فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 6 - نويابىردىكى « خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەت مەملىكەتلىك كۆلەمگە ئىگە » ناملىق خەۋىرىدە مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئەسەرنىڭ ئاپتورى بەيشيا پارىژ سىياسىي قانۇن ئىنىستېتوتىنىڭ پروفېسسورى، خىتاي سىياسىي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ھەم خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەت تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئىلگىرى خىتاي ھەققىدە كۆپلىگەن ئانالىزلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
« خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەت مەملىكەتلىك كۆلەمگە ئىگە» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر تېخى تەشكىللىك، سىستېمىلىق بىر باسقۇچقا قەدەم قويمىغان. خىتاي خەلقىنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرەلەيدىغان بىر سىياسىي لىدەر ياكى ئاكتىپ دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى مەيدانغا كەلمىگەن. خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن بۇنداق ئىلغار پىكىرگە ئىگە بىرلىرىنىڭ پات ئارىدا ئوتتۇرىغا چىقىشىدىنمۇ ئۈمىد يوق. خىتايدىكى سىياسىي مۇھىت بارغانسىرى ناچارلاشماقتا. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتايدىكى دېموكراتچى زاتلار ئىنتېرنېتتا بولسىمۇ پىكىر بايان قىلىش ئىمكانىغا ئىگە. 2008 - يىلى، ليۇ شاۋبونىڭ « ئاساسىي قانۇننىڭ 8 - ماددىسى» ناملىق چاقىرىقىغا ئىمزا ئاتقانلارنىڭ سانى 10مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ليۇ شاۋبو قولغا ئېلىنغاندا، ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن چۇقان سالغان ۋە ئىمزا توپلىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. خىتايدا يەنە زىيالىيلار قاتلىمىدىن، ئادۋوكاتلار ساھەسىدىن، تور يازارلىرى سېپىدىن، مۇخبىرلار ئارىسىدىن دېموكراتىيە ئۈچۈن سۆزلەۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ. مانا بۇلار، خىتايدا دېموكراتىك كۈرەشنىڭ مەملىكەتلىك بىر كۆلەمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ماقالىدە يەنە، ئەرەب باھارى ئىنقىلابىنىڭ خىتايغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، خىتاي يۇرتلىرىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنىڭ تىنچ كوچا يۈرۈشىگە ئاتلانغانلىقى، تور بەتلىرىدە خىتايدىكى ھەقسىزلىقلەرگە قارشى چۇقان سېلىۋاتقانلىقى يېزىلغان. بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى چەكلىمىگە ئىگە بولۇپ، ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا پىكىر قىلغان، ھەرىكەت قىلغان دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنى بىردەك قاتتىق باستۇرماقتا. ھەتتا مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش ئېھتىمالى بولغانلارمۇ گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنماقتا. بۇ، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدا دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ ئاستىرتتىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا خەلق تەرىپىدىن سۆيۈلمەكتە ھەم شۆھرىتى خەلق ئىچىدە ئۆسۈپ بارماقتا.
خىتايدىكى دېموكراتىيە مەسىلىسى توغرىسىدا خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ئاپتور « خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەت مەملىكەتلىك كۆلەمگە ئىگە» ناملىق ماقالىسىدە يەنە شۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: 2012 - يىلى خىتايدا ھوقۇق ئالمىشىش بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دەۋرنى خەلقنى قوزغاشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ بىلىۋاتىدۇ. لېكىن، خىتاي ساقچىلىرى سىياسىي پىكىر ئېقىمىدىكى كىشىلەرنى، ئادۋوكاتلارنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، مۇخبىرلارنى تۇتۇپ سولاشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. مەھبۇسلار ئېغىر روھى زەربىگە ئۇچراپلا قالماي، جىسمانىي زەربىلەرگىمۇ ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىدە خىتاي مەركىزى ئاپاراتىدا پىكىر ئىختىلابى بار. ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشى خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى يۇمشاق - قاتتىق ئىككى خىل كۈچنىڭ ئۆز -ئارا كۈرىشىنىڭ مەھسۇلى. خىتاي مەركىزىدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى پەقەتلا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرماقتا. يەنە بىر قىسمى نىسپەتەن كەڭ دېموكراتىك مۇھىت بەرپا قىلىش تەرەپدارى بولماقتا. نېمىلا بولمىسۇن، خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىن سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا پېتىنالايدىغان بىرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئۈمىد يوق. بۇ دېگەنلىك؛ خىتايدا دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ليۇ شاۋبوغا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىشى، خىتاي دېموكراتچىلىرى ئۈچۈن زور ئىلھام بولۇپلا قالماستىن، خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ غەرب تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر.