خىتايدىكى بۇلغىنىشنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى

بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىش تۈپەيلى 5-دېكابىردىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاتنايدىغان يۈزلىگەن يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇشتىن توختىغاندىن كېيىن، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرىلەر قانات يايدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.12.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Xitayda-hawa-bulghunush-305.jpg 2005 - ﻳﯩﻠﻰ 23 - ﻣﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﭽﯜﻩﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﻤﻮﻧﺖ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﺴﯩﺰ ﺋﯩﺲ - ﺗﯘﺗﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 5-دېكابىردىن باشلاپ بېيجىڭدىكى تۇمانلىق ھاۋارايى سەۋەبلىك 130دىن ئارتۇق دۆلەت-ئىچى سىرتىغا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشتىن توختىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسى بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى توغرىسىدا ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئېلان قىلغان مەلۇمات 6-دېكابىردىن باشلاپ خىتايدا كەسكىن بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ قانات يېيىشىغا سەۋەب بولدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەلۇماتى بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ مەلۇماتىدا زور پەرق بار ئىدى. خىتاي تەرەپ بېيجىڭدىكى مۇھىت بۇلغىنىش دەرىجىسىنى يىللاردىن بۇيان «كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈدەك دەرىجىدە ئېغىر ئەمەس، يېنىك بۇلغىنىش» دەپ كەلگەن بولسا، ئامېرىكا تەرەپ «بۇلغىنىش دەرىجىسى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، زىيانلىق تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر» دېگەن يەكۈننى چىقارغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا تەرەپنىڭ بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئۈرۈمچىدىكى بۇلغىنىش بېيجىڭدىكىدىن ئېغىر

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىگە كۆرە، خىتاي پايتەختىدىكى ئاھالىلەر بۇ خىل بۇلغانغان ھاۋادىن ئۇزۇن مۇددەت نەپەسلەنگەن تەقدىردە يۈرەك تىقىلمىسى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللەرگە مۇقەررەر گىرىپتار بولىدىكەن. خىتاي ئاھالىسىنىڭ مۇھىتنى پاكىزلاش توغرىسىدىكى نىدالىرىغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىرەن قىلمىغان. بېيجىڭ شەھىرىنى كۆكەرتىش پىلانى ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشمىغان. جۇڭنەنخەيدىكىلەر ئۆيلىرىگە ۋە ئىشخانىلىرىغا ھاۋا تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىۋېلىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنسىمۇ، بىراق مىليونلىغان ئاھالىلەر بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. پۇقرالار بېيجىڭنى «تۇمانلىق پايتەخت»، «ئۆپكە كېسەللىكى پايتەختى» دەپ ئاتايدىغان بولغان. يالغۇز بېيجىڭلا ئەمەس، خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىدە كىشىلەر كۈن نۇرىنى كۆپ كۆرەلمەيدىغان، سىرتقا چىقسا ماسكا تاقاپ يۈرىدىغان ھالغا كەلگەن. خىتايدا خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن شەھەرلەر يوق دېيەرلىك دەرىجىگە يەتكەن. ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىدىچۇ؟ ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىم بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنى تۇپراقلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن تەبىئىي بايلىقلارنى قالايمىقان قېزىش سەۋەبىدىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقانلىقى، بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى بۇلغىنىشنىڭ تېخىمۇ يامانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ھەممە نەرسە زەھەرلىك

ئىككى كۈندىن بۇيان بىر قىسىم خىتاي توربەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆچۈرىۋېتىلىۋاتقان ئىنكاسلىق يازمىلاردا «مەركىزى كومىتېتتىكىلەر ھاۋا تازىلاش ئۈسكۈنىسى بىلەن ھايات كۆچۈرمەكتە. ئەگەر ئۇلار ئالدى بىلەن ۋىجدانىنى تازىلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، جۇڭگولۇقلارنىڭ مەسىلىسى ئاسانراق ھەل بولاتتى» دېگەندەك پىكىرلەر ئورۇن ئالغان. يەنە بېزىلەر «بۈگۈن ۋۇخەندە بانكا پارتلىتىلدى. چاڭچۈندە كالا سۈتى زەھەرلىك بولۇپ چىقتى. بېيجىڭدا ھاۋا بۇلغانماقتا. بىز زادى قانداق ھايات كۆچۈرىمىز؟ بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چەتەلگە چىقىپ كېتەيلى دېسەك، يا پۇلىمىز ياكى يولىمىز بولمىسا؟» دەپ يازغان. بېزىلەر «دوڭبىيدا كوكا كولادىن زەھەرلىك ماددا بايقالدى. گۆشمۇ زەھەرلىك، ئۇنمۇ زەھەرلىك، كۆكتاتمۇ زەھەرلىك، سۈتمۇ زەھەرلىك، بىزگە ئاسانراق ئۆلۈش يولى يوقمۇ» دەپ نىدا قىلغان.

بىزنىڭ نەپەس ئېلىۋاتقىنىمىز ھاۋا ئەمەس، بەلكى سىياسەت

6-دېكابىر گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى «بىزنىڭ نەپەس ئېلىۋاتقىنىمىز ھاۋا ئەمەس، بەلكى سىياسەت» ناملىق يەنە بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە بېيجىڭدا 6-دېكابىر كۈنىمۇ دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان 89 يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن دۆلەت سىرتىغا قاتنايدىغان 11 خەلقئارالىق ئايروپىلان ھاۋا مەسىلىسى تۈپەيلى ئۇچۇشتىن توختىغان. خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىش مەسىلىسىگە نارازى بولۇپ خىتاي تور بەتلىرىدە چۇقان سېلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى ئىككى كۈن ئىچىدە 6مىليون 800 مىڭ كىشىگە يەتكەن. «يەرشارى ۋاقتى» تورى بولسا، ھازىر بىر سودىگەرنىڭ توردا كۈنىگە يۈز ئادەمگە ھاۋا تازىلىغۇچ ئۈسكۈنىسى ساتالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مۇنازىرىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى بۇ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۈمەتنىڭ ھەتتا ئاپ ئاشكارا ھاۋا مەسىلىسىدىمۇ خەلقنى يالغان مەلۇماتلار بىلەن ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇلغانغان ھاۋادىنلا ئەمەس، ئالدى بىلەن بۇلغانغان سىياسەتتىن نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ھوقۇقدارلارنىڭلا دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، خەلقنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان. ئۇلار خىتايدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى دۈشمەن كۈچلەر ئەمەس، بەلكى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، بارلىق زىددىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە جۇڭنەنخەينىڭ ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنىگۈن گېرمانىيىدە چاقىرىلىۋاتقان خەلقئارا كىلىمات يىغىنىدا، خىتاينىڭ 2020-يىلىدىن كېيىن كىلىماتنى قوغداش ئەھدىنامىسىگە قول قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن ئەھلى خىتاينىڭ يەنە 10 يىلدىن كېيىن بولسىمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ماقۇل بولغانلىقىنى «ھەرھالدا ئازراق ئىنساپقا كەلگەنلىك» دەپ قاراپ ئالقىشلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.