خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئەندىزىسى كونىراپ قالدىمۇ؟

ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنىدىغان<< ئاتلانتىك>> جورنىلىنىڭ بۇ ئايلىق يېڭى سانىدا شۇ ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا ئىتاينىڭ "ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆكتىچىلىكنى پەسەيتىش" تەدبىرىنىڭ ئەمدى كونىراپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنىدىغان << ئاتلانتىك>> جورنىلىنىڭ بۇ ئايلىق يېڭى سانىدا << خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئەندىزىسى كونىراپ قالدىمۇ>> ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا، خىتاينىڭ << ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆكتىچىلىكنى پەسەيتىش>> تەدبىرى خىتاي ئەندىزىسى دەپ تەرىپلەنگەن ۋە بۇ ئەندىزىنىڭ ئەمدى كونىراپ قالغانلىقى، يەنى خىتاي خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، يالغۇز قارنى تويغانغىلا قانائەت قىلمايدىغانلىقى، نەتىجىدە دىكتاتور خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ پىكىر خىتايدا يۈزبەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەرگە باغلاپ شەرھىيلەنگەن.

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ماكس فىشەر، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتلەردىن بىرى تۇرۇقلۇق، قانداق قىلىپ ئۆز خەلقىنى ئىتائەت قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى پەقەت مۇنداق بىرلا سەۋەپكە باغلىغان: خىتاي ئېغىزىدىن چىقارمىغان ئەمما ئىجرائاتلىرى ئارقىلىق ئۆز خەلقىغە بىلدۈرىۋاتقان مۇنداق بىر ۋەدە بار: سىلەر تىنچ تۇرۇپ بېرىڭلار، بىز ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرايلى. خىتاينىڭ بۇ ۋەدىسى خىتاي ئىچى-سىرتدىكى خېلى كۆپ ساندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ماقۇل كەلتۈردى. خىتايدىكى يېقىنقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن خېلى ئېغىر بېسىملارغىمۇ سۈكۈت قىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئاپتور مارك فىشەر بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن ، خىتاينىڭ بۇ ئەندىزىسىنىڭ بەزى چەتئەللىلەر، ھەتتا ئامېرىكىلىقلار ئارىسىدىمۇ قىزىقىش پەيدا قىلغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ مەزكۇر ئەندىزىسىنىڭ ئەخلاقىي نۇقتىدىن خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقئارادا قىلغان يولسىزلىقلىرىغا كۆز يۇمغانلىقىنى، بۇلارنىڭ خىتاينى مۇشۇ پېتى داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ ۋە دۇنياغا ھاكىم بولىدۇ قارىغانلىقىنى، ئەمما يېقىنقى ۋەقەلەرنىڭ بۇ خىل پەرەزلەر ئىنكار قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ:

« ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەب باھارى باشلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا، شىنجاڭدا ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ بولغان، بۇ ئىسيانلارنىڭ داۋامى تاكى يېقىنغىچە ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرغان. يېقىندا ئىچكى موڭغۇلدا پارتىلىغان ئىسيان، خۇئۇدى شىنجاڭدىكى ئىسيانغا ئوخشاشلا، بۇ چەت-ياقىدىكى خەلقنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزدى. شىنجاڭمۇ، ئىچكى موڭغۇلمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تاشلىۋېتىلگەن، ئىجتىمائىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلغان. خىتايمۇ، دۇنيا جامائىتىمۇ تاكى ئىسيان كۆتۈرمىگەنگە قەدەر ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرىغا پىسەنت قىلماي كەلگەن ئىدى. خىتاي بۇ ئىككى رايوننى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بويسۇندۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ نەزەرىيىسى بويىچە، ئىسيان پەقەت نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىقتىنلا كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنداقتا ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئىسيانلارچۇ؟»

ئاپتور ماقالىسىنىڭ بۇ قىسمىدا، گۇاڭدۇڭنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان بىر ئۆلكە ئىكەنلىكىنى، ۋەقە يۈز بەرگەن تيەنجىننىڭمۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەركەزلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقىنى پۇل ۋە مال-مۈلۈك ئەمەس ھەق - ھوقۇق ۋە ئادالەت.»

ئاپتور ماقالىسىدا شىمالىي ئافرىقا دۆلىتى تۇنىستىكى ئىسيان بىلەن گۇاڭدوڭدىكى ئىسياننى سېلىشتۇرىدۇ. تۇنىستا بىر باققال ياشنىڭ بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ يولسۇزلىقىغا قارشى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەسى بىلەن گۇاڭدوڭدا بىر بىر ئېغىر ئاياغ ئايالنىڭ بازار باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن سۆرەپ تارتىلىش ۋەقەسى ۋە بۇ ئىككى ۋەقەگە قارىتا ئاممىنىڭ ئىنكاسى سېلىشتۇرۇلۇپ مۇنداق دېيىلىدۇ: تۇنىستىمۇ خىتايدىكىگە ئوخشاشلا ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىدى. ھەر ئىككىسىدىكى سەۋەب باشقۇرغۇچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، باشقۇرۇلغۇچىلارنىڭ ھوقۇقۇسىزلىقى. ئاپتورنىڭ قارشىچە، بۇ ئىككى ۋەقەدە ، دۆلەت باشقا، مىللەت باشقا، ئەمما ئىنسانىي تەبىئەت ئوخشاش. ئاپتور ماقالىسىدا يەنە ئەرەب باھارىنى قوزغىغان ئىجتىمائىي ۋاستىلار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىسيانلارنى پەيدا قىلغان ۋاستىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەقىسزلىقلىرىنى پاش قىلماقتا، ئىسيانكارلارغا ئۆزارا تەشكىللىنىش ئىمكانى يارىتىپ بەرمەكتە ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارغا ئىلھام بەرمەكتە. ماقالىدە جياڭشىدا ئۆيى چېقىلغان بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ 3 ھۆكۈمەت بىناسىنى پارتىلىتىش ۋەقەسى ۋە خۇبېيدا بىر تۇتقۇننىڭ قاماقخانىدا قىيىن قىستاقتا ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلۈشى قاتارلىق ۋەقەلەر بايان قىلىپ ئۆتىلىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدا س ن ن مۇخبىرىنىڭ گۇاڭدوڭدىكى ۋەقەگە ئالاقىدار خەۋىرىدىن تۆۋەندىكى نەقىلنى كەلتۈرىدۇ: « مەن كۆپ يىلدىن بېرى خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىۋاتىمەن، تۇنجى قېتىم ئىشچىلارنىڭ كامىرالىرىمىزغا ھەيران قالمىغان ھالدا ئالدىمىزدا ئەركىن تۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئاچچىقلىرىنى ھىچ ئىككىلەنمەستىن مۇخبىرغا بايان قىلىۋاتقىنىنى، ھەتتا ساقچىلار بېشىدا قاراپ تۇرسىمۇ مۇخبىرغا شىكايەت قىلىۋاتقىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.»

ئاپتور مانا بۇ ئۆزگۈرۈشنى خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئۆزگۈرۈشنىڭ ئەلچىسى دەپ قارايدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئىسلاھات دەۋرىدىن بۇيان، خىتاي جەمىيىتىنىڭ دىنامىك قاتلىمىدا ئىككى قېتىم ئەۋلاد ئالماشتى؛ ئەمما تۈزۈمدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىدى. شۇڭا سىياسىي ئۆزگۈرۈش ئەمدى خىتاينىڭ بوسۇغىسىدا.

ئاپتور ماقالىسنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن زورۋانلىقىنى ئەپۇ قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:« ئىسيان ۋە توقۇنۇش خىتاي جەمىيىتى ساقلىنىشى مۈمكىن بولمىغان بىر ئاقىۋەت. خىتاي تارىختىكى بارلىق دىكتوتور ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاشلا، بۇ تۈرلۈك ئىسيانلارنى قورال كۈچى بىلەن پەسەيتەلىشى مۈمكىن، ئەمما يىلتىزىنى قۇرۇتالمايدۇ. »