ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ «بىرىنچى قول» باشلىق بولۇشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم

بىر ئۇيغۇر ۋە بىر خىتاي زىيالىيسى مۇلاھىزىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە بىرىنچى قول باشلىقلارنىڭ ئاساسەن خىتاي بولىدىغانلىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىدا ئىقتىدار، تىل ۋە ئىشەنچ مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

0:00 / 0:00

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە تۇرغۇنجان تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىق بولۇشى نېمىشقا تەس؟» دېگەن ماقالىسى بىلەن ياۋشىنيۇڭ ئىسىملىك خىتاي زىيالىيسىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەردىن 1-قولنىڭ يوقلۇقى نەزەرىيىسىگە باھا» دېگەن تېمىدىكى ماقالىلىرى بېسىلغان. ھەر ئىككىلا ئاپتور مۇلاھىزىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىيلارنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى قول باشلىق قىلىپ سايلىنالمايدىغانلىقىدەك بىر ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە بۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان ئىشەنچنىڭ كەمچىللىكى، دەپ قوبۇل قىلغان.

ئۇلار بۇنىڭدىن سىرت، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ يېتەرسىز، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى، خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە مىللىي كادىرلارنىڭ يېتىشمەسلىكىدەك ئامىللارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە پارتكوم سېكرېتارلىقىغا ئوخشاش بىرىنچى ھوقۇقنى خىتايلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى زۆرۈر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بىرىنچى قول باشلىق بولالايدۇ؟ ياۋ شىنيۇڭ ئىسىملىك خىتاي زىيالىيسى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى يېتىشتۈرۈشتىن باشقا يەنە، بىرىنچى قول رەھبەرلەرنى تاللاپ سايلاشتا، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. يەنى، خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە دېموكراتىك سايلىنىش سىستېمىسىنى پەيدىن-پەي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دېگەن. يۇقىرىدىكى تېما بىر قىسىم ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە يارىتىش بىلەن بىرگە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار مەسىلىسىگە بولغان چۈشەنچىسى يۇقىرىدىكى ئىككى ئاپتوردىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىقتىدار، سەۋىيە، سان ئامىللىرىنى مەسىلىنىڭ ھەقىقىي نېگىزى ئەمەس، دەپ كۆرسەتمەكتە.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرى

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي رەھبەرلەرنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇقى بولمىغان، پەقەت قارارنى ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىلا بولغان قورچاق رەھبەرلەر ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈپ ئىستراتېگىيىسى يەنى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاز سانلىق مىللەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقى، ئۇلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبەر بولالماسلىقى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە بولۇپ كەلگەن بىر تېما بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھېچقاچان مەسىلە سۈپىتىدە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باقمىغان ئىدى. ئەمما يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ مۇلاھىزىدە بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىپلا قالماي، بەلكى يېقىندىن بۇيان يەنى، يېڭى سېكرېتار جاڭ چۈنشيەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان بىر قىسىم يېزا پارتكوم سېكرېتارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تاللىنىشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ھازىر ناھىيە پارتكوم سېكرېتارلىرىنى مىللىيلاشتۇرۇشقا قاراپ پەيدىنپەي كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. مۇلاھىزىدە بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت رەھبەرلەرنىڭ بىرىنچى قول بولالماسلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالدى، بۇنىڭ ئەمەلىي رولى نېمە؟

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداقتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى بىرىنچى قول باشلىق قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقى ئەمەس، بەلكى يەنىلا يەرلىك خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ يانچۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئويناۋاتقان ئويۇنىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى قوشۇمچە قىلدى. بىز ۋەتەن ئىچىدىكى تورداشلارنىڭمۇ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدىن بىر قانچىسىگە دىققەت قىلىپ باقايلى. مەلۇم بىر تورداش بۇنىڭغا:
‏-ھازىر رايونىمىزنىڭ قىسمەن يېزىلىرىدا پارتكوم شۇجىلىرى ئۇيغۇردىن، يېزا باشلىقلىرى خەنزۇدىن قويۇلۇپتۇ. ئەمما ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ئەھۋالدا يەنىلا كۆپ ئۆزگىرىش يوقتەك قىلىدۇ. ئىشلار يەنە شۇ ئاۋۋالقىدەك يۈرۈشۈۋېتىپتۇ. مەن ئىلگىرى ئىشلىگەن ئىدارىلەردىمۇ خەنزۇ شۇجى، ئۇيغۇر ئىدارە باشلىقى چاغدا، شۇجىنىڭ پىچىقى كېسەتتى. كېيىن ئۇيغۇر شۇجى، خەنزۇ ئىدارە باشلىقى بۇلىۋېدى، ئىدارە باشلىقىنىڭ پىچىقى ئىتتىكلىشىپ كەتتى. دېمەك، پۈتۈن 1-قول ھوقۇقنى ئۇيغۇرغا ئېلىپ بەرسىمۇ بەرىبىر ئوخشاش» دەپ ئىنكاس بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تورداش «مېنىڭچە ئۇيغۇرلار 1-قول باشلىق بولالماسمىكىن. چۈنكى خەنزۇلاردا «ھوقۇق قانچىلىك، پايداشۇنچىلىك» دېگەن گەپ بار، شۇڭا خەنزۇلار ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كەلگەن ھوقۇقنى ھەرگىز باشقىلارغا بەرمەيدۇ. بۇ ئىنسان قانۇنىيىتىدۇر» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تورداشلار قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىرىنچى قول باشلىقنى ئۇيغۇردىن سايلاپ قويۇشنىڭ رايوندىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرگە ھېچبىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇلمىغۇچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، يۇقىرىدىكى ئۆزگىرىشكە قارىتا ئۈمىدسىز پوزىتسىيە ئىپادە قىلىنغان.