ئىلگىرى سوتسىيالىستىك ۋە كاپىتالىستىك تۈزۈم ئوتتۇرىسىدا كەسكىن قارىمۇ-قارشىلىقلار ھۆكۈم سۈرگەن بولسا، ئەمدى مۇنداق قارشىلىقلار ۋە رىقابەتچىلىك ئىلگىرى بىر ئىتتىپاقتا بولغان جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدا يەنىمۇ داۋام قىلماقتا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدىن تاشقىرى مۇنداق قارشىلىقلارنى تارىخ تەتقىقاتلىرىدىمۇ روشەن كۆرۈشكە بولىدۇ، چۈنكى ئىلگىرىكى بىر پۈتۈن سوۋېت خەلقى، بىر پۈتۈن سوۋېت تارىخى دېگەن ياسالما چۈشەنچىدىن قۇتۇلغان بۇ مەملىكەتلەر ئەمدى ئۆز ئۆتمۈش تارىخىنى قايتا قاراپ چىقىش، شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ھەر بىر ئېتنىك ئۆز تارىخىنى قايتا يېزىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى.
بۇ، ئەلۋەتتە، تەبىئىي نەرسە، چۈنكى ئۆتمۈشسىز، تارىخسىز ۋە مەدەنىيەتسىز خەلقنىڭ، دۆلەتنىڭ كېلەچىكى بولمايدۇ. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ھەر قانداق مەملىكەت، ئالىملارنى شۇ مىللىي تارىخنى، مىللىي مەدەنىيەتنى تىكلەشكە سەپەرۋەر قىلىشنى باش مەقسەتلەرنىڭ بىرى قىلىپ قويدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، بۇ جەرياندا كەسپىي تارىخچىلار بىلەن بىرلىكتە ھەۋەسكار تارىخچىلارمۇ كۆپلەپ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇلارمۇ ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشلەرنى، تەتقىقاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆز ئەمگەكلىرى بىلەن كەڭ كىتابخان ئاممىسىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتا. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىدىكى بەزى پىكىرلەرنىڭ گۇمان تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىش كېرەكتۇر. بۇنى، مەسىلەن، ئىلمىي چارە-تەدبىرلەر، شۇ جۈملىدىن ئىلمىي ئەمگەكلەر، ماقالىلەر، ئالىملارنىڭ پىكىرلىرى ئىسپاتلىماقتا.
يېقىندا «ئاسىيا مەركىزى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئانالىزچى نۇرتاي مۇستافايېفنىڭ «مەركىزىي ئاسىيادىكى تارىخلار ئۇرۇشى» ناملىق ماقالىسىدە ئەنە شۇنداق تارىخچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ماقالىلىرى ھەققىدە گەپ قوزغالغان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى قازاق، ئۆزبېك، تاجىك، قىرغىز قاتارلىق بەزى ئېتنىكلارنىڭ كېلىپ-چىقىشى، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە يېزىلغان بەزى تارىخچىلارنىڭ ئەمگەكلىرى ئەتراپىدا ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئېلىپ بارغان.
ئۇ بۈگۈنكى كاۋكاز ئېتنىكلىرى ئارىسىدا تارىخىي مىراسقا ئىگىدارچىلىق قىلىش، يەر دەۋاسى ئوخشاش تالاش-تارتىشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، يېڭى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ، بەزى ئاپتورلىرىغا خاس بولغان ئۆز ئېتنىكلىرى تارىخىنى، ئۆز مەملىكىتى تارىخىنى مۇمكىن قەدەر قەدىمىي قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەمما، بۇ يەردە مەزكۇر ئەھۋال ھونلار، قەدىمىي تۈركىيىلەر مىراسى، چىڭگىزخان ۋە تۆمۈرلەڭ مىراسى ئۈچۈن كۈرەش شەكلىگە ئىگە بولماقتا. قازاقىستان جەمئىيىتىدە، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا شاخمۇرات قۇئانغانوف، قاسىم مەسىمى، قالىبېك دانىياروف ئوخشاش كەسپىي ئەمەس تارىخچىلارنىڭ ئارغىنلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ، قازاقلارنىڭ قەدىمىيلىكى، ئۇلارنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى مەشھۇر تارىخىي ۋەقەلەردىكى رولى، قاتنىشىشى ھەققىدە رىۋايەتلىرى كەڭ ئاممىبابلىققا ئىگە بولماقتا.» ن. مۇستافايېف بۇ يەردە يۇقىرىدا ئاتالغان ئاپتورلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى مىسالغا كەلتۈرۈپ، ئۇلاردا كىر ھەم ئالېكساندىر ماكېدونسكىي دەۋرلىرىدىن مەلۇم بولغان ئارغىن ۋە باشقىمۇ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ قەدىمىيلىكى، ئۇيغۇرلار مەملىكەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئېرامىزغىچە بولغان بىرىنچى مىڭ يىللىقنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ ياۋروئاسىيا بوشلۇقىدىكى كۆچۈپ-قونۇشلىرى، چىڭگىزخاننىڭ قازاقلاردىن كېلىپ-چىقىشى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنىڭ قانداقلا بولمىسۇن ئېتنىكنىڭ ئالاھىدە رولىنى كۆرسىتىشكە قارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالە ئاپتورى مۇنداق قاراشلارنىڭ كەسپىي تارىخچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا بىرەر ۋەقە ۋە جەرياننى شەرھىيلەشتە ئۇلار ئارىسىدا قارىمۇ-قارشىلىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۆزبېك ۋە تاجىكلار، قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەر، قازاق ۋە ئۆزبېكلەر ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخىنى چۈشەندۈرۈشتە قاتتىق قارشىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئاپتور بۇنىڭدىن تاشقىرى گ. ھىدايەتوف، ق. جۇماغۇلوف، ن. نۇرتازىن، م. ئېشالىيېف، ئا، بېكبالايېف قاتارلىق ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز تارىخچىلىرى ئارىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقلارنى كۆرسىتىپ، مەركىزىي ئاسىيادىكى تارىخلار ئۇرۇشىنىڭ مەزكۇر رايوندا جايلاشقان مەملىكەتلەردە پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكتىن، ئاھالى ۋە كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا تارالغان مىللەت، ئېتنىك ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلەردىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.