مىسىر پرېزىدېنتى مۇرسىينىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى
2012.08.28
ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 1956-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ24-كۈنى لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا چىقىدىغان گېزىتتە بايان قىلىنىشىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكەن يىللىق سودا قىممىتىنىڭ 2008-يىلىدىن بۇيان 40% ئۆرلىگەن. مىسىر ئافرىقا قىتئەسىدىكى تۇنجى قېتىم خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتتۇر. نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسىلەر ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنياۋى ئىقتىسادى كرىزىس تېخى ھەل قىلىنمىغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە سۆزلىشىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى كۆرسەتمەكتە. يەنى ئۇلاردىن خەلقئارا ئىستراتېگىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن بېن سىمپفېندورفېر «يېڭى يىپەك يولى» ناملىق كىتابىدىكى ماقالىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەن مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئەزان باھالىق كېرەكسىز ئەسكى ماللىرىنىڭ يەنە ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېقىپ كىرىشىنى خالامدۇ؟ پەلەستىندە ھېبرون ئاساسلىق چوڭ تىپتىكى توقۇمىچىلىق سانائەتلىرىدىن بىرى ئىدى ۋە ئاساسلىقى كېففىيېس، يەنى قارا ۋە ئاق رەڭلىك ياغلىق ئىشلەپچىقىراتتى. بۇ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ داھىيىسى ياسىر ئارافاتنىڭ باش ياغلىقى ئىدى. لېكىن ھازىر بولسا، ھېبرون توقۇمىچىلىق سانائىتى زاۋۇتىنىڭ پەقەتلا بەش مىڭ ئىشچىسى قالدى. يەنى ئەسلىدە ئون بەش مىڭ ئىشچىسى بولغان بۇ زاۋۇتتا، ئون يىلنىڭ ئىچىدە ئونمىڭ ئىشچى ئىشسىز قالدى. خىتاينىڭ ئەزان باھالىق ماللىرى يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋەيران قىلدى. پەلەستىنلىكلەر ھازىر خىتايدا ئىشلەنگەن قارا ۋە ئاق ياغلىقلارنى يۈزىگە يېپىپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنىشىدىغان بولدى. ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن رايون ئىقتىسادى ۋەيرانچىلىقلارغا يولۇقماقتا. ئوتتۇرا شەرق كۆپ نوپۇسلۇق رايون بولۇپ، ياشلارنىڭ نوپۇسى 177 مىليون يەنى ئاساسلىق نوپۇسنىڭ 56%i شۇنداقلا تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئىشسىزلىق كۆپ رايون. شۇنداق بولغاچقا، بۇ رايوندا ئىجتىمائىي جىنايەت سادىر قىلىش ئادەتتىكى ئىش تۇيۇلىدۇ. ئەگەر مىسىر خىتاي ماللىرىنى داۋاملىق ئىمپورت قىلسا، بۇ يەردىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ. مەسىلەن: مىسىرنىڭ ئاياق زاۋۇتلىرى، پاختا زاۋۇتلىرى، كىيىم-كېچەك ۋە شۇنداقلا توقۇلما ماللار زاۋۇتلىرى ئالىقاچان ۋەيران بولۇپ بولدى. مىسىرنىڭ ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئەركىن سودا قىلىش كېلىشىمى خېلىبۇرۇن ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىرىش ئىككى زاۋۇتى 2009-يىلىدا مىسىردا قۇرۇلۇپ بولغان. ھەتتا مىسىرلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرامىلىرىدىمۇ ئىشلىتىدىغان چىراقلىرى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىدە ئىشلىنىپ مىسىردا بازارغا سېلىنىدۇ. مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى مىسىرلىقلارغا بىر كېچىدىلا ۋىزا بېرىدىغان بولغان. مىسىرلىقلار، پەلەستىنلىكلەر جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىنى پۇل تېپىش جەننىتى دەپ بىلىشەتتى. بۇ ئەجدادى بۇددىست، ئۆزلىرى كوممۇنىست بولغان خىتايلار مىسىرلىقلارنى، پەلەستىنلىكلەرنى، سۈرىيەلىكلەرنى ۋە بارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ باي بولۇشىنى ئويلامتى؟ ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ باي بولۇشىنى ئويلىسا، نېمە ئۈچۈن ئۆزىدىكى مۇسۇلمانلار باي ئەمەس، شۇنچە كەمبەغەل؟ 8 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىت سېلىشى، ناماز ئوقۇشى شۇنداقلا مەدرىسە قۇرۇشى ۋە ھەتتا ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمىنى ئەركىن ئوقۇشى، ھەج تاۋاپ قىلىشى چەكلەنگەن بىر مەملىكەتتە. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەسچىت، مەدىرىسىلەرنىڭ سېلىنىشى ۋە مەسچىتلەرگە ھۆكۈمەتنىڭ ئىماملارنى تەكلىپ قىلىپ، مائاش بېرىشى، بۇ پەقەتلا خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلارنى ئالداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتتىن ئىبارەت ئىدى.
ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
مەن، خىتاي ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئىرانلىقلارنىڭ باشقا بىر ئىمپېرىيە قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر قېتىم خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسىدىن:
-خىتاي ھۆكۈمىتى قاھىرە ۋە دەمەشىقتىكى ئوقۇۋاتقان دىندار ئوقۇغۇچىلاردىن ئەنسىرەۋاتامدۇ،-دەپ سورۇدۇم. ئۇ ماڭا:
-ياق، لېكىن ھۆكۈمەت تېھراندا ئوقۇۋاتقان دىندار ئوقۇغۇچىلاردىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىردىن باشلاپ ئەگەر ئۆزى مۇقىمسىز ۋەزىيەتكە دۇچ كەلسە يەنى ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتەك، تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى مۇمكىن،-دەپ جاۋاب بەردى.
خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى بېن سىمپفېندورفېرنىڭ يۇقىرىقى تەھلىللىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئەندىشىسى، مىسىرنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدە تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ئىكەنلىكى ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بولسۇن ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە بولسۇن، دىنىي ھېسسىياتى كۈچلۈك داھىيلاردىن بولغانلىقى ۋە سايلامدا سايلىنىپ پرېزىدېنتلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا، تۇنجى قېتىم قىلغان پەلەستىن مەسىلىسىنى قوللىغانلىقىدىن باشقا، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۈچ يۈز نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەندىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىپ «ۋەتەننى،شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» بېرىشنى باشلىغان جاي قاھىرەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئىدى. ئۇندىن باشقا، 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشى ۋە شۇنداقلا ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى، خەلقئارا ئىسلام كونفېرانسىنىڭ مەسئۇلى ئەكمەلىددىن ئىھسانوغلۇنىڭ ئۈرۈمچىگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى باشلاپ بېرىشىدەك ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە قىزىقىشى ۋە يېقىندا يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئىسلام كونفىرانسىنىڭ مەسئۇلى ئىھسانوغلىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ھازىرغىچە تېررورلۇققا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى چۆچۈتۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.
خىتاي مىسىر بىلەن ئۆزىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە سودىسىنىڭ يىپەك يولى ئارقىلىق 2000 يىلدىن بۇرۇن باشلانغانلىقى قاتارلىقلارنى قەيت قىلىش بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مائارىپ ئالماشتۇرۇشنىڭ 1931-يىلى خىتايدىن مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا بارغان يۈننەنلىك خۇيزۇ ماجيەندىن باشلايدۇ. ماجيەن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ 1939-يىلى خىتايغا قايتىپ كېلىپ تۇنجى قېتىم خىتايدا ئەرەبچە-خىتايچە لۇغەت تۈزۈش بىلەن بىرگە، ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، تۇنجى قېتىم قۇرئان كەرىمىنى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىرغا بارغان تارىخى خىتايدىكى ھەر قانداق مىللەتتىن ئۇزۇن بولۇپ، پەقەت يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا مىسىرغا بارغان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلئەزىز چىنگىز داموللا بار. ئۇ زات ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1926-يىلىدىن باشلاپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە 1934-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان ۋە مىسىر پادىشاھى تەرىپىدىن شان-شەرەپكە ئېرىشىپ تارتۇقلانغان.