0:00 / 0:00
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا "شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى" نامىدا يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلغان.
بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ۋەكىللەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنماقچى. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستراتېگىيىلىك پىلانى تۈزۈپ چىقىلماقچى.
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر مەزكۇر يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.