەتتە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيىدە كۆپىيىپ يىلتىز تارتىش بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە رۇسىيىدىكى ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ھېسابلىنىشى، ھەتتا ئاقىۋەتتە رۇسىيىدىن ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلارنى دەۋا قىلىش ئېھتىماللىقى، رۇسىيىدىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كونا تېما بولۇشىغا قارىماي، يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە يەنە ئانالىزلار كۆپىيىشكە باشلىدى.

ھەتتا، مەزكۇر تېمىغا بىر قىسىم غەرب ئاپتورلىرىمۇ دىققەت ئېتىبارىنى بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، ئاۋسترىيىدە چىقىدىغان «دەر ستاندارد» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «رۇس ئېيىقى سېرىق ئەجدىھادىن قورقۇۋاتىدۇ»ناملىق ماقالە ۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر.

«يىراق شەرق ئاھالىسى تېز سۈرەتتە ئازلىماقتا، 6-7 مىليون رۇس ئاھالىسىگە نىسبەتەن تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونلاردىكى 90 مىليون خىتاي <بېسىپ كەلمەكتە>. رۇسىيە ئاستا-ئاستا، بىراق ئىشەنچلىك ھالدىكى مۇستەملىكىدىن ئەنسىرىمەكتە» دەپ يېزىلىدۇ مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە.

ماقالە ئاپتورى خىتايغا يېقىن جايدىكى تېپلوئوزېرسك يېزىسىدىكى ناتالىيا گرىگورىيېۋنا ئىسىملىك ئايال بىلەن سۆزلەشكەن بولۇپ، ئۇ «رۇسىيىدە ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى ھەسسە قىممەت بولۇشى تەبىئىي، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىشى بىلەن يىراق شەرقتىكى يۇقىرى مائاش، ئۇزۇن دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە بۇرۇن پېنسىيىگە چىقىش قاتارلىق ئالاھىدە شارائىتلار يوقالدى» دەپ بىلدۈرگەن.

ماقالە ئاپتورىنىڭ بايان قىلىشىچە، يەر مەيدانى جەھەتتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چوڭ يىراق شەرق ئەمەلىيەتتە بۇ مەملىكەتنىڭ باشقا زېمىنلىرىدىن يېتىم قالدۇرۇلغان. بۇ رايون، ئاھالىلەرنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا، 1991-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ جايدىكى نوپۇس 2-3 مىليون ئازلاپ كەتكەن. مۇتەخەسسىسلەر 2016-يىلىغا كەلگەندە نوپۇسنىڭ 7.6 % ئازلايدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.

تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن پەرقلەر

«Der Standard» گېزىتىنىڭ ئاپتورى ماقالىسىدە ئامۇر دەرياسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىكى تەرەققىياتنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقى ھەم چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پەرقلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ چېگرا شەھىرى خېيخېنىڭ رۇسىيە ساياھەتچىلىرىگە تايىنىپ ياشاۋاتقانلىقى، 1992-يىلىدىن بۇيان خېيخېنىڭ ئەركىن بازار نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلغانلىقى، بۇ يەردىكى سودىگەرلەرنىڭ رۇسچە سۆزلەيدىغانلىقى ھەمدە رۇبلىغا مال ساتىدىغانلىقى، ھەتتا بۇ يەردە «ناتاشا» دەپ ئاتالغان ماگىزىن، «سۋېتلانا» دەپ ئاتالغان دورا دۇكىنى ھەمدە «پۇتىن» دەپ ئاتالغان رېستوران بارلىقىنى يازىدۇ.

بۇ يەردىكى سودا بازىرىغا جايلاشقان مەخسۇس تىرناق ۋە چاچ ياساش مەركىزىنىڭ خوجايىنى ئۆزىنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ رۇسىيە تەرەپتىكى بلاگوۋېشېنسكىي شەھىرىدىن كېلىدىغانلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

بۇ شەھەر ھۆكۈمىتىدىكى خەلقئارا ئىشلار مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان لۇ فامىلىلىك بىر خادىم خېيخې شەھىرىنى سودا-سېتىق جەننىتى دەپ تەرىپلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 10 يىل ئىلگىرى يېزىغا ئوخشىغان خېيخې بۈگۈنكى كۈندە ئېگىز بىنالار كۆتۈرۈلگەن شەھەرگە ئايلانغان. ئاپتورنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بىراق بۇ شەھەرنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بلاگوۋېشېنسك شەھىرى بولسا يەنىلا پەقەت 1960-يىللاردا سېلىنغان كۈلرەڭ تاختاي ئۆيلەر بىلەن ماختىنىشى مۇمكىن.

پايدا-زىيان ئۈستىدىكى كۆۋرۈك

ئاپتور ماقالىسىدە دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رۇسلار بىلەن خىتايلارنىڭ كۆۋرۈك سېلىپ، ئىككى قىرغاقنى تۇتاشتۇرۇشقا بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايلارنىڭ كۆۋرۈك سېلىپ، رۇسىيە بىلەن تۇتۇشۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ئەمما رۇسلارنىڭ بولسا ئۇنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، «خىتاي تاشقى ئىشلار خادىمى لۇ سۆزىدە ئەگەردە ئامۇر دەرياسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر كۆۋرۈك سېلىنسا رۇسىيە بىلەن بولىدىغان ھەمكارلىق تېخى پايدىلىق بولار ئىدى دەيدۇ. كۆۋرۈك سېلىشقا رۇسىيە تەرەپ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بولۇپ، بلاگوۋېشېنسك شەھىرىدىكى يۇرىي ئىسىملىك بىر تاكسى شوپۇرى ئەگەردە كۆۋرۈك سېلىنسا تېخىمۇ كۆپ خىتايلار بىز تەرەپكە كېلىدۇ دېدى» دەپ يازىدۇ.

ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، يەرلىك ئاھالىلەر 200 مىڭ نوپۇسلۇق بلاگوۋېشېنسك شەھىرىدىكى ئەڭ ياخشى سودا مەركىزى ۋە ئەڭ ياخشى مېھمانخانا خىتايلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى، يېقىندا بىر خىتاي ئايالنىڭ بۇ يەردىكى پىۋا زاۋۇتىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

«Der Standard» گېزىتىنىڭ ئاپتورى ماقالىسىدە «يىراق شەرقتىكى سېرىق ئەجدىھا قورقۇنچىنى 1969-يىلىدىكى قانلىق چېگرا توقۇنۇشى مەزگىلىدە پەيدا بولغان. ھازىر رۇسىيە ئاھالىسى يېتىپ كېلىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىكتىن ئەنسىرىمەكتە. ئىشسىزلىقلارنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ كۆپ خىتايلار ئاز نوپۇسلۇق يىراق شەرقتە پەيدا بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە يىراق شەرق رايونىدا ھازىر 370 مىڭ خىتاي ياشىماقتا، كۆچمەنلەر ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ژاننا زايونچىكوۋسكايانىنىڭ ئېيتىشىچە، 2050-يىلىغا بارغاندا خىتايلار يىراق شەرق ئاھالىسىنىڭ كۆپچىلىكىنى ئىگىلەيدىغان خەلققە ئايلىنىدۇ، پۈتۈن رۇسىيە بويىچە خىتايلارنىڭ سانى 10 مىليونغا يېتىدۇ. رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ يۆنىلىشنى چۈشىنىپ، چەتئەل ئەمگەك كۈچلىرىگە بېرىلىدىغان ئورۇنلارنى ئازلاتماقتا ھەمدە چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيە بازارلىرىدا سودا قىلىشىنى چەكلىمەكتە.

كىم رۇسىيىنىڭ ھەقىقىي رەقىبى؟

رۇسىيىدە يېقىندىن بۇيان خىتاي تەھدىتى كۆز قارىشىنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ 5-قانىلىدا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئائىت بىر مۇھاكىمە ھەم راي سىناش ئۆتكۈزگەن ئىدى. مەزكۇر راي سىناش نەتىجىسىدە 69% رۇسىيىلىك خىتاينى رۇسىيىگە ھەقىقىي تەھدىت دەپ قارىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر خىتايلارنىڭ رۇسىيىدە كۆپىيىپ ھەممە يەرگە يامراۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى يېقىندىن بۇيان خىتاي تەرەپنىڭ خاباروۋسكى شەھىرىگە يېقىن ئۇسسۇرى دەرياسى چېگرا پاسىللىرىدا دەريا ساھىللىرىنى قېزىش ئارقىلىق سۇ يولىنى كېڭەيتىپ، رۇسىيە زېمىنلىرىنى ئېگىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. ئالېكساندىر بوندارېنكو ئىسىملىك رۇسىيە ئاپتورى «خىتاي تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ» ماۋزۇسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، دەريا قىرغاقلىرىنى قېزىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاينىڭ يىراق شەرق رايونىغا نىسبەتەن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى شەرھلىگەن ئىدى.

رۇسىيىدە كۈچىيىۋاتقان يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىگە بولغان خىتاي تەھدىتى كۆز قارىشى مەسىلىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ يىراق شەرقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى پروگراممىسىنى تۈزگەن ھەتتا پرېزىدېنت دمىترىي مېدۋېدېۋ ھەم باش مىنىستىر ۋلادىمىر پۇتىن قاتارلىقلار يىراق شەرقنى زىيارەت قىلغان شۇنىڭدەك رۇسىيىدە خۇددى ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش خىتاي شەھەرچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

2009-يىلى موسكۋادىكى خىتاي سودىگەرلىرى جايلاشقان بىر قانچە بازار ۋە سودا نۇقتىلىرى ئىشتىن توختىتىلغان. 2010-يىلى، موسكۋا ئاۋازى رادىئوسى «كىم رۇسىيىنىڭ دۈشمىنى؟» دېگەن تېمىدا بىر راي سىناش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نەتىجىدە 77% ئادەم «خىتاي رۇسىيىنىڭ دۈشمىنى» دەپ راي بەرگەن. بىراق، رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىناق ۋە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست ھەم ئىستراتېگىيىلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىزچىل ماختىنىپ كەلمەكتە.

يېقىندا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەپىرىگە ئاتلىنىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شۇ سەپىرىدە يەنە موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىناقلىقىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.