«تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان خىتاي زىيارىتىدىن نېمىگە ئېرىشىدۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچىدىن باشلىغان خىتاي زىيارىتى توغرىسىدا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۆپلەپ ماقالە ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

تۈركىيە «سىتار» گېزىتىنىڭ 2012‏-يىلى 9-ئاپرېل كۈنىدىكى سانىدا، «ئەردوغان خىتاي زىيارىتىدىن نېمىگە ئېرىشىدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان بىر ھەيئەت بىلەن ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتىگە پەقەت تۈركىيىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل دۇنيا دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە غەرب ئەللىرى ئاللىقاچان خىتايغا ئالاقىدار ھەر قانداق ئىشنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ كەلمەكتە. خىتاي 1970-يىللاردىن ئېتىبارەن كەڭ كۆلەملىك جۇغراپىيىسىگە ۋە كۆپ سانلىق نوپۇسىغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە ئىقتىسادى تەرەققىيات مودېلىنى ۋە بۇ مودېلغا ئۇيغۇن بىر تۈزۈم چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ رەقىبى ھالغا كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي شەرقىي ئافرىقىدىن ئوكيانىيىگىچە بولغان كەڭ كۆلەملىك ساھەدە ئەڭ كۈچلۈك ئىككى ئامىلدىن بىرى بولدى، بۇنىڭ يەنە بىرى ئامېرىكا.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: 16-ئەسىردىن باشلاپ دەسلەپتە ئىسپانىيە، كېيىن گوللاندىيە، كېيىن ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ تەسىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان،جۇغراپىيىۋى سىياسىي ساھەدە غەرب ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈچ ئامېرىكا كۈچىدۇر. ھىندىستان، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك كۈچلەرمۇ خىتاي تەھدىتىگە قارشى ھوشيار بولۇپ كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ سىرتىدا باشقا بىر ئۈمىد ئىشەنچلىرى يوق. ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئاسىيانىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ ئېشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوباما ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ئاسىيا تىنچ-ئوكياندا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە كۆڭۈل بۆلۈشىمۇ ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا باغلىق.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: باش مىنىستىر ئەردوغان، خىتاي زىيارىتىدە سۈرىيىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلدى. قوشنىمىز سۈرىيىدە ئېقىۋاتقان قاننىڭ توختىلىشى ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگدىن بىر چارە تەدبىر تېپىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسلىدە سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچى ئىران. ئەمما بىز بۇ ھەقتە ئىرانغا بىر تۈرلۈك سۆزىمىزنى چۈشەندۈرەلمەيۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ھەل قىلىش مەسىلىسىدە قايىل بولۇشى ئەھمىيەتلىك. چۈنكى ئۇلار ئىراننى قايىل قىلىشقا كۈچلىرى يېتىدۇ.

ئىبراھىم كىراس ماقالىسىدە تۈركىيىنىڭ خىتاينى قايىل قىلىش كۈچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان:
خىتاينىڭ تۈركىيىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىدا شەك يوق، چۈنكى تۈركىيە خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن ئىسلام دۇنياسىدا مودېل دەپ قارىلىشى، تۈركىيىنىڭ جىددىي بىر ئارتۇقچىلىقى. رايونلاردىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشنى خالىغان بىر خەلقئارالىق ئويۇنچى بولغان خىتاي ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ دوستلۇقى ئىنتايىن قىممەتلىك. ئوخشاش ۋاقىتتا ھەم ئۆز ئىچىدىكى تۈرك مىللىتىدىن بولغان ئاز سانلىقلار بىلەن ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە تۈركىيىنىڭ ئوينىيالايدىغان رولغا خىتاينىڭ ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلاش كېرەك.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
خىتاينىڭ كۆپ سانلىق نوپۇسى ۋە كەڭ كۆلەملىك جۇغراپىيىسى ئىقتىسادى تەرەققىياتتا چوڭ بىر ئالاھىدىلىك ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى ھېسابلىنىدۇ. خىتايدا بۈگۈن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان 56 مىللەت بار. بىز بۇلارنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت باغلىنىشلىقىمىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىمىز. تىبەتلەر دۇنيادا ئۇيغۇرلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك گۇرۇپپىلارغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيادا دەرد-ھالىنى كۆپلەپ ئاڭلىتىۋاتىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئىچكى موڭغۇلىستان، مانجۇرىيىگە ئوخشاش ئىختىلاپتىكى رايونلارمۇ خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەر. خىتاي بۇ مەسىلىلەر ئۈچۈن ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم بىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىشى ئەھمىيەتلىك. تۈركىيە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىدىن خاتىرجەم قىلىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتا ئورتاق بولالايدۇ. خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تۈركىيە خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچى مۇتەخەسسىسى دوكتور سەلچۇق چۇلاكئوغلى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېڭىدىن بىر ئىشەنچ مۇھىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىپادىلىدى.

«جاھان» خەۋەر ئاگېنتلىقى گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، دوكتور سەلچۇق چۇلاقئوغلى، باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «3 يىل ئىلگىرى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن نامايىشنى قاتتىق قوللۇق بىلەن كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن خىتاي، ئۇيغۇر رايونىنى تۈركىيىگە كۆپلەپ ئېچىپ، ئۇ يەردە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ خاتا سىياسەت ئەمەسلىكى توغرىسىدا تۈركىيە خەلقىنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. تۈركىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى سىرتقا چىقارماستىن، كۆرگەن كەمچىللىكلەرنى بىۋاسىتە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزۈش ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ مەنىدە ھەم تۈركىيە تەرەپتىن ھەم خىتاي تەرەپتىن بۇ مەسىلىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىنى بىر توقۇنۇش ساھەسى بولۇشتىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ھەمكارلىقى ساھەسى ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز».

دوكتور سەلچۇق چۇلاقئوغلى سۆزىدە يەنە، خىتايدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش چوڭ بىر قوزغىلىش ھەرىكىتى ياكى چوڭ بىر توقۇنۇش يۈز بەرمىگۈچە، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار مۇناسىۋەتنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە شەرت-شارائىتلارنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟ بۇ ھەقتە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق.