نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بېرىلمەيدۇ؟

ياپونىيىلىك خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ھىگاشى ئى تارو ئۆزىنىڭ «خىتايغا قاراڭ» تور بېتىدە 10-ئاينىڭ 14-كۈنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بېرىلمەيدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012.10.16
rabiye-muxbirlar-nobel-yighinida-2010-305 رابىيە قادىر خانىم 2010 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە
RFA/Aygul Yusup

مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«مانا بۈگۈن دۇنيا تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئېلان قىلىندى. بۇ ساھىب دەل ياۋروپا بىرلىكى بولدى. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ياۋروپادا ئىقتىسادىي كرىزىسنى ياراتقاندىن ئىبارەت ئۇلۇغ تۆھپىسىگە بېرىلدىمۇ ۋە ياكى بۇ كرىزىستىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئىقتىسادىي ئىئانە سۈپىتىدە بېرىلدىمۇ؟ بۇنىسى ماڭا ئايان ئەمەس. ئەگەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالىغۇچى نان قېپىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالغان بولسام، ياقىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ، ئىككىنى سىلكىپ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كىملەرگە بېرىلىشى كېرەك؟ بۇنى بىلەمسەن ئەبلەخلەر! دەپ ۋارقىراپ ئۇيقۇسىنى ئېچىپ قوياتتىم. ئەپسۇس بۇنى قىلىش ماڭا نېسىپ بولمىدى. ئەگەر شۇنداق پۇرسەت يار بەرسە، بۇنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيمەن. چۈنكى، مەن ئامېرىكىلىقلار ئېيتقاندەك قولىدا گۈل تۇتۇپ تۇرۇپ ئادەم ئۇرالايدىغان سامۇراي ئەۋلادى.»

ئۇ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ مۇكاپات بىر قانچىلىغان نەزىرىيىچى مەدداھلارغا بېرىلدى. ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش يىللىرىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق جەڭچىلەرگە خان ئوردىسى تەرىپىدىن سوۋغا قىلىنىپ بېرىلىدىغان قول سائىتى بولىدىغان. بۇ قول سائىتى ئۇرۇشتا مەيدىسىگە ئوق يېگەنگىمۇ،ئارقىسىغا ئوق يېگەنگىمۇ بېرىلىدىغان ھەدىيە ئىدى. ھازىرقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى دەل شۇ زامانلاردىكى خان ئوردىسى مۇكاپاتىغا ئوخشاپ قالدىمۇ قانداق؟»

ھىگاشى ئى تارو ماقالىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«ئەسلىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئىنسانىيەتكە تىنچلىق ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتقان ۋە ئىنسانىيەت تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارغا ئوت ئاچقان قەھرىمان-باتۇرلارغا بېرىلىشى كېرەك ئىدىغۇ! ئەجەبا بۇ مۇكاپات ئويلىمىغان كىشىلەرگە ۋە ئورۇنسىز ئورۇنلارغا بېرىلمەكتە. ئەگەر مۇكاپات ھېقىقى بېرىلىش توغرا كەلسە، دەل ئارىمىزدىكى رابىيە قادىردەك بارلىقىنى خەلقىگە، ۋەتىنىگە، ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان، 11 پەرزەنتنىڭ ئانىسىغا، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىستلىرىغا كوللېكتىپ قارشىلىق بىلدۈرۈپ، كوللېكتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 5-ئىيۇل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قەھرىمانلارغا بېرىلىشى كېرەك ئىدىغۇ! 21-ئەسىردە قايسى بىر قىتئە ۋە قايسى بىر دۆلەتتە ئۇيغۇردەك مىللەت، مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدەك، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى گۈللەنگەن، كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەتكە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، كۆكرىكىنى كىرىپ، ئۆزىنى ئوققا تۇتۇپ نامايىش ئېلىپ بارالىدى؟قايسى بىر مىليونېر رابىيە قادىردەك بايلىقىنى، ئەركىنلىكىنى ھۆرلۈككە تېگىشىپ،خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتالىدى؟ ئەمما دۇنيادا ھەقىقەت دېگەن سۆز كلاسسىك كىتاب، لۇغەتلەردىلا يېزىپ قالدۇرۇلغان، ئەمەلىيلەشمىگەن ۋە شۇنداقلا ئاللىقاچان يەرلىكىگە دەپنە قىلىنغان سۆزدىنلا ئىبارەت ئىكەن، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىپ مانا ھازىر ئۈچ يىل بولدى. شۇ نامايىشتا خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۆلتۈرۈلگەن ياشلارغا ۋە شۇ نامايىش تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئىڭراۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا خەلقئارا جەمئىيەت ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش ۋە ئۆلگەنلەرنى ئەسلەش، قالغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن بولسىمۇ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى شۇ بىچارە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ۋە ياكى ئۇلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرغا بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر، بىز تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئىنسانىيەتنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ۋە بەربات بولغان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلاردەك قان بەدەل تۆلىگەن ئىككىنچى بىر مىللەت يوقتۇر.»

ھىگاشى ئى تارو ماقالىسىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
«مەن يېقىندىلا توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئامېرىكىلىق ئىسلام دىنىي مۇخلىسى شەيخ يۈسۈف ئېستېسنىڭ ھەقىقەتكە سەپەر ناملىق لېكسىيىسىدە شىمالىي ياۋروپادىكى ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادتىن يىراقلىشىپ دىنسىزلىقنى تەرغىب قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئىنسان تەڭرىدىن يىراقلاشقاندا، ھەقىقەتتىنمۇ يىراقلىشامدۇ قانداق؟ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىدىكى خانىملار، ئەپەندىلەرنىڭ ھەقىقەتنى تېپىشى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن كۆپرەك ئىنجىل ئوقۇشىغا توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.»

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:
«سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار! ئۇلۇغ تەڭرىم سىلەرگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىلا ئەمەس، بەلكىم تىنچ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىڭلارنى بېرىشى مۇمكىن!!!»

بىز ھىگاشى ئى تارونىڭ قاراشلىرى ئۈستىدە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيىلىك بولما ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. پروفېسسور بولما ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ:
«ھىگاشى ئى تارونىڭ دېگەنلىرى توغرا ئېيتىلغان قاراشلار بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ھەقىقەتەن توغرا كىشىلەرگە بېرىلمەي قالدى. بۇ قېتىم مۇكاپاتنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە بېرىلگەنلىكى خەۋىرىنى ئاڭلاپ، مەن تولىمۇ ھەيران بولدۇم. ھىگاشى ئى تارو ئېيتقاندەك، بۇ مۇكاپاتنىڭ مەقسىتى ئەركىنلىك، تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، ھۆكۈمرانلارغا زەربە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. مەن شۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمەنكى، رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى ئاخىرى مېۋە بېرىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.