خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟

خىتاينىڭ «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى» دا بەلگىلەنگەن مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاي مەركىزى كومىتېتى 1991-يىلى «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار» نى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ قارارنىڭ روھىغا بىنائەن، پۈتۈن خىتاي ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئۈچۈن مۇقىملىق ئەڭ ئاساسى ۋەزىپە قىلىنغان. ھالبۇكى، خىتاي ئۈچۈن جەمئىيەت ئامانلىقى بارغانسېرى ياخشىلىنىش ئەمەس، ئەكسىچە يىلسېرى يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2008-يىلى خىتايدا 80 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق خەلق قارشىلىقلىرى يۈز بەرگەن بولسا، 2009-يىلى 90 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. 2010-يىلىغا كەلگەندە بولسا 110 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق بولغان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 20-ئاپىرىلدىكى «خىتاي رەھبەرلىرى سۆز ئەركىنلىكىدىن نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر قورقىدۇ؟» ناملىق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋېلىشى نەتىجىسىدە خىتايدىكى كىشىلىك ئەركىنلىك بارغانسېرى چېكىنىپلا قالماي، قانۇن-تۈزۈممۇ خالىغانچە دەپسەندە قىلىنىشقا باشلىغان. مۇقىملىق ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ بېكىتىلگەن بولغاچ، يەرلىك ھاكىمىيەتلەر ھەممە شەكىلدىكى قارشىلىق، نارازىلىق، ئۆكتىچى پىكىر ئېقىمىنى مۇقىملىققا خىلاپ ھەرىكەت دەپ قاراپ، كىشىلەرنى خالىغانچە باستۇرالايدىغان بولغان. بىر شەھەر، بىر ناھىيىنىڭ مۇقىم ياكى مۇقىمسىزلىقىنى شۇ جاينىڭ يەرلىك رەھبەرلىرى بەلگىلىيەلەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن.

4-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ گېزىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى» ناملىق باش ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ بىر بۆلىكىدە ئەينەن ھالدا شۇنداق دېيىلگەن: «بۇ 20 يىلدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئۈچ خىل كۈچلەر ۋە ھەر خىل ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە زەربە بېرىش جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىنىپ، بىر تۈركۈم زوراۋان، تېررورچى تەشكىلات ۋە شايكىلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىلىپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ غەربلەشتۈرۈش، پارچىلاش رەزىل نىيىتى بىتچىت قىلىندى.» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ يۇقىرىقى باش ماقالىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يەنە بىر باش ماقالىسى ئىنكار قىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ گېزىتىدە «ئاپتونوم رايونلۇق ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 4-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمىن ناھىيە، شەھەر، رايونلارغا نام بېرىش قارارى» ناملىق باش ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ماقالىدە قورغاس، كۆكتوقاي، جىمىنەي، مورى، مايتاغ، داۋانچىڭ قاتارلىق 13 ناھىيە، رايونغا «ئەمىن ناھىيە» دەپ نام بېرىلگەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى 100 دىن ئارتۇق ناھىيە، شەھەر، رايونلار تېخى ئەمىن ئەمەس.

2008-يىلى يۈز بەرگەن 4-ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى ۋە 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەرنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەمىنلىك سىياسىتىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىناي خانىم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى سايلىغان ۋە ئېتىراپ قىلغان ھاكىمىيەت ئاستىدىلا ئەمىنلىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى داۋام قىلغان مۇددەت ئىچىدە، قارشىلىقلارنىڭمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«خىتاي رەھبەرلىرى سۆز ئەركىنلىكىدىن نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر قورقىدۇ؟» ناملىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە، ئۆكتىچى زىيالىيلارغا، سەنئەتكارلارغا ۋە سىياسىي ئاكتىپلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق شەكىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن قول ئۈزمەيدىغان دەرىجىگە كەلگەن. ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ساھەسىدە خىتاينىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە ئاساس قالمىغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىسى نىكولاسنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسېرى ئەشەددىيلىشىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، خىتاي پۇقرالىرىغا ئىلگىرىكى 10-20 يىلدا سىڭگەن ئىلغار ئىدىيىلەرنى بوغۇپ يوقىتىشقا باشلىغان.