ئەرەب دۇنياسى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالمىدى

ئۈرۈمچىدىكى قانلىق ۋەقە ئىسلام دۇنياسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيىدىن باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلەر يېتەرلىك ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە تۇتمىغان.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان قانلىق ۋەقەلەرنى غەرب مەتبۇئاتلىرى ئاخباراتچىلىقنىڭ تەرەپسىزلىك پرىنسىپلىرى بويىچە، دۇنيا جامائىتىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشتى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر-ئىككى ھەپتىگىچە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىگىلىدى. گەرچە ئۈرۈمچىدىكى قانلىق ۋەقە ئىسلام دۇنياسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيىدىن باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە گېزىتچىلەرنىڭ بۇ پاجىئەلەرگە يېتەرلىك ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە تۇتقانلىقىدىن ئېغىز ئېچىش تولىمۇ قىيىن.

10 نەچچە يىل ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە گېزىتچىلىك قىلغان، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ قەلەم تەۋرەتكەن، مىسىردا تۇغۇلغان ئامېرىكىلىق گېزىتچى مونا ئېلتاھاۋىي ئامېرىكىدا چىقىدىغان «خاففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، «ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇددىست، خىتاي ئىسرائىل بولۇپ قالغان بولسىچۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەبلەرنىڭ نەزىرىدە، خاتا دۈشمەنگە قارشى چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:
«غەرب ئەللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دەرت-پەريادىغا قۇلاق سالمىغانمۇ بولسۇن، ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى نەدە؟ بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، كوممۇنىست خىتايدىن ئىبارەت دىنسىز مۇستەبىتكە قارشى پۈتۈن دۇنيادا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئوبدان پۇرسەت ئەمەسمىدى؟ بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ پەلەستىنلىك، خىتاينىڭ ئىسرائىل بولۇپ قالمىغانلىقىدا. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ ئەرەب مۇسۇلمانلىرى پەقەت ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭلا يېغىرىنى كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان» دەپ يازىدۇ.

كانادادا چىقىدىغان «دۆلەت پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىردىن-بىر مۇسۇلمان يازغۇچىسى تارېك فاتاھنىڭ، مەزكۇر گېزىتتىكى «مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ئىككى خىل ئۆلچەم» ناملىق ماقالىسىدە، گېرمانىيىدە ئىرانلىق بىر مۇسۇلمان ئايال ئۆلتۈرۈلگەندە، مىسىر ۋە ئىراننىڭ تەۋرەپ كەتكەنلىكىنى، 100 دىن ئوشۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەندە بولسا، قاھىرە، كاراچى ۋە تېھرانلاردا خىتايغا قارشى سادالارنىڭ چىقمىغانلىقى، ھەتتا ئىراننىڭ دىنىي لىدەرى ئاياتۇللا ئالىي ھامېنېي بىلەن مىسىرنىڭ دىنىي لىدەرى شەيخ يۈسۈف ئەل-قارداۋىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دات-پەريادلىرىغا دېگەندەك قۇلاق سالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ:
«بۇ قېتىم ئەرەب دۇنياسى خىتاينىڭ تېخىمۇ تولۇق ئىشەنچىگە ئېرىشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا يەر ئالماستىن، بەلكى قانخور قاتىلنىڭ تەرىپىدە تۇرۇشى ئۈممەتچىلىك ئەقىدىسىگە زىت. لېكىن بۇ تۇنجى قېتىملىق ئەمەس. كوسوۋو بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىغاندا، مۇسۇلمانلار كوسوۋالىق قېرىنداشلىرىنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلىرى دەپ قارىلىدى. تېخى يېقىندىلا سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا ئەرەب مىللىتانلىرى قارا تەنلىك مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغاندا، مۇسۇلمان دۇنياسى سۈكۈت قىلىپ تۇردى. ھەقىقەتەن، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلىرى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭلا يېغىرىنى كۆرۈشكە ئامراق. ئەگەر ئىسرائىلىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە باستۇرۇپ كىرگەن بولسا ئىدى، بەلكىم ئۇ چاغدا، مۇسۇلمان دۇنياسى ئۇيقىدىن ئويغانغان ۋە ئاللا-توۋا كۆتۈرۈپ،نارازىلىق نامايىشلىرىنى باشلىۋەتكەن بولار ئىدى» دەپ يازىدۇ.