يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ سابىق رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ 5 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمىدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كاتىپى ھەم باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار خىتاي تور بېكەتلىرىدە بارغانچە كۆپەيگەن. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن، 1996-يىلدىن بۇيان بۇ خىل پىكىرلەرنى باستۇرۇپ كەلمەكتە.
يېقىندا خىتايدا چىقىدىغان «يېن خۇاڭ چۈن چىيۇ» ناملىق ئايلىق ژۇرنالدا، خىتاينىڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ زېخۇانىڭ «مېنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئىدىيىۋى مۇساپەم» ناملىق ماقالىسى بېسىلدى. ئاپتور ماقالىدە ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەخمىنەن 75% ئىنىڭ ئۇنىڭ كاتىپى تەرىپىدىن يېزىلىپ ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىمزاسى قويۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدە يەنە ماۋ زېدۇڭنىڭ «ئەمەلىيەت توغرىسىدا»، «زىددىيەت توغرىسىدا» دېگەن ئەسەرلىرىنىڭ ياڭ شىيۇفېڭنىڭ «جەمئىيەت ئىلمىي قوللانمىسى» دىن كۆچۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئۇزۇن يىل ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرىدىن تې ليۇ ئەپەندى ۋە ۋۇ فەن ئەپەندىلەر، 16-نويابىر كۈنى كانادادىكى يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 5 توملۇق ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەتلا 25 پارچە ئەسەرنىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆزىنىڭ يازمىسى ئىكەنلىكىنى، قالغان ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تې ليۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۈزۈمىدە ئەمەلدارلارنىڭ دوكلاتلىرىنى دائىم باشقىلار يېزىپ بېرىدىغان بولۇپ، ماۋ زېدۇڭ ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ئۇنىڭ كاتىپى ياكى باشقىلارنىڭ يېزىپ بەرگەنلىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلىدىغان ئاشكارا مەخپىيەتلىك ئىكەن.
تې ليۇ ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، ئىلگىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ كاتىپى بولغان لى يۈېنىڭ بايانىنى نەقىل ئېلىپ، ماۋ زېدۇڭ 1927-يىلى ئېلان قىلغان «خۇنەن دېھقانلار ئىنقىلابى ھەققىدە دوكلات»نىڭ تۇنجى قوليازما ئورگىنالىنىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ 2- ئايالى ياڭ كەيخۇي تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى، ئەمما ياڭ كەيخۇينىڭ قول يازمىسى ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغاندا بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر قىسمىنىڭ قالدۇرۇلۇپ قويۇلغانلىقىنى، ياڭ كەيخۇينىڭ ئۆز يازمىلىرىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەخلاقىغا باھا بېرىپ، ماۋ زېدۇڭنى «سىياسىي ھەم كىشىلىك ھاياتتىكى لۈكچەك» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋۇ فەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماۋ زېدۇڭنىڭ ماقالىلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شېئىرلىرىمۇ ئۇنىڭ كاتىپى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىكەن. مەسىلەن، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرى دەپ مەدھىيىلىنىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئۆگىنىش ئۈچۈن تارقىتىلغان «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»، «يۈيگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى»، «بېتيوننى خاتىرىلەيمىز» دېگەن ئەسەرلەر ھەم ماۋ زېدۇڭنىڭ شېئىرى، ئۇنىڭ تالانتىنىڭ نامايەندىسى دەپ مەدھىيىلەنگەن. بىرمۇنچە شېئىرلار ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى كاتىپى خۇ چياۋمۇ تەرىپىدىن يېزىلغان. خۇ چياۋمۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئۇنى يوقلاپ كەلگەن خىتاي رەھبەرلىرىدىن ۋېن جياباۋ، چياۋ شى قاتارلىقلارغا ئۆز تەلىپىنى بىلدۈرۈپ، «مەن پەقەت رەئىسىمىزگە كاتىپلىق قىلغان مەزگىللىرىمدىكى ئۆزۈمگە تەۋە بولغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن.
خىتاي تور بېكەتلىرىدىن يېڭى ئىرا تور بېكىتى، بوشۈن قاتارلىق تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەم بۇ ئەسەرلەرگە بېرىلگەن قەلەم ھەققى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار بارغانچە كۆپەيگەن.
ماۋ زېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا-قايتا نەشر قىلىنغان «ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»نىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەم نەچچە مىليارد يۈەنلىك قەلەم ھەققى ئۈستىدە تالاش - تارتىشلار ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. بۇنداق شارائىتتا 1996-يىلى خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر تەلەپنامە يېزىپ، ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرىنى نەشر قىلغاندا، ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ باش قىسمىغا بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىلاۋە يېزىشنى تەلەپ قىلغان.خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بولسا بۇنداق قىلغاندا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭلا ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭمۇ ئابرۇيىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇندىن كېيىن ھەرقانداق بىر شەخس ياكى تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ياكى ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان قەلەم ھەققى توغرىلىق مۇنازىرە قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما ماۋ زېدۇڭغا توغرا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرى تور بېكەتلىرىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدىن ماۋ زېدۇڭنىڭ خىتاي تارىخىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى ھەم ئۇنىڭ ئىجادىيەتتە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتەك قىلمىشىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىشماقتا.