خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «بىڭتۇەن تور گېزىتى» بۈگۈن، نۇر بەكرى قەشقەرگە ماتەم تۇتقىلى باردى دەپ خەۋەر قىلغاندىن باشقا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «خەلق» گېزىتى قاتارلىقلار بۈگۈن قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى ھەققىدە ھېچقانداق يېڭى ئۇچۇر ئېلان قىلمىدى.
ئەمما تەيۋەن، خوڭكوڭ قاتارلىق چەتئەل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن يەنىلا «قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى» ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ قەشقەردىن خەۋەر قىلىشىچە، ئالەمشۇمۇل يىپەك يىلىدىكى قەشقەر شەھىرىدە، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن يەرلىك ئۇيغۇرلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، ئاز دېگەندە 20 ئادەم ئۆلگەن ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. تەخمىنەن 600 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ 80% نى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغان بۇ شەھەردە بۈگۈن، خىتاينىڭ مۇنتىزىم ئەسكەرلىرى ۋە پىلىموت بىلەن قوراللانغان زاپاس ساقچىلىرى ھەممە يول ئېغىزلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى. يوللاردا يەرلىك خەلقنى ئۆتكۈزمەيدىغان بەلگىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ شەھەردە يەنىلا، «پاكىستاندا تەربىيىلەنگەن تېررورچىلار خەلقنى ئۆلتۈردى» دېگەن تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مۇقىملىقنى ساقلىيالمايۋاتقان غەربىي شىمالدىكى قەشقەر شەھىرىدە، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ خىتاي ئۈچۈن يەنە بىر چوڭ جىددىيلىك پەيدا قىلدى. بۇ جايدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدىغان ۋەسۋەسە كۆپەيدى.
تەيۋەندىكى مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەر شەھىرى بۈگۈن بەكلا چۆلدەرەپ قالدى، كوچىلاردا پەقەت زور تۈركۈم قوراللىق ساقچىلارنى، چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان برونې قىسىملىرىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قەشقەر ئەڭ بىخەتەر دەۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرى بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇيغۇرلار رامزاننى ئۆتكۈزۈپ بولسا، ۋەزىيەت يەنە جىددىيلىشىدۇ، دەپ قارايدۇ.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭباۋ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 10 دا، بىر نەچچە يۈز خىتاي قەشقەردىكى خەلق مەيدانىغا توپلىنىپ،«ھاياتىمىز خەۋپكە ئۇچرىدى، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا يۇمشاق قوللۇق قىلدى، بىز بۇ يۇرتتا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايمىز» دەپ نامايىش قىلغاندا، توپلانغانلىقى ئادەمگە قارىتا ئوق چىقىرىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى بۇ خىتاي نامايىشچىلىرىغا سۈكۈت قىلدى.
قەشقەردە تۇرۇۋاتقان بىر خىتاي خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە ئېيتقان گەپلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، «تېررورچىلار ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن خەۋەرلىرى بۇ شەھەرگە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەسەللى بېرەلمىگەن. ئۇلار، «بۇ يۇرتتا تۇرغىلى بولمايۋاتىدۇ، بىز ھازىر سىرتقا چىقساق قولغا كالتەك ئېلىپ چىقىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ قاچان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ» دەپ دەرد ئېيتقان.
تەيۋەندىكى خىتاي ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەردىكى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئەتراپى ئەڭ باس-باس ئاۋات بازار ئىدى. ئەمما بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ جايدا دۇكانلار تاقىلىپ كەتتى. بۇ جايدىكى قايناق ئاۋات بازارلار بۈگۈن بەكلا چۆلدەرەپ قالدى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئادەم ئەڭ كۆپ كېلىدىغان كۆكتات بازىرىدىمۇ، بۈگۈن خېرىدارلار بەكلا شالاڭ.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭباۋ» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جا چەنچاۋ بۈگۈن، كورلا ئىقتىسادىي رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «زامانىۋى تۈرمە بىنا قىلىش مۇراسىمى»غا قاتناشتى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جا چۈنلىن بۇنى، «بۇ رايوندا مەخسۇس يەرلىك مەھبۇسلارنى قامايدىغان، ئالىي مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئېگە ئەڭ چوڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنىڭ بىرى» دەپ جاكارلىدى.
ئىنتېرنېت تورلىرىدا بۈگۈنمۇ، قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر داۋاملاشتى. خىتايپەرەس تور گېزىتى-«دوۋېي» خەۋەر تورىدا خىتاي مىللەتچىلىكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭدا، بىرى، «ھازىرقى ئۇيغۇرلار، قەدىمكى زاماندا بىز بىلەن ئۇرۇشقا ھونلار شۇ، دەپ كۆرسەتسە، يەنە بىرى، دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىۋاتقان دۆلەتلەر كۆپىيىپ قالدى، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك» دەپ چۇقان سالدى.
ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇنازىرە بەتلىرىدە بولسا، «خىتاي يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى پۈتۈن دۇنيا ئاشكارا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك» دېگەن تەشەببۇسلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.