ئىرانلىقلارنىڭ ئىراقنىڭ ئۈستىدىن سۈرىيىگە ئەسلىھە ۋە ئەسكەر توشۇشى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئىراق خەلقىدىن يىراق تۇتۇشقا تىرىشىپ، ئىراقنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان يولسىزلىقلارنى ئىراقتا قىلىشى ۋە ئىراقنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى بۇنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.
ئىلگىرى سابىق رەئىس سادام ھۈسەين ئىراقنىڭ نېفىت بايلىقىنى بىھۇدە ئۇرۇشقا قوللىنىپ خەلقنى نامرات قالدۇرغان بولسا، ھازىر نۇرى مالىكى ئىراقنىڭ نېفىت بايلىقىنى ئىراننىڭ پايدىسى ۋە موسكۋانىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قىلىنىۋاتماقتا ئىكەن.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 17-ئۆكتەبىر سانىدا، يازغۇچى ئادىل تەرىفى دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن «ئىراقنىڭ نېفىت بايلىقى نەگە كېتىپ بارىدۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئىراقنىڭ كۈنىگە 6 مىليون تۇڭ نېفىت سېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلگىرى ئىراققا قارىغاندا ئىران كۆپرەك ساتاتتى. ئەمما ئىراننىڭ ئۇنىڭغا ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان جازا سەۋەبلىك نېفىت سېتىشتا چېكىنىشى بىلەن ئىراقنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ ماڭغان ئىدى. ئىلگىرى سابىق رەئىس سادام ئىراقنىڭ بايلىقىنى موسكۋانىڭ قوراللىرىغا ئىشلىتىپ، خەلققە بەرمەستىن، ئىراق خەلقىنىڭ نامرات قېلىشىغا سەۋەب بولغان بولسا، ھازىر نۇرى مالىكى ئىراقنىڭ بارچە بايلىقلىرىنى ۋە ئاساسلىق ئىقتىسادىنى يەنىلا موسكۋانىڭ قوراللىرىنى سېتىپ ئېلىشقا ۋە ئىراننىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراننىڭ نۇرى مالىكى ئۈستىدىكى بېسىمى چوڭ بولۇپ، نۇرى مالىكى پەقەت ئىراننىڭ پايدىسى ئۈچۈنلا سىياسەت قىلىنىۋاتماقتا ئىكەن. ھەتتا مۇھىم قارارلىرىنى ئىراندىن ئالىدىكەن.»
ئىراق خەلقى باياشات ياشاشقا ھەقلىقتۇر
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 16-ئۆكتەبىر سانىدا، ئىراق توغرىلىق توختالغان بىر ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئىراق سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن قالسا ئەڭ كۆپ زاپاس نېفىت بايلىقىغا ئىگە بىر دۆلەت. ئىراق خەلقىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىگە ئوخشاش يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇشقا ھەقلىق بىر خەلقتۇر. ئەمما ھاكىمىيەتنىڭ يولسىزلىقى سەۋەبلىك بۇ خەلق ئۆزىنىڭ بايلىقىدىن ئۆزى پايدىلىنالماي، موھتاجلىقتا ياشىماقتا. 1979-يىلى سادام ھۈسەين ئىرانغا قارشى ئۇرۇش باشلىغاندا، ئىراقنىڭ كۈنلۈك ساتىدىغان نېفىت مىقدارى ئۈچ يېرىم مىليون تۇڭ ئىدى. بۇ بىھۇدە ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى بىلەن ئىراقنىڭ كۈنلۈك نېفىت سېتىش مىقدارى 900مىڭ تۇڭغا چۈشۈپ قالدى. سادام كۇۋەيتنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن، ئىراقنىڭ نېفىت سېتىشى 300 مىڭ تۇڭغا چۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەنلەپ ماڭدى. ئەمدى سادام ھاكىمىيىتى ئاخىرلىشىپ، ئىراق خەلقى ھۆرىيەتنىڭ يۈزىنى كۆرەي دېگەندە، ئىراقنىڭ ھازىرقى سىياسەتچىلىرى موسكۋا بىلەن ئىراننىڭ خاھىشىغا كۆرە ئىش قىلىدىغان ۋە خەلقىنى ئويلىمايدىغان بولغانلىقتىن، خەلقنىڭ ھالى يەنىلا ياخشىلانماي تۇرماقتا.»