بۇ ماقالىنى يازغۇچى ئابدۇللاھ موللائوغلۇ يازغان.
ماقالە مۇنداق باشلانغان: بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيىدە، ھەر كىمدىن پەلەستىن ھەققىدە سورالسا، ئىسرائىلىيىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان پەلەستىنلىكلەرگە زۇلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر قېتىملىق دىنىي مۇراسىملاردا پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن دۇئا ئوقۇلىدۇ. ياسىر ئەرىفاتنى خەلق بەك ياخشى كۆرىدۇ، نەتىجىدە تۈركىيە پەلەستىننى ياخشى بىلىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستانغا نىسبەتەن ۋەزىيەت باشقىچە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى بەك ئاز كىشى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئۇزاق بولسىمۇ، تۈركىيىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۈركلەرنىڭ دىيارىدۇر ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تىلى تۈرك تىلىغا بەك يېقىن ئوخشاپ كېتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ھەجگە بارغان ھەر قانداق ئۇيغۇر قايتىشىدا تۈركىيىگە، بولۇپمۇ ئىستانبۇلغا كەلمىسە، ئۇلار ھەج قىلىشى كەم بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي 1949-يىلى ئىشغال قىلغان شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. سوت ئاچماستىن ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ پۇل - ماللىرىنى تارتىۋالىدۇ. تىلى ۋە دىنىغا چەكلمە قويدى. تۈرمىگە قامىغانلارنى ناچار شارائىتلار ئاستىدا ئېغىر ئىشقا سالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھەر كۈنى نەچچە مىڭلىغان خىتايلارنى كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ يەرلەشتۈرمەكتە. 60 يىلدىن بۇيان بۇ خىل ناھەقچىلىكلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ. مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىنى تۈركىيىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئەمما بۇ تىرىشچانلىقلار كۆزلىگەن سەۋىيىدە تەسىر كۆرسەتمىدى.
ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا جامائىتىنى ئۆزىگە تارتىشتا ئىنتېرنېتنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان كۈنتەرتىپكە كەلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشىدە ئاساسلىقى ئىنتېرنېت مۇھىم رول ئوينىدى. رەھىمسىز خىتاي ھاكىمىيىتى ئېلان قىلىشقا ھەرگىزمۇ رۇخسەت قىلمايدىغان رەسىم ۋە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق دۇنياغا تارقالدى. تۈركىيە قاتارلىق كۆپ ساندا دۆلەتلەر ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتاننى تېخىمۇ ياخشى بىلىشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركسىتان داۋاسى ئىنتېرنېت ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىگە تونۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما بۇ ۋەزىيەت بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ. بۇرۇن ئىنتېرنېت يوقتى شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركسىتاننى بىلەلمىدۇق، دېيىشمۇ مەنتىققا ئۇيغۇن ئەمەس. پەلەستىندە يۈز بەرگەنلەرگە تۈركىيىنىڭ قارشى چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئوخشاش بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىق ئىدى. بوسىنىيە ۋە چىچەنىستان ئۈچۈنمۇ شۇ سەۋەبلەر ئاساسى رول ئوينايتتى. ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ھەم دىنىي ھەم مىللىي قېرىنداشلىرىمىز بولسىمۇ، ئۇلاردىن تولۇق خەۋىرىمىز يوق ئىدى. ئۆز ئۆزىنى تار دائىرە ئىچىگە قاپىلىۋالغان دۆلىتىمىز، ھۆكۈمىتىمىز، ئۆز سايىسىدىن قورقىدىغان سىستېمىمىز سەۋەبىدىن ئۆز ئىنسانلىرىمىزنى تونۇيالمىدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەۋجۇت، يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان بۇرۇنقى ھالى بىلەن ئەڭ كونا پاجىئەلىرى بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ.
ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋىرى بار، ئۇيغۇرلارنى بىلىدۇ، خىتاينىڭ چېگرىسى ئىچىدە شەرقىي تۈركسىتان دېگەن بىر ئۆلكىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى بەك ياخشى كۆرىدىغان دىنىي قېرىنداشلىرىمىز ئەرەب دۇنياسى ھازىرغىچە سۈكۈت ئىچىدە. ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىر قانچە قېتىم پروگرامما تارقتىشتىن سىرت ئەرەب دۇنياسى ھازىرغىچە سۈكۈت ئىچىدە تۇرماقتا. ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان غەربىي تۈركىستاننى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركسىتان ئۈچۈن ئاۋازىنى چىقارمايدۇ. ئىران شەرقىي تۈركسىتاننى قوللايدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش كېرەك. بىلدۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن خىتاي ئىلگىرىكىگە ئوخشاش زۇلۇم قىلالمايدۇ.
ماقالىدە يەنە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن لىدەرنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: تىبەتمۇ خىتاي ئىشغال ئاستىدا، ئەمما دالاي لامانىڭ مەشھۇر ئىمتىيازى سايىسىدە خىتاي ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تىبەتتە ئاشكارا زۇلۇم قىلالمايۋاتىدۇ. ھەر بىر ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ بىر لىدەرى بولىدۇ. ئۇ لىدەر ئوخشاش ۋاقىتتا شۇ ھەرىكەتنىڭ سىمۋولى بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ ئۇيغۇن لىدەر بولسا رابىيە قادىر. نەچچە يىل خىتاي زىندانلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بۇ خۇش چىراي ئايال، ئىمكان قەدەر كۈنتەرتىپتە تۇتۇلۇش كېرەك، تونۇلۇشى كېرەك. پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ئالدىنقى قاتاردا كۈنتەرتىپتە تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ياسىر ئەرافاتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدۇر. ياسىر ئەرافات قانداق شەكىلدە پەلەستىننى مىليونلىغان ئىنسانلار تەرىپىدىن بىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرغان بولسا، ئوخشاش شەكىلدە رابىيە قادىرمۇ بىر سىمۋول ھالىغا كەلتۈرۈلۈشى مۇمكىن، بۈگۈنكى كۈندە پەلەستىن مەسىلىسىنى لاتىن ئامېرىكىلىقلارمۇ قوللايدۇ. پەلەستىن ئافرىقىدا، ئامېرىكىدىمۇ ئوخشاش تونۇلدى. ئوخشاش شەكىلدە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇش، قوللاش ئىمكانىيىتى بار.
ماقالىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قايسى نۇقتىنى چىقىش يولى قىلىپ تۇرۇپ قەدەم ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىش مەسىلىسى. بۇ بولسا شەرقىي تۈركسىتان ئازادلىق ھەرىكىتىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. دىنىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئىنساندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلە دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈلگەندە ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك. ئافرىقىدىكى، لاتىن ئامېرىكىدىكى ۋە ياكى ياۋروپادىكى ئىنسانلارنىڭ دىققىتى بۇ نۇقتىغا تارتىلىشى كېرەك. ئىرقداشلىق ۋە دىنىي قېرىنداشلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرى ئاز بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئىرقداشلىقنىڭ، دىنىي قېرىنداشلىقنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلدىن بۇيان، پەلەستىن 1948-يىلدىن بۇيان قانىغان يارا بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە پەلەستىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ياخشى ۋەزىيەتتە بولۇپ، بۇ ئەھۋالى بىلەن پەلەستىن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ياخشى بىر ئۈلگە بولالايدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا قورال بىلەن ھەل بولمىغان مەسىلىنى، ئىجتىمائىي خەلق ھەرىكىتى، بىر نامايىش ۋە ياكى بىر يۈرۈش قىلىش بىلەن ھەل قىلالايدۇ. ئىسرائىلىيىنى ئارقىغا چېكىندۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، پۈتكۈل دۇنيادىكى پەلەستىن تەشۋىقاتىنىڭ كۈچى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر خىزمەت خىتاينىمۇ تەسىرگە ئۇچرىتالايدۇ. يېقىن زامانغىچە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا ئاساسەن سۆز قىلمىغان خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىندىن بۇيان بايانات بەرمەكتە، چۈشەنچە بەرمەكتە. ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا باھانە توقۇماقتا. بۇنىڭ سەۋەبلىرى بولسا، دەسلەپتە ئىنتېرنېتتىكى ۋە كېيىن تېلېۋىزىيىلەردە تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردۇر يەنى تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدۇر. تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا 60 يىللىق بىر قەرزى بار، ھېساب كىتاب ئوچۇق، قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت ئېنىق. ئەمما بۇ ھەقتە ئىش قىلىش ئىنسانلارنىڭ ۋىجدان- غۇرۇرىغا، چۈشەنچىلىرىگە باغلىق.