ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پەرزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ پەرزىنى ئادا قىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بۇرچى دەپ تونۇيدۇ.
ئەلۋەتتە، دىنىي ئەركىنلىكى بار دۆلەتلەردە روزا تۇتقان ئىنسانلار، روزا ئېيىنى خۇشال - خوراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە. ئەمما ئۇيغۇرلارچۇ ؟
مەتبۇئاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەپ، روزا ئېيىدا ئىدارە، جەمئىيەت، مەكتەپلەردە كىشىلەرنى مەجبۇرىي تائاملاندۇرۇپ، ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
دىنىي ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن ئۇيغۇر ئىلىدا بۇ يىلقى روزا ئېيىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، بىز قەشقەر ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىغا تېلېفۇن ئۇردۇق.
تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن خىتاي نۆۋەتچى خادىم، بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفۇن ئۇرغانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىدارە مەسئۇللىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە كېيىن تېلېفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرىشىمىزنى بىلدۈرۈپ، بىزنىڭ "رامىزان " ھەققىدە ئۇنىڭدىن سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
بىز يەنە، قەشقەر ۋىلايەتلىك پەيزىۋات ناھىيىسى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى قۇربانغا تېلېفۇن ئۇردۇق. قۇربانمۇ بۇ توغرىلىق سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەيزىۋات ناھىيىسىدە خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن مەلۇم بىر دىنىي زاتقا تېلېفۇن ئۇردۇق. بۇ دىنىي زاتتىنمۇ ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىدۇق.
ئۆتكەن يىلى بىز، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رېستۇرانلارغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن مۇلازىمەت قىلىشنى توختاتقان رېستۇرانلارنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان ئىدۇق. بۇ يىلقى ئەھۋال قانداق ؟
بىز ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئاۋات رېستۇرانلاردىن بىرى بولغان "تۇمارس" رېستۇرانىغا تېلېفۇن ئۇردۇق.
كۆپ تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزان ئېيى ھەققىدە ئىجابىي بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندى، بۇ خىل ۋەزىيەت ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، دىنىي ئەركىنلىكى بولمىغان خەلقنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بېسىمىدىن سىرت يەنە، دىنىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈن "رامىزان ئېيىنى ئەركىن ئۆتكۈزەلمەيدىغان بىر ھالەت" كە چۈشۈپ قېلىشى، ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پولاتتەك بىر پاكىت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك توساقلىرىغا باش ئەگمەي تاقابىل تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مەيلى ھەرقانداق دىنىي بېسىم ئاستىدا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ شەرتلىرىنى بىجا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.