ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتامدۇ؟

كانادانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد، ستېپھېن ھارپېر يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى، لېكىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويماستىن، ئۇنى يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

جوھن بائىرد «يەرشارى پوچتىسى» گېزىتىدىكى بۇ سۆزىدە، كانادا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، بېيجىڭ بىلەن «سەمىمىي ۋە دوستانە» سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنى كانادا تاشقى سىياسىتىنىڭ كەلگۈسى نىشانى قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ، كانادا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدىكى تۇنجى باياناتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2006-يىلىنىڭ باشلىرىدا،ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ستېپھېن ھارپېر باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى، دەسلەپكى 3 يىلدا،خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ۋە خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل دىلوسى قاتارلىق مەسىلىلەردە بىر قەدەر قاتتىق سىياسەتنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدىكى كانادانىڭ خىتاي سىياسىتىدە يۇمشاش كۆرۈلگەن بولۇپ،مۇلاھىزىچىلەر سىياسەتتىكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئاغدۇرۇلۇشقا ئاران تۇرىدىغان ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. بۇ يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى سايلامدا كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۇتۇپ چىقىپ،ستېپھېن ھارپېر تۇنجى قېتىم كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى. كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەتنى قۇرغان كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچتا، خىتايغا نىسبەتەن قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرىدۇر.

ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى دۇنياغا تەكەببۇرلۇق بىلەن كۆز-كۆز قىلىۋاتقان مۇنداق بىر پەيتتە خىتاي، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۈملىدىن كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى تەنقىد ۋە تەلەپلىرىگە زادى قانچىلىك قۇلاق سالىدۇ ياكى بۇ خىلدىكى سۆھبەت ۋە تەلەپلەرنىڭ ئۈنۈمى زادى قانچىلىك؟

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش غەرب دۇنياسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان كانادانىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان ئاساستا،كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زۇلۇمغا قارشى چىقىشنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد، كانادانىڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «يەرشارى پوچتىسى» گېزىتىدىكى سۆزىدە كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئوتتاۋانىڭ خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلىلىرى قاتارلىق خىتاي ئۈچۈن نازۇك بولغان مەسىلىلەرگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەرقانچە يېقىن دوستلار ئوتتۇرىسىدىمۇ پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال. بىز بۇ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشىمىز كېرەك، دەيدۇ. لېكىن، ئۇ سۆزىدە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان.

كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ بىرى- كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلىشىدۇر.

ئىلگىرى كانادا ئەمەلدارلىرى ھەر قېتىم خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا، خىتاي تەرەپكە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ نازۇك مەسىلىنى ھەل قىلىشقا سوغۇق قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەنىدى.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى،كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى خەۋەر-پروگراممىلار ئازىيىشقا باشلىدى. بۇ كانادادا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈز تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ‏-يوق؟

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە ئاشكارا ۋە يېپىق سورۇنلاردا داۋاملىق ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ مەتبۇئاتلاردا يەر ئالماسلىقىنىڭ ئۇنىڭ ئۇنتۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە باش مىنىستىر ستېپھېن ھارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتىگە زېمىن ھازىرلايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.