خىتايدا باستۇرۇش كۈچەيگەنسېرى، قارشىلىقمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋنىڭ ئولتۇرسا-قوپسا تەكىتلەيدىغىنى «تەرتىپ» بولۇپ قالدى. ئەمما خىتايدا «تەرتىپ» نىڭ بۇزۇلۇشى يۇقىرى سەۋىيىگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.

0:00 / 0:00

گېرمانىيىدىكى 1-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د «خىتايدىكى نامراتلارنىڭ نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە» ناملىق مۇلاھىزىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى قاتارلىق بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 10-ئىيۇلدىن باشلاپ بۇ خۇسۇستىكى خەۋەرلەرنى كۆپەيتىپ تارقاتتى. مۇلاھىزىدە ئىككى ئاساسى تېما ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىرى، خىتايدا نامراتلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەھدىت بولغۇچى كۈچكە ئايلانغانلىقى، ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بارغانسېرى ئېغىر ھەقسىزلىكلەرگە ئۇچراپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تەھلىكە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى.

مەزكۇر مۇلاھىزىنىڭ «بىر يىلدا 100 مىڭ قېتىم قارشىلىق يۈز بەردى» ناملىق بۆلىكىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 2010-يىلى يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سانى 100 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن، خىتاي پۇقرالىرى تىنچلىق شەكلىدىكى نارازىلىقلىرىغا ئادىل جاۋاب تاپالمىغاندىن كېيىن رادىكال قارشىلىق يوللىرىنى تاللاپ، ھۆكۈمەت بىنالىرىنى پارتلىتىشتەك ئەسەبىي ئۇسۇللارنى قوللانغان. شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جەمئىيەتشۇناس يۇ خەينىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى مۇقىمسىزلىق كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىگە يەتكەن. نامراتلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتلىرى پۈتۈن خىتاي تەۋەسىگە ئومۇملاشقان. زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئاساسىي قاتلامدا ئېغىر خەۋپ ھالىتىدە كۈچىيىۋاتىدۇ. نامراتلار ياكى ھەقسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ياكى كىچىككىنە ۋەقەنى ئۆز قارشىلىق، نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ پۇرسىتى بىلىپ، ئۇنى يوغىنىتىۋاتىدۇ. بۇلار تولىمۇ زور بىر خەتەرنىڭ ئالدىن بېشارىتىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇۋاتىدۇ. نامايىشقا چىققان ئاممىنى قارا-قويۇق تۇتۇپ سولاۋاتىدۇ. بۇنداق قىلىش مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە قارشىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت دۆلەتنى قانۇن-نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش يولىنى تۇتمىسا، پۇقرالارغا پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بەرمىسە، بۇ يىل 5-ئايدا جياڭشىدا يۈز بەرگەندەك پارتلىتىش ۋەقەلىرى يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن.

«خىتايدىكى نامراتلارنىڭ نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە» ناملىق مۇلاھىزىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم ئەمەس» ناملىق ئىككىنچى بۆلىكىدە، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ پۈتۈن خىتايغا، ھەتتا چەتئەللەرگىچە تەسىر قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، ھازىر تىبەتكە چەتئەللىكلەرنىڭ ساياھەتكە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، يېقىندىلا بىر تىبەت راھىبىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشى سەۋەبلىك، كوچىغا چىققان تىبەتلىكلەردىن يۈزلىگەن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئىچكى مۇڭغۇلدا 6-ئايدا 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر تېمىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى خىتاي-ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 200 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئالدى بىلەن ئەسكەرتىلگەن.

مۇلاھىزىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى غەيرەت نىيازنىڭ ئەينى زاماندىكى مەلۇماتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 2% كە يەتمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە ئوخشاش ساندىكى خىتايلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 94% تىن تۆۋەن ئەمەسلىكى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى كارخانىلارنىڭ 95% ئىنىڭ خىتايلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى، بۇ كارخانىلارنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى ئىشقا قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ھەتتا بۇ كارخانا-زاۋۇت خوجايىنلىرىنىڭ ئۈستىلى ئۈستىگە «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشقا قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن خەتلەرنىڭ يېزىپ قويۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. مۇلاھىزە خاتىمىسىدە يەنە، غەيرەت نىيازنىڭ ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە زوۋانلىققا مۇراجىئەت قىلماسلىققا چاقىرغانلىقى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى سورىغانلىقى سەۋەبلىك 2010-يىلى 7-ئايدا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇلاھىزىدە يەنە، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقەنىڭ ناھايىتى تىزلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىگە ئۇلىشىۋاتقانلىقى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولتۇرسا-قوپسا «تەرتىپ» ساقلاشقا چاقىرىۋاتقان بولسىمۇ، خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋنىڭ ھەر ئىككى ئېغىز سۆزىنىڭ بىرى «تەرتىپ» تىن ئىبارەت بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ تەرتىپنىڭ پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە بۇزۇلۇپ بېرىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرتىپىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكى شەرھىيىلەنگەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنكى كۈنلەردىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەتىنىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چاقىرىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى ھەممىدىن مۇھىم خىزمەت سانىلىپ، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ھېسابلانغان ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق ۋەقە قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتىدۇ. 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى ھارپىسىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي ۋەزىيەت ھۆكۈم سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئاجرىتىدىغان مەبلىغىنى بۇ يىل 85% كۆپەيتكەن.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 9-11-ئىيۇلدىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قويۇپ بېرىلگەن ھەم لياۋ يىۋۇغا ئوخشاش خىتاي قەلەمكەشلىرى گېرمانىيىگە قېچىپ چىقالىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە قىلچە ئىلگىرىلەش بولمىغان. يەنە نۇرغۇنلىغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېخىچە ئىز-دېرىكى يوقكەن. 9-ئىيۇل كۈنى شيامىندا ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەتلىك تور بەرپا قىلىش» يىغىنىدا، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى زاڭ جيەبىن خىتايدىكى ئىنتېرنېت قامالىنى غەرب ئەللىرىگە سېلىشتۇرۇپ، غەربكە قارىغاندا خىتايدا يەنىلا كۆپ ئەركىنلىك بارلىقىنى، گېرمانىيىدەك تەرەققىي قىلغان دۆلەتتىمۇ تورغا چىقىش، ئىنتېرنېت قوللىنىشنىڭ قېيىنلىقىنى، نەرقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى سۆزلىگەن. بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى مۇقىمسىزلىقنى پەدەزلىمەكچى بولغان. بۇ سەپسەتە غەربتە ئەمەس، خىتاي تور بەتلىرىنىڭ ئۆزىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغاپ، خىتاينىڭ ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان.