2-مارت كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى خىتايچە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تون ئەپەندى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى قەبرىگە دەپنە قىلىندى» ناملىق ئانالىزدا، خىتايدا ئىككى يىغىن چاقىرىلىشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن قاغىلىق ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. تون ئەپەندى ماقالىسىنى 20 «دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن بۇ ۋەقە توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىسقا ئۇچۇرى بىلەن سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايانلىرىدىن باشقا ئېنىق مەلۇمات يوق» دەپ باشلىغان.
ئۇ بايانىدا، بۇ قېتىمقى قاغىلىق ۋەقەسىنى «ئۇيغۇر دىيارىدا يىللاردىن بىرى يۈز بېرىپ كەلگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسى» دەپ ئاتىغان ھەمدە ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا خىتايلار ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونا ئادىتى بويىچە بۇ ۋەقەنى تېررورىستىك ھەرىكەت دەپ ئاتىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
تون ئەپەندى ماقالىسىنىڭ «ئۇزۇن مەزگىللىك غەزەپ، نەپرەتلەرنىڭ جۇغلانمىسى» ناملىق بۆلىكىدە، قاغىلىق ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان. ئۇ سۆزىدە «ئالدىن قىياس قىلغىلى بولىدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلەر قانداقتۇر پىچاق بىلەن قوراللىنىپ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئايروپىلانلارنى بۇلاش ياكى پىلانلىق ھۇجۇم قىلىش شەكلىدە بولىدۇ. قاغىلىقتىكى ھۇجۇمچىلارنىڭ پىچاق، پالتىلار بىلەن قوراللىنىپ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدىن ئۇزۇن مەزگىللىك غەزەپ، نەپرەتلەرنىڭ پارتلاش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن.
ماقالىنىڭ «ئۇزۇن مەزگىللىك غەزەپ، نەپرەتلەرنىڭ جۇغلانمىسى» ناملىق بۆلىكىدە يەنە، تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت، دىن ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن ئېغىر باستۇرۇشلارغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقى، ئايرىمىچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا بىزارلىق پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قانۇنلۇق بىر يول تاپالمايۋاتقانلىقى، ھەرقانداق نارازىلىق سۆزلىرىنى ئىپادە قىلغۇچىلارنىڭ بۆلگۈنچى ئاتىلىپ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش شوئارىنىڭ قۇرۇق خىيال ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىرقىي روھى ھالىتىگە زەربە بېرىۋاتقانلىقى، تىپىك بىر ئىمپىرىيالىستىك ئەن ئەنە بويىچە نامرات رايونلاردىكى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ خەلقلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنى مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتنىڭ ئەلچىسى كۆرسىتىپ، يەرلىك خەلقلەردە غەزەپ ۋە ئىنتىقام تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىنىڭ «ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كەسكىن، پارتلاشقا ئاران تۇرىدۇ» ناملىق بۆلىكىدە، شاۋگۇەن ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى سۆزلەنگەن ھەمدە 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولغان قەدىمى قەشقەر شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ مەدەنىيەت يالدامىسىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئېغىر قەلب يارىسى پەيدا قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەم داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، ئەمما بۇ ئارزۇنىڭ خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىنىدا مىللىيچە كىيىنگەن كىشىلەرنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچ رولى بولمايدىغانلىقى، مىللىيچە كىيىنگەن بۇ كىشىلەرنىڭ پەقەتلا يىغىن زالىغا كېرەكلىك قوشۇمچە كۆرۈنۈشتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.