بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئۈمىد ئۈزەلمەيدۇ؟
يېقىنقى پروگراممىلىرىمىزدا مەلۇم بولغىنىدەك، نۆۋەتتە بېيجىڭدا 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ئەرزدار، ئەرز ئىشلىرى بىلەن ھەلەكچىلىكتە. مەلۇم بولۇشىچە، ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭدا ئەرزى ھەل بولۇپ قايتقانلار ھەققىدىمۇ ئېنىق بىر مىسال ياكى مەلۇماتلار مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدىن ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشىگە، بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارە بىر رېئاللىق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
شۇنداق تۇرۇقلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەرزدارلار، بېيجىڭدىن ئۈمىدىنى نېمە ئۈچۈن ئۈزەلمەيدۇ؟
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن، ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۈسەن ئەپەندى مەزكۇر ھادىسە توغرىسىدا ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.