ئۇنداقتا، ئۇرۇشتىن باشقا، جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار يەنە قايسى؟ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا جەنۇبىي سۇدان خەلقنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە يانداشقان بىر قاتار ئامىللار رول ئوينىغان.
2011 -يىلى 9-ئىيۇل دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئائىلىسىگە يەنە يېڭى بىر دۆلەت قوشۇلدى. ئۇ، 1956-يىلىدىن بۇيان ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىككى قېتىم چوڭ ئۇرۇش قىلغان جەنۇبىي سۇدان ئىدى.
9-ئىيۇل شەنبە كۈنى جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇبا بايرام شاتلىقىغا چۆمگەن بولسا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان جەنۇبىي سۇدانلىقلارمۇ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە بۇ خاسىيەتلىك كۈننى تەبرىكلىدى.
كۆچمەن: مۇستەقىللىق ھەممە نەرسىدىن دېرەك بېرىدۇ
«لوس ئانجىلىس ۋاقىت» گېزىتىدە نەقىل قىلىشىچە، بايرام تەنتەنىسىگە جور بولغان ئىسرائىلىيىدىكى بىر سۇدانلىق كۆچمەن: «مۇستەقىللىق ھەممە نەرسىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.
كانادادا چىقىدىغان «ئۆيە ۋاقىت» گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، ئاۋسترالىيىدە تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان جەنۇبىي سۇدان ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سابىق جەڭچىسى، مىجاك لەم: «سەپداشلىرىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق خەلقىمىزگە قۇتلۇق بولسۇن! بىز بەدەل تۆلىگەن ۋە دەرد چەككەن نەرسىگە ئاخىرى ئېرىشتۇق» دەپ ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا چەتئەللەردە كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان جەنۇبىي سۇدانلىق زىيالىيلارمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ۋەتىنىگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئايەك خانىم: ۋەتىنىم مەندەكلەرگە تېخىمۇ موھتاج
CNN دە نەقىل قىلىشىچە، ئۆز دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىنتايىن ئارقىدا قالغانلىقىنى ۋە دۇنياغا يېتىشىۋالمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جەنۇبىي سۇدانلىق كۆچمەن ئايەك خانىم كەلگۈسى بىر يىلىغىچە ۋەتىنىگە قايتىپ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىل بېرىشىنى ئويلىشىۋاتىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ يېڭى دۆلىتىگە مەڭگۈلۈك قايتماقچى. ئەلۋەتتە ئامېرىكا ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى. تەربىيىلىنىش، خىزمەت پۇرسىتى بەردى. ھازىر مەن سەھىيە ساھەسىدە ئىشلەۋاتىمەن. ئەمما، ۋەتىنىم مەندەكلەرگە تېخىمۇ موھتاج.»
جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۆپ قېتىم چوڭ ئۇرۇش قىلغان
ئۇنداقتا جەنۇبىي سۇدان قانداق مۇستەقىللىققا ئېرىشتى؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن جەنۇبىي سۇداننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا قىسقىچە نەزەر تاشلاپ ئۆتەيلى.
جەنۇبىي سۇدان 1899-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى قارمىقىدىكى ئەنگلىيە-مىسىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1956-يىلى سۇدان ئەنگلىيىدىن ئايرىپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن جەنۇبىي سۇدان ھازىرقى سۇدان جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.
ھالبۇكى، جەنۇبىي سۇدان شىمالىي سۇدان يەنى سۇدان جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى 1955-يىلىلا باشلىغان بولۇپ، 1972-يىلى ئاخىرلاشقان ئىچكى ئۇرۇشتا جەنۇبىي سۇدان ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان.
جەنۇبىي سۇدانلىقلار ئاپتونوم رايون تۈزۈمىدىن رازى بولمىغان
ئاپتونوم رايون تۈزۈمىدىن رازى بولمىغان جەنۇبىي سۇدانلىقلار 1983-يىلى يەنە سۇدان ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە قارشىلىق ئۇرۇشلىرىنى 2005-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان. ئۇرۇش ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تۈزۈلگەن «ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى» بىلەن ئاخىرلاشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلۈشىگە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جور بوش ھۆكۈمىتىمۇ كۈچ چىقارغان.
«ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى» سۇدان ھۆكۈمىتى ۋە جەنۇبىي سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى ئارىسىدا ھازىرلانغان بولۇپ، كېلىشىمدە سۇدان تەۋەسىدە دېموكراتىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى ئورنىتىش، نېفىت زاپىسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئومۇم خەلق راي سىناش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.
بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا 2 مىليون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە بىر نەچچە مىليون ئادەم مۇساپىر بولغان.
«مەيلى قانداق بولمىسۇن، جەنۇبىي سۇدان خەلقى ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈردى» دەيدۇ، ئامېرىكىدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، جەنۇبىي سۇدان خەلقنىڭ ئۈزۈلمەس-سۇنماس مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ئۇلارنى ئاخىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرگەن.
جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىغا ئامېرىكىدىكى خرىستىئان جەمئىيەتلىرى ۋە كىنو چولپانلىرىمۇ كۆپ ھەسسە قوشقان
بەزى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۆرسىتىشىچە، جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىغا ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇرۇشتىن باشقا، ئامېرىكىدىكى خرىستىئان جەمئىيەتلىرى ۋە كىنو چولپانلىرىمۇ كۆپ ھەسسە قوشقان ئىكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا داڭلىق كىنو چولپىنى جورج كلۇنىي ۋە دون شېئادل قاتارلىقلارنىڭ ئوينىغان رولىمۇ چوڭ بولغان. سۇدان مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك جورج كلۇنىيغا «سۇدان ئەپەندى» نام بېرىلگەن ئىكەن.
جورج كلۇنىي، سۇداندىكى كرىزىسلارغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن كىنو ئارتىسلىرىنى ئەتراپىغا توپلىغان ۋە 2006-يىلى ب د ت دا سۇدان مەسىلىسى بويىچە نۇتۇق سۆزلىگەن.
BBC دا نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ نېگىرىيىدىكى سابىق ئەلچىسى جون كامپبېل جەنۇبىي سۇدان مەسىلىسىنىڭ تېزرەك ھەل بولۇشىدا داڭلىق چولپانلار ئوينىغان رولنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
جەنۇبىي سۇدان نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى خرىستىئان جامائىتى تەشكىل قىلىدىغان بولغاچقا، خرىستىئانلار 2004-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوشقا بېسىم ئىشلىتىپ، سۇدانغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان جەنۇبىي سۇداننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانا خادىمى ئەنوچ ئاۋەجوك: «كلۇنىي ۋە چېركاۋلار بولمىغان بولسا، تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانمىغان بولاتتى» دېدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدا ياشايدىغان سۇدانلىقلارمۇ سۇدان مەسىلىسىنى ئامېرىكىغا تونۇتۇشتا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ھازىر نيۇيوركتا تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي سۇدانلىق كىيىم مودېلى مارى مالكە، سۇدان مەسىلىسىنى ئامېرىكىدا تونۇشتۇرغان جەنۇبىي سۇدانلىقلارنىڭ بىرى. ئۇ، ئامېرىكىدا جەنۇبىي سۇدان ساخاۋەت تەشكىلاتىنى قۇرۇغان ۋە سۇدان مەسىلىسىنى كەڭ تونۇشتۇرۇپ، سۇدانغا ياردەم بەرگۈچىلەر قوشۇنىنى كېڭەيتكەن.
دۇنيادا يەنە ئۇيغۇر قاتارلىق ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسەتكەن ئېلشات ھەسەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىللىقىدىن ئىلھام ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
جەنۇبىي سۇدان نۇرغۇن رېئال مەسىلەرگە دۇچ كېلىدىكەن
تىنچلىق كېلىشىمى بويىچە جەنۇبىي سۇداندا 2011-يىلى 9-يانۋاردىن 15-يانۋارغىچە ئومۇم خەلق راي سىناش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان ۋە راي سىناش ھەرىكىتىدە مۇتلەق كۆپ سانلىق ئادەم جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىللىقىنى قوللاپ بىلەت تاشلىغان ئىدى. جەنۇبىي سۇدان نۆۋەتتە، خەلقئارا مالىيە فوندى، دۇنيا بانكىسى، ئەرەبلەر ئىتتىپاقى، شەرقىي ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ئىلتىماسى سۇنغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 13-ئىيۇل جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەزالىقى ئۈستىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، جەنۇبىي سۇداننىڭ ئەزالىقىنى تەستىقلىدى.
سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جەنۇبىي سۇداننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 8 مىليون 260 مىڭ 490، يەر كۆلىمى 619 مىڭ 745 كۋادرات كىلومېتىر، مول يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايىقىغا ئىگە.
ھالبۇكى، بەزى مۇتەخەسسىسلەر جەنۇبىي سۇداننىڭ يەنە چېگرا پاسىلى، نېفىت بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسى قاتارلىق نۇرغۇن رېئال مەسىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكتە.