خىتاي تور بەتلىرىدىكى قەشقەر ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

ئۆتكەن ئايدا خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھەم خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، خىتاي تور بەتلىرىدە بۇ ۋەقەلەر ھەم ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنازىرىلەر كۆپەيدى.

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە خىتاي تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ئاساسى تېمىلىرىنىڭ بىرى، خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھەم خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولماقتا. خىتاي تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە، 2009-يىلى ياز پەسلىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ۋەھىمە تۇيغۇسى كۈچىيىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق ۋەقەلەر مەيدانغا كېلىدۇ، دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى.

خىتاينىڭ سىنا تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ياۋ شىنيۇڭ ئىسىملىك خىتاي زىيالىيسى تەرىپىدىن يېزىلغان، «خوتەن، قەشقەر ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىش» ناملىق ماقالىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ، كۆچمەن خىتايلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ھېس قىلىۋاتقان تەھدىتنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتى ھەم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك باستۇرۇش ھەم چەكلىمىلەرنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئاپتور ياۋ شىنيۇڭ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشىغىنى ئۈچۈن، ئۇ يەردىكى كۆچمەن خىتايلار بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆزلىرىنى تەھدىت ھەم قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتقان تۇيغۇدا ھېس قىلىدىغانلىقىنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىدۇ.

«ئاڭلىشىمچە، 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئاشۇ يىلى، بىڭتۇەندىكى خىتاي پۇقرالىرى ئاغزىدا، بىڭتۇەن شتابىغا كەلگىنىمىزدە ئۆزىمىزنى ئازاد رايونغا كەلگەندەك ھېس قىلىمىز، دېيىشىپتۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھېس تۇيغۇسى. ھۆكۈمەت ئەسلى خىتاي پۇقرالىرىدا نېمە ئۈچۈن بۇ خىل تۇيغۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشى كېرەك ئىدى.»

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار زېمىنىدا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت تەھدىت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل قورقۇنچ ھەم تەھدىتنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قۇربان قىلىنىشى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاۋاتقان ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياۋ شىنيۇڭ ماقالىسىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي سىياسەتتىكى تەڭسىزلىكنى ھېس قىلمايلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى سۆھبەت شەكلىدە بايان قىلىدۇ.

ياۋ شىنيۇڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن خىتاي پۇقراسى ئۆز سۆزىدە شىنجاڭدا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى تەھدىت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل ، مەدەنىيەت ھەم دىنىي جەھەتتىكى چەكلىمىلىرىنى توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدىلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ياۋ شىنيۇڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تۇيغۇسىنى بايان قىلىپ،«مەن شىنجاڭدا ياشاۋاتقان خىتاي قېرىنداشلىرىمنىڭ قورقۇنچ ھەم نەپرەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلماقتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىۋاتىمىز، ھاياتىمىز تەھدىت ئىچىدە دېيىشىدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ زېمىندا ئېرىشكەنلىرىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى، بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردە ھۇجۇم نىشانىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەر ۋاقىت خىتاي پۇقرالىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەر ۋاقىت ھۆكۈمەتتىن خىتاي پۇقرالىرىنى قوغدىمىدىڭ دەپ ئاغرىنىدۇ.» دەپ يازىدۇ.

ياۋ شىنيۇڭ ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە تۈسىنى ئالغان مىللىي سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق يازىدۇ.

«نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار شىنجاڭنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى دەپ بىلىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇ زېمىندىكى بايلىقلارنىڭ ھەم بۇ زېمىننىڭ ھېچقانداق بەدەلسىز ھەم شەرتسىز ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويمايدۇ. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت قاتتىق سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەجبۇرىي چېقىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە چەكلىمىلەر قويۇلدى، قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇرلارغا تېڭىلدى، ئۇلارغا تاللاش پۇرسىتى بېرىلمىدى. بۇ زېمىننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرى تولىمۇ تۆۋەن باھادا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارتىپ كېتىلدى. ئەجەبا بۇلار يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماسمۇ؟»

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزە ماقالىسىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىكنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چېڭ يۈشېڭنىڭ قەشقەر ۋەقەسى ھەققىدىكى پىكرى نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق بايان قىلىنغان.

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ، تىل، دىنىي سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمىدى. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن دەرس ئالمىغانلىقى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال. بۇنداق شارائىتتا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھېچقانداق ھەق-ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىدىن شىكايەت قىلىشى، ئۆز نارازىلىقلىرىنى شىددەت ئارقىلىق ئىپادىلىشى تەبىئىي ئەھۋال.»