ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىقمۇ؟

خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن تىجارەت ئالاقىسىنى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىمۇ ئېشىپ بارماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.01.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turkiye-xitay-munasiwitining-40-yilliqi-yighini-305.jpg دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلغان «تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ 40 يىللىقى» ماۋزۇلۇق يىغىن. 2011-يىلى 8-ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان ھەر ساھە ئالاقىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئەكسىچە، ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرگە قىلىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئەرەب ئەللىرىدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ تالاش-تارتىشلار يۈز بەرگەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتنى خىتاي ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇسۇلمان خەلقلەرگە پايدىلىق بىر ۋەزىيەتكە بۇراش ئۈچۈن يەنىلا خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتنى پاش قىلىشنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان تىجارەت ئالاقىسىنىڭ ھەجمى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا. بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان قىسقىغىنە 4 يىل ئىچىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 87 پىرسەنت ئېشىپ، 100 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ھازىر ئوتتۇرا شەرق ئىسلام ئەللىرى نۇرغۇنلىغان خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار، ئىشچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان رايونغا ئايلانغان بولۇپ، بېرىش-كېلىش قويۇقلاشقان.

ھازىر خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئەرەب بازىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ھەتتا ئىسرائىلىيىنىڭ ئىمبارگوسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەزە رايونىدىمۇ خىتاي ماللىرىنى كەڭ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمانلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھالقىلىق قۇرۇلۇشلارغىمۇ ئىمزا ئاتماقتا. مەسىلەن، ئالجىرىيىدىكى خىتاي ھۆددىگە ئالغان مەسچىت قۇرۇلۇشى بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. 400 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ مەسچىت پۈتكەن تەقدىردە، مەككە ۋە مەدىنىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 3-چوڭ مەسچىت بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تاۋاپ قىلىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئايلىنىدۇ، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان خىتاي شىركىتى بۇ زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشنى 4 يىل ئىچىدە پۈتتۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى خىتاينىڭ ئىسلام ئەللىرىگە ئېچىلىشىغا كەڭ پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە ئامېرىكىنىڭ ئەكسىچە، خىتاي رايوندا زور تىجارەت پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. مەسىلەن، خىتاينىڭ رايوندىكى تىجارەت سوممىسى 87 پىرسەنت ئۆرلىگەن 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان ئوخشاش مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان تىجارەت سوممىسى ئەكسىچە 45 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ئاتلانتىك» ژۇرنىلىدا «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلام» تېمىسىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشى ئۇنىڭ «ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش» تىن ئىبارەت چوڭ ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن. يەنى، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا يۈرگۈزگەن تاشقى سىياسەتنىڭ ئىسلام ئەللىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋىزا بېرىشنى قېيىنلاشتۇرۇشىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئامىللار ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە پالتا ئۇرغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرى. ئۇ يۇقىرىدىكى سىياسىي ئامىللاردىن سىرت خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئەرزان باھا ئارقىلىق تىجارەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش تاكتىكىسىنىڭمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىسلام ئەللىرىگە يۈرگۈزگەن سىياسىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۇنىڭ «يۇمشاق كۈچ» نى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئىشقا سېلىشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىن ئىبارەت بۇ چوڭ بازارغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىش ۋە 22 مۇسۇلمان ئەرەب دۆلىتى بىلەن بولغان تىجارىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە 2001-يىلى «ئەرەب-خىتاي دوستلۇق بىرلىكى» نى قۇرۇپ چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىرلىكنىڭ باش سېكرېتارى جاڭ يۆ باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەرەبچە ياكى ئەرەب ئەللىرىدە كەڭ ئىشلىتىلىدىغان فرانسۇزچىنى ئىنتايىن راۋان سۆزلەيدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق ھالدا ئەرەب دۆلەتلىرىگە بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىكەن. «ئاتلانتىك» ژۇرنىلى مۇلاھىزىسىدە بۇ ھەقتە ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى گۇاڭجۇدا چوڭ بىر مەسچىت بىنا قىلغان. گۇاڭجۇ شەھەرلىك مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى مۇخبىرغا گۇاڭجۇغا مەسچىت سېلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ «ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن بۇ مەسچىتنى سالدۇق» دەپ جاۋاب بەرگەن. دەرۋەقە، قاتناشقۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپى ئەرەب دۆلەتلىرى بولغان مۇسابىقە جەريانىدا «ھالال» يېمەكلىك تارقىتىلغان. «ئاتلانتىك» ژۇرنىلى گۇاڭجۇدا قۇرۇلغان «ۋاقاس مەسچىتى» ۋە مېھمانلارغا «ھالال» يېمەكلىك زىياپىتى بېرىشنى خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ پەقەتلا بىر قانچىسى، دەپ كۆرسەتكەن.

سىراجىدىن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ئەللىرىگە قارىتا بۇنداق كۆز بويامچىلىق سىياسەت يۈرگۈزگەننىڭ ئەكسىچە، ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ كۈنسايىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۇنىڭ ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىقمۇ؟ ئاتلانتىك ژۇرنىلى ئۆز مۇلاھىزىسىدە، بۇنىڭ پەقەت خىتاينىڭ سىرتقا قاراتقان سىياسىتى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچكى سىياسەتتىن تامامەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە كەڭ قورساقلىق قىلىش بەلكى خىتاينىڭ سىرتقا قاراتقان دۆلەت سىياسىتى بولسا كېرەك. ئەمما خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتە ئىسلام دىنىغا ئىشەنگۈچىلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دىنغا ئىشىنىشتىن چەكلەۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن دوكلاتلار بار.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان سىراجىدىن ئەپەندى خىتاي بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىقمۇ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە ئەرەب ئەللىرىدىكى مەتبۇئاتلاردا داۋاملىق ھالدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەنقىدىي پىكىرلەر كۈنسايىن كۈچىيىشكە باشلىغان. سىراجىدىن ئەپەندى ئەرەب-خىتاي مۇناسىۋىتىگە باھا بەرگەندە ھۆكۈمەت بىلەن خەلقنى ئايرىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان ‹ئەرەب باھارى› دىن كېيىنكى دېموكراتىيىلىك ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.