ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي ھىندىستاننىڭ 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى
يېقىندا يەنە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرېشما، ھىندىستاننىڭ 38 مىڭ كۋادرات كىلومتېر زېمىننى خىتاينىڭ 1962 - يىلى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى، دالاي لامانىڭ يېڭى دېھلىدە ئېچىلغان دۇنيا بۇددىستلار قۇرۇلتىيىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 28-29 نويابىر چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىغىن بىكار قىلىنغان.
پاكىستاندا چىقىدىغان جاسارەت گېزىتىنىڭ 25- نويابىردىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى س.م. كرېشنا، پاكىستاننىڭ 1948 - يىلى جاممۇ كەشمىرنىڭ 78 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى قانۇنسىز ھالدا ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى، خىتاي بولسا ھىندىستاننىڭ 1962 - يىلى 38 مىڭ كۋادرات كىلومتېر زېمىننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. س.م. كرېشنا سۆزىدە يەنە پاكىستان كونترول ئاستىدىكى كەشمىرنىڭ 5180 كۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىنىنى پاكىستان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى س.م. كرېشنا سۆزىدە يەنە ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1963 - يىلى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن كېلىشىمىگە ئىمزا قىلغان بولسىمۇ خىتاي ھىندىستان زېمىنىنى قايتۇرۇپ بەرمىدى. يېڭى دېھلى چىگىرا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ كەلمەكتە. ھىندىستان قوشنا دۆلەتلەر بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي دەرىجىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى. س.م. كرېشنا سۆزىدە يەنە ھىندىستاننىڭ چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ كېلىشتۈرۈشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان يېقىندا پاكىستان ۋە خىتاي چېگرالىرىغا يېقىن ئەتراپتا، ھىمالايا ۋە ئەتراپتىكى ئېگىز تاغلاردا چوڭ تىپتا بىر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مانېۋىرغا ھىندىستان ئارمىيىسى، 14 گېنېرالنىڭ قوماندانلىقىدا كۆپ ساندا ئەسكەر ۋە رۇسىيىدىن سېتىۋالغان ت 20 تىپلىق تانكىلارنى قاتناشتۇرۇپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ مەقسىتى، يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى ۋە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ ھىندىستاننى بىئارام قىلغانلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
ھىندىستان بىلەن خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇزاكىرە بىكار قىلىندى
ئاسىيا دەۋرى ناملىق گېزىتنىڭ تور بېتىدە 29-نويابىر ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چىگىرا تالىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 14 - نۆۋەتلىك مۇزاكىرە ھىندىستان بىلەن خىتاي دىپلوماتلىرى ئوتتۇرىسىدا 11-ئاينىڭ 28-29- كۈنلىرى يېڭى دېھلىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتا دۇنيا بۇددىستلار قۇرۇلتىيى يېڭى دېھلىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قۇرۇلتايدا دالاي لامانىڭ نۇتۇق سۆزلىشىگە قارشى چىققان خىتاي دائىرىلىرى ھىندىستاندىن بۇ قۇرۇلتاينىڭ بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ھىندىستان تەرەپ بۇنى رەت قىلغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇزاكىرىنى بىكار قىلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز خىتايغا قارشى پائالىيەت قىلىدىغان دالاي لاما قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغان ھەر قانداق دۆلەتكە قارشى تۇرىمىز.
تىبەت پوست گېزىتىنىڭ تور بېتى بۈگۈن ھىندىستان ئەمەلدارلىرىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان دىپلوماتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىغىننىڭ، خىتاي ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۈگۈن دۇنيا بۇددىستلار قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ 2 - كۈنى بولۇپ بۇ قۇرۇلتايغا 46 دۆلەتتىن 900 بۇددا راھىبلىرى قاتناشقان.
خىتاي راستىنىلا ھىندىستاننىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانمۇ؟ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي پاكىستان ھەربىي جەھەتتىكى يېقىنلىشىشى، ھىندىستان ئۈچۈن قانداق بىر ۋەزىيەت پەيدا قىلىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.