خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتى قانداق مۇناسىۋەتتە؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى، «ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى تىل يەنى خىتاي تىلى، كەسىپ ۋە ئاڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆتكەلنى يەڭگەندىلا بۇ سىياسەت راۋان يۈرۈشىدۇ» دېگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.03.16
ichkir-olkilerge-yotkiliwatqan-uygur-qizlar-305 خىتاي ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئەمگەك كۈچى قىلىنىپ يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلار. 2010-يىل
RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشنى 2004-يىلى سىناق سۈپىتىدە باشلاپ، 2006-يىلى بۇنى مەخسۇس سىياسەت سۈپىتىدە يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئىدى، يەنى ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان بۇ سىياسەتكە «ئۇيغۇر رايونى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىستراتېگىيىسى» دەپ ئاتىدى. شۇنداقلا بۇ سىياسەتنى ئاساسەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستقا قاراتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 73% ئىدىن كۆپرەكى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەركەزلەشكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە دېھقانلار 80%tin ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئىككى مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇ جايلاردىكى دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا «بىر ئائىلىدىن بىرنى تەربىيىلەش، بىرنى يۆتكەش» دېگەنگە ئوخشاش تاكتىكىلارنى بۇ سىياسەتكە ماسلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ يۆتكەش ئېلىپ بارماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 2008-يىلىدىن 2010 ‏-يىلىغىچە مەزكۇر سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمدىن داۋاملاشقان بولسا، 2010-يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىلا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار كۆلىمى بىر مىليون 760 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلگەن. گەرچە خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ ساننىڭ زادى قانچىلىكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمەي كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، يەرلىك دائىرىلەر تارقاتقان خەۋەرلەردىن خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاساسەن يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.

خوتەن مەمۇرى تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى كۈچەيتىش پىلانى» ۋە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلەش» قارارلىرىغا ئاساسەن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىن 2010-يىلىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئىشلەمچى سانى 23 مىڭ 300 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

خىتاينىڭ مىليون تورداشلار تورىدا 8-مارت ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىنىڭ ئۆزىدە پەقەت قەشقەر پەيزاۋات ناھىيىسىدىن جەمئىي 4274 نەپەر ئۇيغۇر قىزلىرى بېيجىڭ، تيەنجىن جىچاڭ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى زاۋۇتلارغا مەخسۇس زاكاز بويىچە كەسپى تەربىيىدىن كېيىن ماڭدۇرۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلدىن باشلاپ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلەشنى ماس ھالدا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى يەنى 12 بەش يىللىق پىلان جەريانىدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى 11مىليونغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانى بويىچە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنىڭ قانداق يوسۇندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بەزى تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىشىنىڭ يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. قەشقەرنىڭ تاجىك ئاۋات يېزىسىدىكى بىر دېھقان، ئۆز يېزىسىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشلەشكە ۋە ئوقۇشقا كۆپلەپ يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپلەرنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش نەمۇنىچى ناھىيە ئاتالغان كونا شەھەر ناھىيىسىدىكى بىر خىتاي كادىر بولسا، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا قەرەللىك تەربىيىلەپ ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭى تۆۋەن بولغاچقا، خىتاي تىلى بىلمىگەچكە ئۆز يۇرتىدىن باشقا جايلارغا بېرىشنى خالىمىغان بولسا، نۆۋەتتە قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، ياشلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن خىتايغا بېرىپ ئىشلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
-ھازىرمۇ قىزلارنى يۆتكەۋاتىمىز، ئەتىلا يەنە بىر تۈركۈم ماڭىدۇ، بىزنىڭ بۇ جايدىن ئاساسەن دوڭگۇەنگە قەرەللىك يۆتكەيمىز، بۇرۇن، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئېڭى قالاق، قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىشكە ئۇنىمايتتى، ھازىر بېرىپ كەلگەنلەرنىڭ تەشۋىقاتلىرى، ئادەم ئالىدىغان زاۋۇتلارنىڭ ئۇلارغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئەكېلىپ، ئىدىيە خىزمەت ئىشلىشى بىلەن بۇ مەسىلە ھەل بولماقتا، ھازىر بۇ قىزلارنىڭ بارغان جايدا تىل بىلمەسلىكىمۇ مەسىلە ئەمەس بۇمىغۇ قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا ھەل بولدى، چۈنكى خېلى يىللاردىن بېرى مەكتەپكە كىرسىلا، ئۇلار خىتايچە ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. ئۇلار ئىچكىرىگە بارسا تاپىدىغان پۇلىنى بۇ يەردىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنىڭ بىزدىنمۇ يۇقىرى تېخى....

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى، بولۇپمۇ توي ۋە تۇغۇت يېشىدىكى قىزلارنى ئۆز ئېتنىك رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكەش سىياسىتى، ئۇيغۇرلار نىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن باشقا، خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا ئاخباراتلاردا گۇمان پەيدا قىلغان ۋە قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بىر مەسىلە. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى نارازىلىق ۋە قارشىلىقلارغا قارىماي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسى نامىدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ داۋام ئەتكۈزۈشكە قارىتا، ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارالىق ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى فوندىنىڭ مەسئۇللىرىدىن زۇبەيرە خانىم «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەيلى قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ۋە ياكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە تۈپ مەقسىتى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.