خىتايدىكى بىر پارتىيىلىك تۈزۈم ھەم بۇزۇلغان ئەخلاق ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر

يېقىندىن بۇيان خىتاي تور بېكەتلىرىدە، خىتايدىكى بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈم ھەم خىتايدىكى ئومۇمىي ئەخلاق ساپاسىنىڭ بۇزۇلۇش ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر بارغانچە كۆپەيدى.

0:00 / 0:00

بولۇپمۇ بوشۈن، سىننا قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە، خىتاي ئىچىدىكى زىيالىيلار تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىلەردە،خىتايدىكى بارغانچە بۇزۇلۇۋاتقان ئەخلاقىي ساپا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈمى، ئەرزدارلارنىڭ باستۇرۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى، بۇلغىنىۋاتقان مۇھىت، يېمەك-ئىچمەك، داۋالىنىش، قاتناش، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ساھەلىرىدىكى زەھەرلىك ھەم ساختا مەھسۇلاتلار، مائارىپ، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالدامچىلىقلار ئەيىبلەندى.

«سىننا» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھالاكەتكە يۈزلەنمەكتە» ناملىق ماقالىدە، نۆۋەتتىكى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈمى، مەنپەئەتدارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق ئەخلاق ساپاسى، كەسپىي ئەخلاق، مۇھىت، ئىقتىساد، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ناچار ئەخلاقىي ساپا ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىسى ئىپادىلەنگەن.

بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي تور بەتلىرىدە ئۆزىنىڭ تەنقىدىي ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان ئەركىن يازغۇچى خۇئا شيەنيۇ ماقالىسىدە، 1911-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن «شىنخەي ئىنقىلابى» دىن كېيىن، خىتايغا غەرب دېموكراتىك ئىدىيىسى سىڭىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما 1949- يىلى خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، مۇستەبىت تۈزۈم ئورنىتىلىپ، دېموكراتىك ئىدىيىنىڭ بوغۇلۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە خىتايدا ئىنسانىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق ساپاسىنىڭمۇ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە، نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بارغان 30 يىلدىن بۇيانقى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، 1990-يىللاردىن كېيىنكى 20 يىلنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاي ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە يۈكسەلگەن 20 يىل دەپ مەدھىيىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي خەلقىنىڭ نەزىرىدە خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ھاكىمىيەت مۇستەبىتلەشكەن، ئەمەلدارلار چىرىكلەشكەن، پۇقرالار ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىنغان، ھەممە نەرسە پۇل بىلەن ئۆلچىنىپ، كىشىلەردىكى ئەخلاق ساپاسى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان 20 يىل دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئاپتور خىتاي پۇقرالىرى يۈزلىنىۋاتقان پاجىئەلىك قىسمەتنى كونكرېت ھالدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاپ خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆزىنى ھەم خىتاي دۆلىتىنى قوغداپ قېلىشقا چاقىرغان.

  1. ئاپتور خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاز ساندىكىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ، ئاۋام پۇقرانىڭ نامراتلىقتا قېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىدۇ. خۇئا شيەنيۇ ماقالىسىدە خىتايدا مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىقلارنىڭ «بازار ئىگىلىكى» نامىدا ئەمەلدارلارنىڭ بايلىق توپلاش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىشىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
  2. ئاپتور خىتايدىكى بايلىقلارنى زىيادە ئېچىش سەۋەبلىك، كېلىپ چىققان مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان بولماستىن، بەلكى خىتايدىكى كان، زاۋۇت كارخانىلاردىن قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك گاز، ھەم پاسكىنا سۇلارنىڭ پۈتكۈل يەر شارى مۇھىتىنى بۇلغاپ، ئىنسانىيەتكە ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
  3. ئاپتور خۇئا شيەنيۇ ماقالىسىدە، كوممۇنىست پارتىيە يولغا قويغان بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ، خىتاي خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن تالاپىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئەۋج ئالغان چىرىكلىك، پارىخورلۇق، بيۇروكراتلىق خاھىشلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى خەلق ئۈچۈن ئىشلەش ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتاي خەلقىنى ئۆز ھەق-ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان قۇللارغا ئايلاندۇرۇپ قويغىنى ئۈچۈن، بۇ خىل ئەھۋال خىتاي خەلقىدە غەرب دېموكراتىيىسىگە بولغان تەلپۈنۈشنى بارغانچە كۈچەيتىپ، كوممۇنىست ھۆكۈمەتكە قارشى زور كۆلەملىك ئىجتىمائىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
  4. ئاپتور خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئومۇمىي خەلق كىشىلىك ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى باش جاۋابكارنىڭ ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، 1950-يىلى باشلانغان يەر ئىسلاھات ھەرىكىتى نامىدىكى شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى زوراۋانلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىشتىن تارتىپ، ئوڭچىلارغا قارشى ھەرىكەت، مەدەنىيەت ئىنقىلابى، ھەم يېقىنقى 20 يىللاردىكى پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقادلىرىنى چەكلەش قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ئەۋلادلىرىنى، ياماندىن قورقىدىغان، ياۋاشنى بوزەك قىلىدىغان، ھەقنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان،مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقان دوست بۇرادەرلىرىنى سېتىۋېتىدىغان، ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ئەخلاقتىنمۇ مەھرۇم قالغان قۇللارچە بويسۇنۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خۇئا شيەنيۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي خەلقىنى ئېتىقادقا، ئىنسانىي ئەخلاقنى يوقاتماسلىققا، ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرىپ، خىتايدىمۇ نۆۋەتتە پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىنى قاپلىغان «ئەرەب باھارى» ھەرىكىتىگە ئوخشاش پۈتكۈل دۆلەت خەلقى بىردەك ئاۋاز قوشقان دېموكراتىك ئىنقىلاب بولغاندىلا، ئاندىن خىتايدا ھەقىقىي ھالدىكى دېموكراتىيە تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، خىتايدىكى بۇزۇلۇۋاتقان ئەخلاقنى قوغداپ قېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.