ئەرەب باھارى ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىسى بەزى دۆلەتلەردە كۈتۈلگەن مېۋىسىنى بەرگەن بولسىمۇ، يەنە سۈرىيە ۋە يەمەنگە ئوخشىغان بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىنتايىن ئاستا كېتىپ بارماقتا.
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئەرەب باھارى ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى تىز بولمىغان بىلەن ئەرەب خەلقىنى ئويغىنىشقا ۋە دېموكراتىيىلىشىش يولىدىكى يېڭى ئىجابىيلىقلارغا باشلاپ ماڭماقتا ئىكەن.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 3-يانۋار سانىدا، مەشھۇر يازغۇچى ۋە سىياسىي تەھلىلچى خالىد قىشتىنىي تەرىپىدىن «ئەرەب باھارى كۈز پەسلىگە كېلىپ قالدىمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەرەب دۆلەتلىرىدە چىققان ئەرەب باھارى ھەرىكىتى باھار پەسلىدىن چىقىپ كۈز، ھەتتا قىش پەسلىگە كىرىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ زىيىنىدىن پايدىسى كۆپرەك بولغانلىقىدا شەك يوق. بۇ ھەرىكەتنىڭ زىيىنى دېگىنىمىزدىن مەقسەت تۆلەنگەن بەدەللەر بولۇپ، دۇنيادا ھەر قانداق بىر چوڭ ھەرىكەت بەدەلسىز بولمىغان. ھۆرىيەت، دېموكراتىيە ۋە ھەتتا بايلىقمۇ بەدەلسىز كەلمەيدۇ. ھەر بىر پايدىنىڭ بىر بەدىلى بولىدۇ. ئەرەب باھارىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى نۇرغۇن كىشىنىڭ قېنى تۆكۈلگەنلىكى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولغان زىيانلارغا مەركەزلىشىدۇ. مەسىلەن: مىسىردەك ئاساسلىق ئىقتىسادىي ساياھەتتىن كېلىدىغان دۆلەت ئۈچۈن ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئىشتىن توختاپ قېلىشىدىن چىققان ئىقتىسادىي زىياننى مۆلچەرلەپ بولغىلى بولمايدۇ. تۇنىس بىلەن مىسىردا خېلى كۆپ ساياھەت شىركەتلىرى زىيان تارتتى.»
ئەرەب باھارىنىڭ مول ھوسۇللىرى
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەرەب باھارىنىڭ غەلىبىلىرى ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىياندىن ئەلۋەتتە چوڭ ۋە كۆپتۇر. ئەرەب باھارىنىڭ غەلىبىسىنى مۇنداق تۆت پايدىغا ئىخچاملاپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ:
- ئەرەب باھارى ھەرىكىتى دۇنيا خەلقىگە قانداقلا بىر زالىم، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قورال كۆتۈرۈپ ئۇرۇش قىلماستىنمۇ، ھازىرقى زامانغا مۇناسىپ ھالدا تىنچلىق بىلەن كۈرەش قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق پارچاقلاپ تاشلىغىلى بولىدىغانلىقىنى نامايان قىلغان بولدى.
- ئەرەب باھارى ھەرىكىتى ئۆزلىرىگە چوقۇنىدىغان قورچاق دۆلەتلەردىكى ھاكىممۇتلەقلەرنى قوللاپ كەلگەن چوڭ دۆلەتلەرگە خەلقنىڭ كۈچىگە ھېچنەرسە كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە زالىم، ھاكىممۇتلەقلەرنى قوللىغاندىن كۆرە خەلقنى قوللاشنىڭ يوللۇق ھەم ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى. چۈنكى خەلقنى كۆزلىمەستىن، مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاق ياكى كېلىشىمنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولدى.
- ئەرەب باھارى ھەرىكىتى مۇستەبىت ھاكىممۇتلەقلەرگە خەلقنى بېسىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بوغۇپ تاشلاپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاپائىتىگە چوقۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتى خورلۇق ۋە پۇشايمان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى. چۈنكى بۇ زالىملارنىڭ جېنى ھەلقۇمغا كېلىپ قالغاندا، ئۇلار چوقۇنغان مەدەتكارلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى. كازافىينىڭ ئىبرەتلىك ئاقىۋىتى بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى ئۆرنەكتۇر.
- ئەرەب باھارى ھەرىكىتى زامانىمىز پەن-تېخنىكىلىرىدىن ئىنتېرنېت، قول تېلېفونى، ئانتېننا قاتارلىق ئۇچۇرلىشىش ۋە ئۇچۇر تارقىتىش قوراللىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭ رولىنى ئىسپاتلاپ بەردى. تۇنىستا تۇنجى ئەرەب باھارىنىڭ باشلىنىشىمۇ پىداكار ياشلارنىڭ ئىنتېرنېتتىن خەۋەر تارقىتىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. مىسىر، لىۋىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ۋەھشىي باستۇرۇشلار قول تېلېفونى ۋە ئىنتېرنېت سايىسىدە دۇنياغا تارقىتىلىپ كەلدى ۋە نامايىشچىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، شۇنداقلا بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قۇرۇشىغا ياردەمچى بولدى.»