كانادا ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ پارلامېنت سېكرېتارى 51 ياشلىق بوب دېچېرتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق ئايال مۇخبىرى 30 ياشلاردىكى شى رۇڭ بىلەن ئۆز-ئارا يېزىشقان ئىشقۋازلىق ئەل خەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنىمۇ ياكى نورمال ئاخبارات ئورگىنىمۇ دېگەن تېمىدا كانادا مەتبۇئاتلىرىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.
كانادا مەتبۇئاتلىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئاگېنتلىقنىڭ چەتئەللەردە تەسىس قىلغان مۇخبىرلار پونكىتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقانلىقىنى، پارلامېنت ئەزاسى بوب دېچېرتنىڭ، خىتاينىڭ سەتەڭلەر ھىيلىسىنىڭ توزىقىغا دەسسەپ،كانادانىڭ نوپۇسىنى يەرگە ئۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بولسا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىگە سىڭىپ كىرىش تاكتىكىسىغا بىخۇدلۇق قىلغان پارلامېنت ئەزاسى بوب دېچېرتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى ۋە بۇ سەتچىلىكنى بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
كانادا بروكك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چارلەس بۇرتون ك ت ۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ نىقاب ئىكەنلىكىنى،ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:
-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە ئەۋەتكەن ئاخبارات خادىملىرىنىڭ تۆتتىن بىرى كەسپىي مۇخبىر ئەمەس،بەلكى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىغا خىزمەت قىلىدىغان ئالاھىدە جاسۇسلاردۇر، دېدى.
ئۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شى رۇڭنىڭ كانادا خان جەمەتى بانكىسىنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىستىن قانداق قۇتۇلغانلىقى ھەققىدە يازغان بىر پارچە ماقالىسىنىڭ 3 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن خىتاي مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ:
-شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا تارقىتىلىدىغان بىر مۇنچە مەخپىي ژۇرناللار ئۈچۈنمۇ ماقالە يازىدۇ. سىز، شى رۇڭنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈچۈن كانادا ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى كۆرىسىز. ئۇ كانادادىكى مۇخبىرلارغا زادىلا ئوخشىمايدۇ. خىتاي ئەۋەتكەن چەتئەللەردىكى خىتاي مۇخبىرلىرى ماقالە يېزىشقا ئەمەس، بەلكى باشقا ئىشلارغا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىدۇ، دەيدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كانادا بىخەتەرلىك، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىچارد فاددېن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى ئىكەنلىكىنى،خىتاينىڭ جاسۇسلىرى كانادا سىياسىتىگە ھەدەپ سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان مۇنداق نازۇك بىر ۋاقىتتا، بۇ ئورگاننىڭ خادىملىرى بىلەن ئۇچراشقاندا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، كانادالىقلارنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.
كانادادا چىقىدىغان «تورونتو يۇلتۇزى» گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بىلل سچىللېرنىڭ ماقالىسىگە قارىغاندا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بېيجىڭدىكى بىر نەپەر نوپوزلۇق خىتاي مۇخبىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلارنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سالاھىيىتى بىلەن مەزكۇر ئورگاننىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى، بۇ ئاتالمىش مۇخبىرلارنىڭ ئانچە-مۇنچە خەۋەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئاخبارات توپلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ:
-ئادەتتە چەتئەلگە ئەۋەتىلىدىغان مۇخبىرلارنىڭ ئىچىگە ھېچقانداق مۇخبىرلىق تەجرىبىسى بولمىغان خادىملار سەپلىنىدۇ. بۇ خادىملارنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە چەتئەلدە خىزمەت قىلىدىغان مۇخبىرلار ئۇلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىدۇ. ئەگەر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەلۇم دۆلەتكە 20 نەپەر مۇخبىر ئەۋەتسە، بۇنىڭ بەشى چوقۇم دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بولىدۇ. چەتئەللەردە بىرقانچە يىل خىزمەت قىلىپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىسىم-شەرىپىنى مەتبۇئاتلاردا ئىككىنچىلەپ كۆرەلمەيسىز، دېگەن.
بېيجىڭلىق بۇ مۇخبىر خىتايدىن چەتئەلگە ئەۋەتىلىدىغان مۇخبىرلارنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن قانداق شۇغۇللىنىشى ھەققىدە مەخسۇس تەربىيىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چارلەس بۇرتوننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى تەستىقلايدۇ.
ئوتتوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق ئاممىۋى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى ۋەسلېي ۋارك «تورونتو يۇلتۇزى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتە ھەقىقىي مۇخبىردەك ھەرىكەت قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ زىممىسىگە باشقا ۋەزىپىلەرنىڭ يۈكلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:
-غەربنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ مۇخبىر دېيىشكە بولمايدۇ. بۇرۇنقى ئۆرنەكلەر بويىچە، خىتاي جاسۇسلۇق خادىملىرى ئادەتتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قالپىقىنى كىيىۋالىدۇ. بۇ شى رۇڭ دېلوسىمۇ خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئەنئەنىۋى تاكتىكىسىغا پۈتۈنلەي ئوخشىشىدۇ، دەيدۇ.
«تورونتو يۇلتۇزى» گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بىلل سچىللېر ماقالىسىدە، پارلامېنت ئەزاسى بوب دېچېرت باش مىنىستىر ستېپھېن ھارپېرغا ھەمراھ بولۇپ، 2009-يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا، خىتاي مۇخبىر شى رۇڭنىڭ ئۇنىڭغا يېپىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
كانادا بىخەتەرلىك، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى داۋىد ھاررىس خىتاي مۇخبىرى شى رۇڭنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بوب دېچېرتقا يېقىنلىشىشىنىڭ ئېنىق جاسۇسلۇق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ:
-شىنخۇا ئاگېنتلىقى كۆپ خىل جاسۇسلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتە جاسۇسلۇق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدۇ، دەيدۇ.
«يەرشارى پوچتىسى» گېزىتىمۇ كانادا بىخەتەرلىك، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى مىچېئال كاتسۇيانىڭ «خىتاينىڭ جاسۇسلۇق سېپى ناھايىتى ئۇزۇن. ئۇلار بۈگۈن ئۇرۇقنى سېلىپ، 10 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئالىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە يەر بەردى.
كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى بۇ مۇنازىرىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوغىسىنى قوزغىدى. كانادادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى شى رۇڭنىڭ جاسۇس ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچتى.
خىتاينىڭ ئوتتاۋادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا:
-پارلامېنت ئەزاسى بوب دېچېرت بىلەن شى رۇڭنىڭ شەخسىي مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي تەرەپ باھا بېرىشنى خالىمايدۇ. ئەمما بىز شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتۇقكى، بۇ ۋەقە ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىززەت-ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرۇش-ئۇچىغا چىققان مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر، دېيىلگەن.
كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى كانادادا پۈتۈن كۆزلەر تىكىلگەن ئاتالمىش مۇخبىر شى رۇڭنى «دەم ئېلىش» نامى بىلەن بېيجىڭغا قايتۇرۇپ كەتكەن. كانادا مەتبۇئاتلىرى شى رۇڭنىڭ كانادادىن ئايرىلىشىنى، بېيجىڭ دائىرىلىرى كانادا بىخەتەرلىك، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ شى رۇڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈشىدىن مەقسەتلىك ئۇنى قاچۇردى، دەپ باھالىدى.