رۇسىيىنىڭ «پراۋدۇرۇ» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايغا قارشى شىنجاڭ بومبىسى» دەپ ئاتالغان ماقالىدا ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ 20 مىليونلۇق ئاھالىسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىقىنىڭ پات-پات كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
رۇسىيە ئانالىزچىسى ۋە خىتايشۇناس ئېۋگېنىي خاكىمۇللىن مەزكۇر گېزىتكە بەرگەن سۆھبىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا سېلىۋاتقان كۆپ مىقداردىكى مەبلەغلىرى ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئۇتۇقلۇق راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان «دانىشمەن» سىياسىتى تۈپەيلى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىللىققا ئىنتىلىش ئارزۇسىدىن يىراقلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي سىياسىتىگە چەتئەل ياردىمىدىن پايدىلىنىۋاتقان رادىكاللارنىڭ چوڭ بولمىغان گۇرۇپپىسى قارشى چىقماقتا. شۇنى بايقاشقا بولىدۇكى، ئۇ بولۇپمۇ خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلىنىش پەيتىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بېيجىڭ بىلەن پاكىستان مەۋقەلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇستەھكەملىنىشى بەزىلىرىگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇ جەرياننى توختىتىش ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئىشقا سېلىنماقتا».
ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ ئىسلام كومىتېتى رەئىسى گېيدار ژېمېل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەردە ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريانلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېگەن: «ئەسلىدە، بېيجىڭ بۇ يەردە مەدەنىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بارماقتا. ئەگەر ئىلگىرى ئۇ يەرلىك زىيالىيلارنى ياردەم پۇلى بىلەن قىزىقتۇرۇش ھەم خىتاينىڭ شەرقىدىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۆز تەرىپىگە جەلپ قىلىشتا كۆرۈنگەن بولسا، ئەمدى بۇ جەريان تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە». گېيدار ژېمېل مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يەرگە خىتايلارنى ئېلىپ كىرىش ھەم خىتاي ئەمەس خەلقلەرنى بۇ يەردىن كۆچۈرۈش ھېسابىغا بۇ يەردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەمما ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن ئومۇمەن مۇسۇلمانلار مەسىلىسىنى بىر يەرگە يىغىنچاقلاش ئانچە توغرا بولمىسا كېرەك. بىرىنچىدىن، شۇنى بايقاشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر مەسىلىسى دىنىي ئاساستىن كۆرە، مىللىي ئاساسقا ئىگە. مەسىلە شۇنىڭدىكى، ئۇيغۇرلار سانى بويىچە 14 مىليونغا يېقىن ئادەمنى تەشكىل قىلىدۇ. باشقا تۈركىيىلەر بىلەن بىر قاتاردا (تۈركمەنلەر، قازاقلار، خىتاي تۈركلىرى ۋە باشقىلار) ئۇلار 20 مىليون ئادەمگە يېتىدۇ.»
گېيدار ژېمېل، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىي «بۆلگۈنچىلىكىنىڭ» قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينى يېنىدا تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىدا ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ بەرپا ئېتىلىش كېلەچىكىنىڭ تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «ئەمما سۈرگۈن قىلىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېلىپ كېلىشىدە گۇمان بار. تارىختا مۇنداق ئەھۋاللار كۆپ بولغان، بۇ مۇنداق خەلقنىڭ پەقەت تېخىمۇ بىرىكىشىگە ئېلىپ كېلىدۇ.»
«ئېخو» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاندا يەنە خاتىرجەمسىزلىك. شىنجاڭدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئارقىسىدا نېمە بار؟» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئاپتورى ئا. شاكۇر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنە كەسكىنلەشكەنلىكىنى، ۋەقە يۈز بەرگەن يەردە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ھەم خىتاي رەسمىي ئورۇنلىرىنىڭ بىردىن-بىر ئاخبارات بەرگۈچىلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۈگۈن خىتاي ۋە كۆپلىگەن رۇسىيە ئانالىزچىلىرى خىتاي مەبلەغلىرىنىڭ ش ئۇ ئا ر ئىقتىسادىغا سېلىنىۋاتقاندىكى رەقەملەرنى ئاساسىي دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ش ئۇ ئا ر كۆپلىگەن ئاھالىسىنى ج خ ج ھاكىمىيىتى ئاستىدا خۇشال ھەم بەختلىك ئۆمۈر سۈرۈۋاتقان، «خىتاي مۆجىزىسى» مېۋىلىرىدىن راھەتلىنىۋاتقان قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. ئۇ، «كوممېرسانت» گېزىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنى مىسال سۈپىتىدە ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ھەر قانداق نەرسىنى ئۆز نامى بىلەن ئاتايدىغان بولساق، ئۇ ۋاقىتتا ش ئۇ ئا ر دىكى كەڭ كۆلەمدىكى ئىقتىسادىي لايىھىلەر بۇ رايوننى كەڭ كۆلەملىك خىتايچىلاشتۇرۇشقا بېرىپ تاقالماقتا. مەملىكەتنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن خەنلەر يېڭى ئۆيلەرگە ۋە يېڭى كارخانىلاردىكى ئىش ئورۇنلىرىغا ئىگە بولماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ش ئۇ ئا ر دىكى خەنلەرنىڭ سانى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭلەشتۈرۈلدى».
شاكۇر ئۆز ماقالىسىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىگە توختىلىپ، قەشقەرنىڭ ئۇلۇغ يىپەك يولى باشلانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ پەيدىن-پەي يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە نىسبەتەن تۇتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۆتكەنكى ئەسىردە خىتاي ۋە سوۋېت مەنپەئەتلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى، ھازىرقى پەيتتە، چىگرىنىڭ ئۇ قېتىدا سوۋېت ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى، قەشقەر، ئۈرۈمچى، غۇلجىدىكى ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭمۇ ئۆز مەنپەئەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتكە باستۇرۇش چارىلىرى بىلەن تەسىر قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.