0:00 / 0:00
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 3-ئەۋلاد دۆلەت ئالىي رەھبىرى جاڭ زېمىن گەرچە تەختتىن چۈشكەن، ھازىر بولسا ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان بىر شەخس بولسىمۇ، 6-ئىيۇلدا ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتقا چىققان ۋە يەنە بۇ ئۇچۇر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولسىمۇ، جاڭ زېمىندىن ئىبارەت بۇ سابىق رەھبىرىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىپادىسى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئەكس ئەتمەكتە.
ئۇنداقتا جاڭ زېمىن دەۋرىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قانداق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى؟
بۇلارنى بىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ مۇخبىرىمىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ئارقىلىق ئەسلەپ ئۆتەيلى.