بۇ پرىنسىپنىڭ ھەقىقىي يۈزى-باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە زوراۋانلىقلىرى ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشى، مۇداخىلە يۈرگۈزۈشى چەتكە قېقىلغان ياكى چەكلەنگەن ئىدى.
دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل مۇناسىۋەت 300 يىلدىن كېيىن، توغرىسىنى ئېيتقاندا، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئۇرۇش جەريانىدا،6 مىليون يەھۇدىينىڭ ناتسىستلار تەرىپىدىن پىلانلىق بىر شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق تراگىدىيە-خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى ۋە ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندىدى.
بۇ خىلدىكى دەپسەندىچىلىكلەرگە پەقەت ئەنئەنىۋى ئەخلاقى پرىنسىپلار بىلەنلا تاقابىل تۇرغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى سىستېمىلىشىشقا ۋە قانۇنلىشىشقا باشلىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، نيۇرېمبىرگ سوت مەھكىمىسىدە، ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ سوتلىنىشى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق جازا بېرىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق بىر قاتار خەلقئارالىق ئەھدىنامە-ھۆججەتلەر بىلەن ھوقۇقى خاراكتېرگە ئىگە بولدى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى خەلقئارالىق ھوقۇقنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىشى دەپ قارالدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى جەريانىدا، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇرۇھىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان بولسا،سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە ئالاقىلىشىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، دۇنياغا يەرشارىنىڭ باشقا بىر ئۇچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىش ئىمكانىيىتىنى ئاتا قىلدى ۋە ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇش ئىمكانىيىتىدىن ئاساسەن ئايرىلدى. 2009-يىلى خىتاينىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە ئۇيغۇر ياللانما ئىشچىلىرىغا قارىتا خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىقلارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشى بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇچۇر-ئالاقە تەرەققىياتىنىڭ جانلىق مىساللىرىدىن بىرىدۇر.
زامانىمىزدىكى يەرشارىلاشقان دۇنيادا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزىتىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار سان جەھەتتىن كۆپىيىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ مەلۇم دەرىجىدە كېڭەيدى. كىشىلىك ھوقۇق ئېنىق بىر شەكىلدە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا چەكلىمە قويىدىغان بىر ئورگانغا شۇنداقلا دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك خاراكتېرىنى بېكىتىدىغان بىر مىزانغا ئايلاندى. يەنى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت،ئەدلىيە ۋە سوت ئورگانلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىنى تەن ئالدى. دۆلەتلەر خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلغاندىلا، ئاندىن دېموكراتىك دۆلەتلەر سېپىدىن يەر ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدىغان بولدى.
بۇ ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇشتىن چىقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەسىلىسىگە ئايلاندى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئاتلاپ ئۆتۈش قىيىن بولغان مۇھىم بىر نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتكە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت كوللېكتىپ مەجبۇرىيەتنى ئاتا قىلغاچقا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەجبۇرىيەتنى سۆھبەت يولى، زۆرۈر بولغاندا، ھەربىي ئارىلىشىش يوللىرى ئارقىلىق ئادا قىلدى ۋە قىلماقتا.
سېربىيە دۆلىتىنىڭ كوسوۋو مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زوراۋانلىقلىرىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ناتونىڭ 1999-يىلى بېلگرادنى بومباردىمان قىلىشى بۇنىڭ بىر ئۆرنىكى بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسيانكار لىۋىيە خەلقىنى قوغداش ۋە ئۆز خەلقىنى قىرغىن قىلىشقا جۈرئەت قىلغان مۇستەبىت كازافىينىڭ نوخلىسىنى ئېلىش مەقسىتىدە، لىۋىيىگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى بۇنىڭ يەنە بىر يېڭى ئۆرنىكىدۇر. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ لىۋىيىگە ھەربىي ئارىلىشىشى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قارىتا چەكتىن ئاشقان زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىنىشىدۇر.
مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ۋە دىكتاتورىلىق ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئىچكى ئىشىمىز دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئىگىلىك ھوقۇقنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ، چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىدىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ.
بۇ دۆلەتلەردىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى ھە دېگەندىلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا ھۆرمەت قىلمىدى، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر 17 تۈرلۈك خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىدى ۋە ئۇلارغا قاتناشتى. ئۇلار ئىمزا قويغان ھۆججەتلەر ئىچىدە «ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى» بىلەن «پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى» بار. ھالبۇكى، بۇ ھۆججەت ۋە ئەھدىنامىلەردە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكى، يەنى ئۇنىڭ بىر دۆلەتنىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
قىسقىسى، نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتتە، بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەنقىد قىلىشى، ئەيىبلىشى ۋە بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى ئىنتايىن نورمال ئەھۋالدۇر. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرى-ئىنسانلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپلا، بۇ ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولغانلىقىدىن ئىبارەت ئومۇمىي پرىنسىپ بۇنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا مۇستەبىت دۆلەتلەردىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇنىڭغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئىنسانىي بۇرچ بولۇپلا قالماي،يەنە قانۇنىي مەجبۇرىيەتتۇر.