ئۈچىنچى دۇنيا ھاكىممۇتلەقلىرىنىڭ تەختتىن چۈشۈش ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟

ئۈچىنچى دۇنيانىڭ ھاكىممۇتلەقلىرى ھازىرقى زاماننىڭ بۆرىلىرىگە ئايلىنىپ قالدى دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ. زامانىمىزدا ئېزىلىۋاتقان خەلقلەر دىكتاتورلاردىن ئازاد بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011.03.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مىسىرلىق مەشھۇر يازغۇچى تەۋفىق ۋائىي كۇۋەيتتە چىقىدىغان «ئەل مۇجتەمە ژۇرنىلى» نىڭ 2011-يىلى 4-مارت سانىدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:‏
-ئەپلاتون ئۆز ۋاقتىدا «ئادەم گۆشىنى بىرەر قېتىم تېتىپ باققانلار بۆرىگە ئايلىنىدۇ. ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن قورقمىغانلار ئاخىرى ۋەھشىي ھايۋانغا ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەن ئىكەن. ئۈچىنچى دۇنيانىڭ ھاكىممۇتلەقلىرى ھازىرقى زاماننىڭ بۆرىلىرىگە ئايلىنىپ قالدى دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ. زامانىمىزدا ئېزىلىۋاتقان خەلقلەر دىكتاتورلاردىن ئازاد بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. خۇسۇسەن ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى شۇنداق بىر ئازادلىقنى ۋە ھەقىقىي دېموكراتىيىنى، ھاكىممۇتلەقلەرنىڭ بىر-بىرلەپ يەر بىلەن يەكسان بولۇشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە. ئەمما، قۇرۇق ئارزۇ بىلەن ھېچقانداق بىر ئىش ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. مىسىردىكى نامايىش قاھىرەنىڭ ئازادلىق مەيدانىغا توپلىشىپ نامايىش قىلىشنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىۋاسىتە ئۇقتۇرۇش قىلىش ئارقىلىق باشلىنىپ ئاخىرى غەلىبە قىلدى. ئەگەر، خەلق زۇلۇمغا، ھەقسىزلىككە رازى بولۇپ، تەقدىرىم مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرغان بولسا، بۇ غەلىبە قولغا كەلمىگەن بولاتتى.
شۇڭا دىكتاتورلارنى يېتىشتۈرگەنلەر يەنىلا خەلقتۇر. پىرئەۋن ھەققىدە مۇنداق بىر قىسسە بار. پىرئەۋندىن ئاللاھ سوراپتۇ «ئەي پىرئەۋن! قانداقلارچە سەن ئۆزۈڭنى مىسىرنىڭ ئىلاھى دەپ ئېلان قىلدىڭ ۋە خەلقىڭنى شۇنچىلىك ئەزدىڭ؟»، پىرئەۋن جاۋاب بېرىپ دەپتۇ: «ئەي رەببىم! مېنى خەلقىم شۇنداق قىلىپ قويغانتى. چۈنكى، مەن زۇلۇم قىلسام، ئۇلار ماڭا قارشى چىقمىغان، مەن ھەددىمدىن ئاشسام، ئۇلار مېنى ئاگاھلاندۇرمىغان، مەن يالغان سۆزلىسەم، ئۇلار بۇنى تەستىقلىغان، يامان ئىشلىرىمنىمۇ ياخشى ئىشلارغا ئوخشاش ماختاپ مېنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلار مېنىڭ خەلقىمدۇر. مەن خەلقىمدىن نارازىمەن.»

يېڭى باشلىقلىرىمىز قانداق بولىدۇ؟

يازغۇچى ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«مىسىردا نېفىت، تەبىئىي گازدىن باشلاپ نۇرغۇن بايلىقلار چىقىدۇ. زىرائەتچىلىكتىمۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ چەت دۆلەتلەرگە تۆلەيدىغان قەرزى دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. سابىق رەئىس ھۆسنى مۇبارەك 30 يىل جەريانىدا مىسىرنى قاتمۇ-قات قەرزگە بوغۇپ قويغان بىلەن ئۆزىنىڭ شەخسىي بايلىقىنى 70 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەن. مىسىرنىڭ دۆلەت خەزىنىسىدىنمۇ بۇنچىلىك پۇل چىقمايدۇ. بۇنچىلىك پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆز خەزىنىسىگە سالغاندىن كۆرە، يېرىمى بىلەن بولسىمۇ مىسىرنىڭ قەرزىنى ئۈزۈشكە ئىشلىتىشنى خالىمىغان ئىدى. مۇبارەكنىڭ تويماس نەپسى ئۆزىنىڭ بېشىنى يېدى.»

ھۆرىيەت ئەڭ قىممەتلىك بايلىق

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن، مىسىر خەلقى چوڭ دۆلەتلەرگە قەرزدار بولسىمۇ، تەبىئىي بايلىقى چىرىكلەشكەن ھاكىمىيەتنىڭ ئادەملىرىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن پېقىرلىقتا قالغان بولسىمۇ، ئۇلار ھۆرىيەتكە ئېرىشتى ۋە ھەقىقىي دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ھۆرىيەت بىلەن ئەركىنلىكنى پۇلغا سېتىپ ئالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىقتۇر. بۇندىن كېيىنكى يېڭى باشلىقلار دىكتاتورىلىقنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپلا،خۇددى بۇرۇنقىلاردەك بولۇۋالامدۇ ياكى ئىنساپ بىلەن ئىش كۆرۈپ دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرامدۇ؟ بۇنى خەلقنىڭ سەگەكلىكى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر، خەلق ئىشىنى باشلىقلىرىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ غەپلەت ئۇيقۇدا ئۇخلىسا، ئىش يەنە ئىلگىرىكىدىن پەرقلەنمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، باشلىقلار خەلقنىڭ تومۇرىنىڭ سوقۇشىغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.