خىتايدىكى 2012-يىللىق كۇڭزى مۇكاپاتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 9-سېنتەبىر بېيجىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلانغان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى يەكشەنبە كۈنى 3-قېتىملىق كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى پائالىيىتىنىڭ خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلات، خىتاي خەلقئارا ۋە تىنچلىق تەتقىقات مەركىزىي تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە 2012-يىللىق كۇڭزى مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا خىتاي تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن تىبەت دىنىي ئۆلىماسى بەنچەن لاما ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى كوفى ئاننان قاتارلىقلارنىڭ نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر 27-سېنتەبىر كۈنى خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلات «خىتاي سەھرا مەدەنىيەت-سەنئەت جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان، 2011-يىللىق «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ توختىتىلغانلىقىنى ھەمدە خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات «خىتاي سەھرا مەدەنىيەت-سەنئەت جەمئىيىتى» نىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ يىل «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» نامىدىكى بۇ پائالىيەتنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يەنە تىلغا ئېلىنىشى، خىتاي تور بېكەتلىرى ھەمدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يەنە بىر قېتىم ئىنكاس قوزغىدى.
چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى ئاتالمىش «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى»نىڭ تەسىس قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي غەرىزى بارلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«ئاتالمىش كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر مەسخىرە بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئاممىۋى تەشكىلاتلار نامىدا بۇ خىل مۇكاپاتنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي غەرىزىگە يېتىشكە ئۇرۇنماقتا.»
خۇ پىڭ ئەپەندى ئاتالمىش كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«2010-يىلى نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن، خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبوغا 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلدى. ئارقىدىنلا خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلات-‹خىتاي سەھرا مەدەنىيەت سەنئەت جەمئىيىتى› شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ناھايىتى ئالدىراشلىق ئىچىدە مۇكاپات سوممىسى 100 مىڭ يۈئەنلىك ئاتالمىش كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىپ، 2010-يىلى 9-دېكابىر كۈنى يەنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن بىر كۈن ئىلگىرى 1-قېتىملىق كۇڭزى مۇكاپاتىنىڭ تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى لىيەن جىيەنگە بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما لىيەن جىيەننىڭ مۇكاپاتنى ئېلىش مۇراسىمىغا كەلمىگەن ئىدى. 2-قېتىملىق كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى بۇلتۇر رۇسىيە پرېزىدېنتى بۇ تىننىڭ چېرچىنىيىدە تىنچلىق ئورناتقانلىقى ئۈچۈن دەپ بېرىلدى. پۇتىنمۇ مۇكاپاتنى ئالغىلى بارمىدى. خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بۇ مۇكاپات خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مەسخىرە تېمىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەر 2-قېتىملىق كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئەينى چاغدىكى ‹خىتاي سەھرا مەدەنىيەت-سەنئەت جەمئىيىتى› نىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرى يېڭى بىر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ نامىدا 3-قېتىملىق كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ مۇكاپاتنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي غەرىزى بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.»
خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 2011-يىلى 27-سېنتەبىر كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتايدىكى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات «خىتاي سەھرا مەدەنىيەت-سەنئەت جەمئىيىتى» 2-قېتىملىق كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇقتۇرۇشتا، خىتايدىكى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات-«خىتاي سەھرا مەدەنىيەت-سەنئەت جەمئىيىتى» نىڭ 17-سېنتەبىر، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپلا، بېيجىڭدىكى شىئاڭشەن تېغىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆز ئالدىغا 2011-يىللىق كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەنگەن ئىدى.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ بىكار قىلىنغاندىن سىرت، «خىتاي سەھرا مەدەنىيەت-سەنئەت جەمئىيىتى» قارمىقىدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭمۇ تارقىتىۋېتىلگەنلىكى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن ئىدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە بۇ يىللىق كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىغا چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى ئېتىراپ قىلمايدىغان 11-نۆۋەتلىك بەنچەن لامانىڭ نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا 50 تىن ئارتۇق تىبەتلىكنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، دائىرىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بەنچەن لامانى كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىشى، لخاسانىڭ بۇ يىللىق باھالاشتا خىتايدىكى ئەڭ بەختلىك شەھەر دەپ باھالىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. 2009 يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىنمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىنى شۇ يىللىق بەختلىك شەھەر تىزىملىكىدە ئېلان قىلغان ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى پەدەزلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە دۇنيادا ھېچقانداق تەسىرى يوق كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گەرچە بېيجىڭ دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ مۇكاپاتنىڭ ھۆكۈمەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.