جاڭ چۈنشيەن: '19 - ئاۋغۇست ۋەقەسى' بىر مىللەت ياكى دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ

19 - ئاۋغۇست كۈنى ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋەقە ھەققىدە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە ئۇنى "ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مال - مۈلكى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىنغان زوراۋانلىق ۋەقەسى" دەپ ئاتىغان.

0:00 / 0:00

جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزىدە دىققەت تارتىدىغان نۇقتا بولسا ئۇ ۋەقەنى "بىرەر مىللەت ياكى دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچىلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى" دېگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئوخشاش خاراكتېردىكى ۋەقەلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تېررورلۇققا ۋە تېررور تەشكىلاتلىرىغا باغلاپ كەلگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىم جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەقەنى "زوراۋانلىق ۋەقەسى" دەپ ئاتاش ئارقىلىق ۋاڭ لېچۇەندىن پەرقلىق ئۇسلۇب ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بولسا، جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزىگە باھا بېرىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەقەنى "زوراۋانلىق ۋەقەسى" دېيىشىنى ئىجابىي بىر ئەھۋال ياكى بۇرۇلۇش دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

شىنجاڭ گېزىتىدە چىققان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ چۈنشيەن 26 - ئاۋغۇست كۈنىدە قىلغان سۆزىدە يەنە 19 - ئاۋغۇست ۋەقەسىنى "مىللەت مەسىلىسى ياكى دىن مەسىلىسى ئەمەس" دېگەن شۇنداقلا ۋەقەنى ئوخشاشلا چېگرا سىرتىدىكى ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە باغلىغان. ئۇ، "دېلونىڭ يۈز بېرىشى چېگرا سىرتىدىكى 'ئۈچ خىل كۈچ' كە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بەزىدە ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىرادىمىزگە باقمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى" دېگەن.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بولسا دېموكراتىيە بولمىغان رايونلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى مۇشۇنداق يول ئارقىلىق ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ قىلغان سۆزىدە يەنە بىر دىققەت تارتىدىغان نۇقتا، ئۇنىڭ قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن : "مەيلى قانداق كىشى بولسۇن، قايسى مىللەتتىن بولسۇن، قانداق مۇددىئانى چىقىش قىلسۇن، قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك. قەيەردە جىنايەتچى بولىدىكەن، شۇ يەرگە زەربە بېرىش كېرەك. كىم جىنايەت ئۆتكۈزىدىكەن، شۇنىڭغا زەربە بېرىش، قانداق مەسىلە بولسا، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك" دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ۋاڭ لېچۇەن قىلغان "مىڭى خاتا تۇتۇلسا تۇتۇلسۇن، بىرى توردىن چۈشۈپ قالمىسۇن" دېگەن سۆزىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جاڭ چۈنشيەن خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن، خەلقئارادىكى قانۇنىي ئۆلچەم بويىچە گەپ قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەقەت ئۇنىڭ گەپ قىلىش ئۇسلۇبىدىكى بىر ئۆزگىرىش خالاس.

ئالىمجان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنى ئۆزگەرتمىگۈچە بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.