2006-يىلدىن بۇيان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كانادا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كۆپلەپ كۆچۈشى، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ كۆچۈشىدىكى يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. خىتايدا چىقىدىغان ئىقتىساد پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 2011-يىلغىچە چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلاشقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى 45 مىليونغا يەتكەن.
يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقان خىتاي كۆچمەنلىرىدىن پەرقى بۇ كۆچمەنلەرنىڭ زور كۆپ قىسمىنى، خىتايدىكى يۇقىرى تەبىقىگە مەنسۇپ بولغان پۇلى بار سودىگەرلەر،خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەمدە چەتئەللەرگە ئوقۇش ئۈچۈن چىققان خىتاي زىيالىيلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىل قىلغان. كانادا، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2006-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيگەن.
كانادادىكى يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلى مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن كاناداغا يەرلەشكەن كۆچمەنلەر 10 مىڭغا يەتكەن. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ 70% خىتايدىن كەلگەن. بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيىگە مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەر ھەر يىلى 3500 دىن 4000 غىچە بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايدىن قوبۇل قىلىنغان كۆچمەنلەر ھەر يىلى 2000 دىن ئاشقان. خىتايدا چىقىدىغان ئىقتىساد پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2003-يىلى خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن خوڭكوڭغا كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شۇ يىلى خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدىن خوڭكوڭغا مەبلەغ سېلىش نامىدا كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى 500 نەپەر بولغان بولسا، 2008-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 1800 نەپەرگە، 2009-يىلى 3391 نەپەرگە يەتكەن. 2010-يىلدىن باشلاپ خوڭكوڭ ئالاھىدە ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن خوڭكوڭغا يەرلەشمەكچى بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە قاراتقان چەكلىمىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇندىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھامىلىدار خىتاي ئاياللىرىنىڭ ساياھەت قىلىش نامىدا، خوڭكوڭغا كېلىپ تۇغۇپ، بالىسىغا خوڭكوڭدا تۇرۇش ئىجازەتنامىسى ئېلىشقا ئۇرۇنۇشىغا قارىتا خوڭكوڭ دائىرىلىرى 2010-يىلدىن باشلاپ تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان.
خىتاي پۇقرالىرىدىكى بۇ خىل كۆچۈش ئەھۋالى ھەم بۇ خىل كۆچۈشنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ مۇنازىرىلەردە يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرى ھەتتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە چىقىپ يەرلەشكەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئاساسەن خىتايدىكى مۈلۈكدارلار ھەم يۇقىرى مەلۇماتلىق بىلىم ئىگىلىرى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل ئەھۋالغا دىققەت قىلىش ئاگاھلاندۇرۇلغان.
ئۇندىن باشقا تېخىمۇ مۇھىمى خىتايدىكى يۇقىرى تەبىقە ھەم ئوتتۇرا تەبىقىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە كۆچمەن بولۇش يولىنى تاللىۋېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتايدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە ئىسلاھات يۈرگۈزۈشى زۆرۈرلۈكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ لياۋنىڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ «ۋۇ ۋېي پىڭلۈن» سەھىپىسىدە «جۇڭگولۇقلار نېمە ئۈچۈن كۆچمەن بولۇشقا ئامراق» دېگەن پروگراممىسىدا مۇنداق بايانلار بېرىلگەن:
«جۇڭگودا يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان مۈلۈك ئىگىلىرى ھەم بىلىم ئىگىلىرىنىڭ چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ كېتىش شامىلى ئەۋج ئالدى. بۇ جۇڭگونىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا چېكىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. چۈنكى، نۆۋەتتە جۇڭگودا 10 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن كۆپ مەبلىغى بار دەپ قارالغان پۇقرالار 5-6 يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە 30% ھازىر چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلاشتى. يەنە چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلىشىش رەسمىيىتىنى ئۆتەۋاتقانلار 47% ئىكەن. ئەمما بۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىش يولىنى تاللىۋېلىشىدىكى سەۋەب خەلقىمىز ھەم ھۆكۈمىتىمىزگە ئايان بولسا كېرەك. ئۇلار چەتئەللەردىكى ئازادە ھەم راھەت بولغان ئىجتىمائىي، تەبىئىي مۇھىتتىن باشقا تېخىمۇ مۇھىمى غەرب دۆلەتلىرىدىكى دېموكراتىك تۈزۈمگە تەلپۈنگىنى ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىدى. بولۇپمۇ، جۇڭگونىڭ ھازىرقى دۆلەت تۈزۈلمىسى پۇلدار كىشىلەرنى ئۆز مۈلكى ھەم ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەتسە، سەنئەتكارلار، زىيالىيلار قاتلىمىغا قويۇلغان سۆز ھەم پىكىردىكى تۈرلۈك چەكلىمىلەر، ئىقتىدارى يار بەرگەنلىكى كىشىلەرنى بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلماقتا.»
بۇ پروگراممىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھازىرقى تۈزۈلمىگە قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىمۇ تەكىتلىنىپ:
«نۆۋەتتىكى ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشى، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى كونكرېت سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىشى ھەم بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ جۇڭگودا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان تەبىئىي ھەم ئىجتىمائىي ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلىشى، نىسبەتەن كەڭرى بولغان دېموكراتىك تۈزۈم يولغا قويۇلۇپ، نۆۋەتتە ئەمەلدارلار قوشۇنىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان پارىخورلۇق، بىيۇكراتلىق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا چەكلىمە قويۇشى، تىجارەتچىلەرگە ئەمەلدارلارنىڭ قاقتى-سوقتىسىدىن خالى بولغان تىجارەت مۇھىتى، سەنئەتكار زىيالىيلارغا ئازادە پىكىر ئىجادىيەت مۇھىتى، پۇقرالارغا قارىتا دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمىنى ياخشىلاپ خەلققە خاتىرجەم ياشاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە تىرىشىشى كېرەك. ئەنە شۇندىلا بۇ خىل كۆچۈش شامىلىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.
گەرچە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلىشىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر مەخسۇس ئىشلەنگەن پروگراممىلار بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇ مىللەتلەرنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە كۆچمەن بولۇش يولىنى تاللىۋېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتى ھەم دىنىي سىياسىتى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ھەم مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلىرىنى خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چەتئەللەرگە چىقىش يوللىرىغا چەكلىمىلەرنى قويماقتا.