تۈركىيە مەتبۇئاتى: بو شىلەي ۋەقەسى خىتاي سىياسىتىدە يېڭى بىر دەۋر باسقۇچىمۇ؟

كۆزەتكۈچىلەر بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى تېخىچە ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە يوشۇرۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.

0:00 / 0:00

ئەمما چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتى بۇ ۋەقەگە ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىگە تارتىلدى.

يېقىندا تۈركىيىدە نەشر قىلىنىۋاتقان «دۇنيا بۇلتېنى» ناملىق تور گېزىتىدە، «بو شىلەي ۋەقەسى خىتاي سىياسىتىدە يېڭى بىر دەۋر باسقۇچىمۇ؟» ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى تۈركىيىلىك يازغۇچى قادىر تەمىز ئەپەندى يازغان.

قادىر تەمىز ئەپەندى، خىتايدا ئوقۇغان ۋە تۈركىيىدە خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«بو شىلەي ۋەقەسى ھىيلە-نەيرەڭ ۋە بىر مۇنچە تۆھمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ چەتئەلدىكى بىر كۆزەتچى ئۈچۈن بۇ ۋەقەدە بىر قىسىم سىياسىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چۈشىنىشتە ئەھمىيەتلىك. ئەسلىدە بۇ ئىش ئۆتكەن ئايلاردا بو شىلەينىڭ ياردەمچىسى ۋە ئوڭ قولى دەپ بىلىنگەن ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كىرىۋالغاندىن كېيىن، ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئەتراپىنى خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى قورشاپ قولغا ئېلىش بىلەن باشلاندى. كىشىلەر بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ، چىقىش سەۋەبلىرىنى سوراشقا باشلىدى. بۇ ۋەقە غەرب ئەللىرىنىڭ ئاخباراتلىرىدا كۆپلەپ تارقىتىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا بۇ ۋەقە ھەققىدە خىتايدا بەزى بىلوگلاردا تور زىيارەتچىلىرى تەرىپىدىن بەس-مۇنازىرە قىلىندى، ئەمما بەزى ئۇچۇر ۋە پىكىر-ئىنكاسلار چەكلەندى. بىر قانچە تور بېكەتلەر تاقالدى.»

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«بو شىلەي ۋەقەسى نېئىل ۋۇد ئىسىملىك ئەنگلىيىلىك سودا-سانائەتچىنىڭ ئۆتكەن يىلى چوڭچىڭدا بىر مېھمانخانىدا ئۆلتۈرۈلۈش بىلەن باشلاندى. مارت ئېيىدا ئامېرىكا باش ئەلچىخانىدا پاناھلانغان ۋاڭ لىجۈن، ھېيۋودنىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئۆلۈم ئەمەسلىكىنى، ھېيۋودنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئەنگلىيە باش ئەلچىخانىسى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ 2-ئايغىچە ھېچ قانداق قەدەم بېسىلمىغان. ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارالغان كىشىلەرگە قارايدىغان بولساق ھەيران قالارلىق ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ئەنگلىيىلىك سودا-سانائەتچى ھېيۋود بىلەن بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي ئوتتۇرىسىدا بىر چۈشىنىشمەسلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بولۇپمۇ، ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىخانىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشى، خىتاي دۆلىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغۇدەك دەرىجىدە مۇھىم بولغان قانداق ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى بەلكى داۋاملىق مەخپىي قالىدۇ. بۇ ئارىدا خىتاي ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ مەتبۇئاتلاردا، ۋاڭ لىجۈننىڭ ھازىرغىچە سوراققا تارتىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە».