خىتاي مىللىتى ئەپۇ سورىسا خىتايدىكى مىللەتلەر ئارا زىددىيەت پەسىيەمدۇ؟

يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر بىز تور بېتىدە، «خىتاي مىللىتى ئەپۇ سورىسا، خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ياخشىلىنامدۇ؟» دېگەن تېمىدا بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

«قانداق قىلغاندا، خىتايدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى ۋاقتىنچە بولسىمۇ پەسەيتكىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلە، نۆۋەتتە خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ مۇھىم ئانالىز تېمىسىغا ئايلانماقتا. بېزىلەر كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىشنى مۇھىم نۇقتا دەپ قارىسا، بېزىلەر ئىقتىسادىي باراۋەرلىكنى شەكىللەندۈرۈشنى ئاساسلىق ئۆتكەل دەپ قارىماقتا. يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاي مىللىتى دۆلىتىدىكى باشقا مىللەتلەردىن تارىخىي خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ ئەپۇ سورىغاندىلا، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ يۇمشاش ئېھتىماللىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا. ئۇيغۇربىز تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي خەلقى ئەپۇ سورىسا، خىتايدا مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ياخشىلىنامدۇ؟» دېگەن تېمىدىكى ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«كۆپ ساندىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى چەتئەللىكلەر، خىتايدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ يىلتىزىنى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىك دەپ قارىماقتا. ئۇلار خۇددى، ئىقتىسادىي مەسىلە تۈگىسىلا، مىللىي مەسىلىنىڭمۇ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا. بۇ پۈتۈنلەي خاتا بىر تەخمىندۇر. چۈنكى خىتاي مىللىتىنىڭ خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئۆتمۈشتە سالغان زۇلۇملىرىنى ئۇنتۇپ كېتىش مۇمكىنمۇ؟»

ئاپتور بۇ پىكرىنى شەرھلەپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋەزىيەتلىرىدىن مىساللارنى كۆرسەتكەن. زۇ زۇڭتاڭ دەۋرىدىن ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىگە قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا بولۇپ ئۆتكەن مىللىي قىرغىنچىلىقلارنى قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئاپتور خىتاي مىللىتىنىڭ ياپونىيىلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
«2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىنىغا 60 يىلدىن ئاشتى، خىتاي خەلقىنىڭ ياپونىيىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەپۇ قىلغىنى يوق، سەۋەبى پەقەت ياپونىيىلىكلەر، خىتاي مىللىتىدىن سەمىمىي ئەپۇ سورىمىدى دېگەندىن ئىبارەت. ئاپتور بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخىنىڭ، باشتىن-ئاخىر توقۇنۇش تارىخىي، ئۇرۇش تارىخىي ۋە قىرغىنچىلىق تارىخىي ئىكەنلىكىنى، ئەپۇ سوراشنىڭ مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىشتا قىلچىمۇ رولى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.»

بۇ تېمىغا يېزىلغان بىر ئىنكاستا، خىتاي مىللىتىدىن خاتالىقلىرىنى تونۇش ۋە ئېتىراپ قىلىش پەزىلىتىنى كۈتۈشكە بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن:
«مەن خەنزۇ مىللىتىنى ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بىر قىسىم ئەقەللىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى چۈشىنىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان بىر خەلق دەپ قارايمەن. ئەۋلادلىرىغا قىساس ئېلىشتىن 10 يىلدىن كېيىن بولسىمۇ ۋاز كەچمەسلىككە چاقىرغان بىر مەدەنىيەتتىن، باشقا مىللەتلەردىن ئەپۇ سوراشنى كۈتۈش ئىمكانسىزدۇر.»

بۇ تېمىدىكى يەنە بىر ئىنكاستا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«يىراق ۋە يېقىن تارىخنى قويۇپ تۇرايلى، كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرگەن، 26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى، 7-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زوراۋانلىقى ۋەقەسى، خىتاي-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ بۇنداق بىر زوراۋانلىقتىن قېلىپ قالغان داغنى قۇرۇق ئەپۇ بىلەنلا ئەمەس، تىزلىنىپ ياش تۆكۈش بىلەنمۇ تازىلىغىلى بولمايدۇ. مۇنازىرىگە يېزىلغان ئاخىرقى بىر ئىنكاستا، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئەسلىدە مىللەتچى ھېسسىياتتىن خالىي بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، لېكىن چەتئەلدىكى بىر قىسىم خىتايلارنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاپ يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، خىتاي مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بايان قىلغان.»

خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ھەققىدە خىتايچە توربەتلەردىمۇ كۆپلىگەن مەزمۇنلاردا ئىنكاسلار مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنساپ ۋە ئادالەتكە چاقىرىلسا، كۆپ قىسمىدا، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ھەتتا قىرغىن قىلىش تەشەببۇس قىلىنماقتا. خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ساقچىلىرى، ھۆكۈمەتنى خاتالىقىنى تۈزىتىشكە چاقىرغان ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان ئىنكاسلارغا كۆز يۇمماقتا. شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۇن ۋېنگۇا ئۆتكەن يىلى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرىنى خاتا دەپ قارايدىغانلىقىنى، 7-ئىيۇل ۋەقەسىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زوراۋانلىقىلىرىدىنمۇ نومۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا بىر كۈنى خىتاي خەلقى ئۇيغۇر خەلقىدىن ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر بولىدىغان كۈنلەر كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىمۇ ئىقتىسادىي تەدبىرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، پەقەت سىياسىي ھوقۇق جەھەتتە باراۋەرلىك شەكىللەنگەندىلا ياخشىلىنىشتىن ئۈمىد كۈتكىنى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى خىتاي مۇستەملىكىچىلىكتىن ۋاز كەچمەي تۇرۇپ، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشىدىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىمەكتە.