خىتايدىكى گېزىت -تېلېۋىزىيىلەر سابىق دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىن ھەققىدەئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر خىتايدا جاڭ زېمىننىڭ ئۆلگەنلىكى ياكى تىرىكلىكى ھەققىدىكى بولۇۋاتقان گەپ-سۆز، مۇنازىرە خوڭكوڭدىن باشلانغان.
سابىق خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن 7- ئاينىڭ 1- كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان بۇنداق چوڭ تەبرىككە قاتناشمىغاندىن كېيىن، خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەر گېزىتى» بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەردە، جاڭ زېمىن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ 301- دوختورخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، مۇتەخەسسسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دوختورلار جاڭ زېمىننىڭ كانىيىدىن شىلانكا سېلىپ نەپەسلەندۈرۈپ، تومۇرىدىن سويۇقلۇق بېرىۋاتىدۇ. كېسىلىدە تېخىچە مۇقىملىق يوق، دەپ بايان قىلىنغان.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىنلا خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ چەتئەللەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى ئۇچۇر ۋاستىلىرىگە قارىتا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتايچە ئەمەس، ئېنگىلىزچە خەۋەر ئېلان قىلىپ، جاڭ زېمىن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى «ئىغۋا» دەپ جاكارلىغان. خوڭكوڭدىكى «ئاسىيا تېلىۋېزىيىسى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياڭ جارۇڭ، بۇ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى جاڭ زېمىننىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە بەرگەن 3 مىنۇتلۇق پروگرامما ئۈچۈن، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومتېتىنىڭ چەتئەللەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىدىن گۇناھىنى تېلىگەن ۋە جاڭ زېمىن جەمەتىدىن ئەپۇ سورىغان.
ياپونچە چىقىدىغان «ئاساخى شىنبون» گېزىتى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، جاڭ زېمىن ھەققىدكى خىتايدا تارقالغان ئۆلۈم خەۋىرى ياكى كېسەل خەۋىرى ۋە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرغان. ياپونلار بۇ ماقالىگە «جاڭ زېمىن ئۆلگەنمۇ ياكى تېخىچە تىرىكمۇ؟ » دەپ ماۋزۇ قويغان. ئۇنىڭ تېگىگە يەنە، «شى جىنپىڭنىڭ ئارقا تېرىكى جاڭ زېمىننىڭ ئۆلۈمى، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق تەقسىماتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ» دەپ كېچىك ماۋزۇ قويغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، 7- ئاينىڭ 7- كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا، چەتئەللىك ئۈچ مۇخبىر خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېيدىن جاڭ زېمىن ھەققىدە 4 قېتىم سوئال سورىغان، ھەر قېتىمدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارا، ئۇقمايمەن، جاڭ زېمىننىڭ 7- ئاينىڭ 1- كۈنى پارتىيە بايرىمىغا نېمە ئۈچۈن قاتناشمىغانلىقىنى بىلدىغان ئورۇندىن سورا دەپ ھەممە سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرغان.
شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت تورلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان جاڭ زىمننىڭ ئۆلگەنلىكى ياكى تىرىكلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە مۇنازىرىلەرگە چەكلىمە قويدى. «جاڭ زېمىن» ھەققىدىكى ھەر قانداق ئۇچۇر توردىن تېپىلمايدىغان بولدى. ئەمما، خۇددى سېدنېيدا چىقىدىغان «ئاۋانگارت» گېزىتىدا بايان قىلىنغاندەك، مۇشۇ كۈنلەردە، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار جاڭ زېمىن ھەققىدىكى ئېنگىلىزچە مۇلاھىزىلىرىنى، خىتايچە «جياڭ» دېگەن ئاھاڭنى قوللانسا، خىتايدىكى ئىنتېرنېت تورلىرىدا توسۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، «رىۋېر» دەپ قوللىنىپ، ئۆز مۇنازىرىلىرىنى خىتاي تورلىرىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. چەتئەللىكلەر ھازىر، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ياكى تىرىكلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇردىنمۇ ئۆلگىدەك قورقىۋاتقانلىقىغا ھەيران قېلىپ، بۇنىڭ تېگىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
خىتايغا نەزەر تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيادىكى ھەر قانداق ئەلدە، جاڭ زېمىنغا ئوخشاش 84 ياشلىق ئادەمنىڭ ئۆلۆپ كېتىشىنى تەبىئىي ھادىسە دەپ قارايدۇ، ئەمما خىتايدا ئۇنداق ئەمەس، تارىختا خىتاي پادىشاھلىرى ئۆزلىرىنى تەڭرىنىڭ ئەركىسى دەپ جاكارلاپ تۇراتتى. پادىشا ئۆلسە دۆلەت قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارايتتى. «ئىلاھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز » دەپ يۈرىدىغان كوممۇنىست پارتىيە، مۇستەبىتلىرىنىڭ ئۆلۈشىدىن تېخىمۇ بەك ئەنسىرەتتى. خۇ ياۋباڭ ئۆلگەندە چىققان قالايمىقانچىلىق خۇ جنىتاۋنىڭ ئىسىدە. ئەمدى 89- يىلىدىكى 4- ئىيۇن قىرغىنچىلىقى دېلوسىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەپ بىكىتگەن، جا چىڭلىندەك خىيانەتچى چېرىكلەرنى ئەڭ مۇھىم مەنسەپكە قويغان، شى نجىنپىڭنى يۆلەپ بەشىنچى ئەۋلاد رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىرىپ قويغان جاڭ زېمىن ئۆلسە، ئۇنىڭدىن قالغان بۇ مەسىلىلەرنى خۇ جىنتاۋ قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ ھېچبولمىغاندا ھازىر جاڭ زېمىن ئۆلمەي تۇرۇشى كېرەك. بۇ، ھازىر خۇ جىنتاۋ دەرھال قارار بېرەلمەي تۇرغان مەسىلە.
ئەركىن مۇنازىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭلۇقلار ھازىر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ زېمىن ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى چەكلىگەنلىكىنى مەسخىرە قىلىپ، ئەمدى جاڭ زېمىن ھەققىدە گەپ قىلغىلى بولمىسا، چاپلاشقان جىن-ئەرۋاھنى قوغلاش ئۈچۈن پوجاڭزا ئېتىش كېرەك دېگەن تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، دېڭ شاۋپىڭنىڭ يېقىنلىرىدىن مەلۇم بىر گېنېرال 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى پارتىيە بايرىمىدا، مەركىزى كومىتېتقا بىۋاستە قارايدىغان ئىدارە كادىرلىرى يىغىنىدا، 18- قۇرۇلتايدا ھاكىمىيەتنى قوغداش جېڭى بولىدىغانلىقىنى، بۇ جەڭدە 2008- يىلىدىكى خارتىيىچىلەر، ۋېن جاباۋچىلار، چۇڭچىڭچىلار ۋە خۇ جىنتاۋچىلاردىن ئىبارەت تۆت تەرەپ ئۆز-ئارا جەڭگە كىرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان.
0:00 / 0:00