خىتاينىڭ غەيرەت نىيازنى سوتلىشى ھەم ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئەيىبلەندى

نيۇ - يورك ھەم خوڭكوڭدا خىتاي تىلىدا چىقىدىغان "خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق" ژۇرنىلىنىڭ 32 - سانىدا، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن، لىئۇ شۇينىڭ "غەيرەت نىيازغا نېمە ئۈچۈن ئېغىر قاماق جازاسى بېرىلدى؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

ماقالىدە خىتاينىڭ غەيرەت نىيازغا "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان" دېگەن جىنايەتنىOpens in new window ]

ئارتىپ، ئۇنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇلاھىزە قىلىنغان.

سىياسىي ئانالىزچى لىئۇ شۈي ماقالىسىدە، غەيرەت نىيازغا باھا بېرىپ، مۇنداق يازىدۇ:

"غەيرەت نىياز باشتىن -ئاخىر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ سۆزلىگەن كىشى. مەيلى ئۇ ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق ھۆكۈمدارلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن بولسۇن، ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاز مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆرنەك قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى ئەمەس، دەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن مىللىي سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن بولسىمۇ، ئۇ بەرىبىر خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ سۆزلىدى. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار بىر - بىرىگە قارمۇ - قارشى تۇرىۋاتقان شىنجاڭ جەمئىيىتىدە، ئۇيغۇرلار ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالمىدى. ئۇ، ئۆز قېرىنداشلىرى نەزىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئاسىيلىق قىلغۇچى دەپ قارالدى."

ئاپتور لىئۇ شۇي ماقالىسىدە يەنە، غەيرەت نىيازنىڭ خىتاي قانۇن دائىرىلىرى تەرىپىدىن، "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان"، "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان" دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭ غەيرەت ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

"ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مانا مۇشۇنداق بىر كىشىنىمۇ ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ جازالىدى" -- دەپ بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىئۇشۇي ئەپەندى " -- چۈنكى غەيرەت نىياز ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان رېئاللىق ھەققىدە، نۇرغۇن كىشىلەر دېيىشكە پېتىنالمىغان راست گەپنى قىلالىدى. ئۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى، شۇنچە بايلىققا ئىگە بولۇپ تۇرۇپمۇ نامراتلىق، ھوقۇقسىزلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي رېئاللىقنى دۇنياغا ئاشكارىلىۋەتتى. شۇنداقلا ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش ئەمەلدارلارنىڭ خاتالىقىنى دادىل تەنقىتلىيەلىدى. يېقىندىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش دېگەن شوئار ئاستىدا، يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بىر قاتار يېڭى سىياسەتلىرى مانا بۇنى ئىسپاتلىدى. ئەمما يۈزى تۆكۈلۈپ كېتىشتىن بەكلا ئەنسىرەيدىغان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى غەيرەت نىيازنىڭ بۇ خىل تەنقىدلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەنلىك دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق ئېغىر قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالدى."

ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ راست گەپ قىلغان غەيرەت نىيازنى جازالاش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمەت خىزمىتىگە نىسبەتەن تەنقىدىي پىكرى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى چەكلەش ھەم ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازغان:

"5 - ئىيۇل ۋەقەسى ئۆتۈپ، ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندە غەيرەت نىياز تۇيۇقسىز قولغا ئېلىندى. ھالبۇكى قولغا ئېلىنىپ بىر يىل بولاي دېگەندە، ئۇنىڭغا ئېغىر قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. غەيرەت نىياز ئاشۇ سىستېمىنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەردىن ئىدى. ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلى بىلەن قىلغان راست گېپى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يۈز ئابرۇيىنى تۆكۈۋەتتى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن، شۇ مىللەتتىن چىققان زىيالىيلار ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا شەرتسىز بويسۇنغان بولسا، ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرى ئىچىدىن چىققان بۇ كىشىلەر ھەقىقىي مەنپەئەتدارلارغا ئايلىنالايتتى. لېكىن، غەيرەت نىيازنىڭ مۇستەقىل پىكىر ۋە كۆز قاراشقا ئىگە بولىشى، ئۆز ۋىجدانى بويىچە راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، شۇنداقلا غەيرەت نىيازدىكى ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ بىلەن ھاكىمىيەتكە بولغان ساداقەت ئارىسىدىكى تېڭىرقاش، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە يەنجىلىپ، يوقۇتۇلىشىدەك پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ پەقەت بىر غەيرەت نىيازنىڭلا پاجىئەسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھاكىمىيەتنىڭ قانخورلۇقىنى، ئۆز ئادەملىرىگىمۇ رەھىم قىلمايدىغان يۈزسىزلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەيرەت نىيازنىڭ رايوندىكى ھەقىقىي رېئاللىقنى ئاشكارىلىغان سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىچىگە تاراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى، غەيرەت نىيازغا ئوخشاش ھەقىقىي رېئاللىقنى بايان قىلالايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇئەييەن بىر پىكىر ئېقىمى شەكىللىنىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن ئىبارەت. شۇڭا ھۆكۈمەت غەيرەت نىيازغا ئېغىر قاماق جازاسى بېرىش ئارقىلىق، ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز پىكرىنى قويۇشىنى چەكلەش، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ."

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشىدەك بۇ خىل سىياسىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل خىتاي دۆلىتى پۇقرالىرىغا قارىتىلغانلىقى، چۈنكى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي پىكىر ئەركىنلىكىنى ھەر ۋاقىت دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بولسا بۇ خىل ھەقسىزلىككە نىسبەتەن ھەر ۋاقىت سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ماقالىسىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان:

"پىكىر ئەركىنلىكى، ئۇ ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئىنسان ھوقۇقى. خىتاي ئاساسى قانۇنىدىمۇ پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما پۈتۈن خەلق شۇنى ياخشى بىلىدىكى، خىتايدا ئەزەلدىن پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى بولۇپ باقمىدى. ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەش ئەسلى دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىدى، ئەمما "ئائىلە ئابرويىنى مۇقەددەس بىلىدىغان" ئەنئەنە بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھەر ۋاقىت ئۆز يېغىرىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە. ئاشۇ راست گەپ قىلغىنى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلانغان سىياسىي جىنايەتچىلەر خىتايدا ھېچ قاچان مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ باقمىدى. ھالبۇكى راست گەپ قىلغىنى ئۈچۈن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ تەقدىرى تېخىمۇ پاجىئەلىك بولماقتا. ئۇلار ھېچقاچان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمىدى. بۇ خىل پاجىئە خىتايدا ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېتىۋاتىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.