، ئەمما بەك كۆپ تەكىتلەنمىگەن.
جۇڭگو روناق تېپىش ئۈچۈن 300 يىل مۇستەملىكە بولۇش كېرەك
ليۇ شاۋبونىڭ ئەڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن بىرى: "جۇڭگو روناق تېپىش ئۈچۈن 300 يىل مۇستەملىكە بولۇش كېرەك دېگەندىن ئىبارەت. ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە، خوڭكوڭ 100 يىل مۇستەملىكە بولغاندىن كېيىن بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلغان، جۇڭگونىڭ زېمىنى كەڭ، شۇڭا ئاز دېگەندە 300 يىل مۇستەمىكە بولۇش كېرەك دېگەن."
ئۇ بۇ سۆزلىرىنى 1988 - يىلى 12 - ئايدا خوڭكوڭدىكى بىر گېزىتتە بايان قىلغان. ئۇ بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك خىتاي مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەنقىد قىلىنغان. ئۇ كېيىنكى چاغلاردا بۇ سۆزلىرىنى، پەقەت غەرب سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچىلىكنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ليۇ شاۋبونىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە قارىشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىدۇر. ئۇ ماقالىلىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى پەقەت دۆلىتى ئىشغال قىلىنغان چاغدىلا توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى كۆككە كۆتۈرۈشنىڭ سىياسىي سودىگەرلىك ياكى سىياسىي تەلۋىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي كومپارتىيىسى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ زوراۋان ھۆكۈمەت
ليۇ شاۋبونىڭ قاراشلىرىدىكى ئۆچىنچى بىر مۇھىم نۇقتا، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تارىخىي رولى ھەققىدىدۇر. ئۇ ماقالىلىرىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنى، خىتاي تارىخىدىكىلا ئەمەس، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ زوراۋان ھۆكۈمەت دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، ستالىننىڭ كوللىكتىپ تازىلاش دەۋرىدىمۇ، گىتلېرنىڭ ئېرقىى تازىلاش جەريانىدىمۇ خىتايدىكىدەك ۋەھشىي بولغان ئەمەس.
گەرچە، ليۇ شاۋبونىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئېنىق ۋە كەسكىن بولسىمۇ، مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۇ دەرىجىدە ئېنىق ۋە كەسكىن ئەمەس. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدە، خىتاي كومپارتىيىسىدىن پەرقلىق بىر قاراش ۋە مەيدانغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىشارەت ۋە يىپ ئۇچلىرى مەۋجۇت.
ئۇنىڭ 2000 - يىلى 12 - ئايدا ئېلان قىلغان ئاپتونومىيە ۋە ھوقۇق ماۋزۇلۇق ماقالىسى، ئۇنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە قىسمەن مەلۇمات بەرمەكتە: "ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، - دەپ باشلايدۇ مەزكۇر ماقالىسىنى ليۇ شاۋبو - ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تۈزۈمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن دېگەن پرىنسىپ ئومۇملىشىشقا يۈزلەندى. بۇنىڭ بىلەن مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئومۇمىي سايلام ۋە تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىي بىر تەدبىر بولۇپ قوبۇل قىلىندى، - ليۇ شاۋبو ماقالىسىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ، - ئەگەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا، مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىنىڭ كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى باشقۇرۇش پرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىنسا ۋە زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىنماقچى بولسا، بۈگۈن دۇنيا جامائىتىنىڭ تەنقىدى ھەم جازالىشىدىن خالى بولالمايدۇ."
ليۇ شاۋبو بۇ سۆزلىرىگە كوسوۋا ۋەزىيىتىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
ئاز سانلىق مىللەتلەر مىللىي تەۋەلىكىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىغا نېمە ئۈچۈن ئىگە بولمىسۇن؟
ليۇ شاۋبو بۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئۆتكۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ، شىزاڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئاللىقاچان خەلقئارالىشىپ بولغانلىقىنى، ئەگەر بۇ مەسىلە توغرا ھەل قىلىنمىسا، خىتايدا پارتلاش خاراكتېرلىك زور ۋەقەلەردىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ليۇ شاۋبو بۇ ماقالىسىدە مەسىلىنى تېخىمۇ كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: "چوڭ قۇرۇقلۇقتا دېموكراتىيىنى، ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسىگە كەلگەندە جىمىپ كېتىدۇ ياكى ئىككىلىنىدۇ ۋە ياكى خىتاي مىللەتچىلىك مەيدانىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ."
ئەگەر بۇ ۋاقىتلىق يەنى تەدبىرچىلىك نۇقتىسىدىن دېيىلىۋاتقان بولسا، توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەگەر، كېڭەيمىچىلىك يەنى دۆلەتنىڭ چوڭ پۈتۈنلۈكى نۇقتىسىدىن دېيىلىۋاتقان بولسا، ئۇ چاغدا، بۇ يەردە ئاڭ جەھەتتە بىر ئاجىزلىق، ئەخلاق جەھەتتە بىر يېتەرسىزلىك مەۋجۇت دېمەكتۇر. ليۇ شاۋبو بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلىدۇ: "لىبىرالىزم يەنى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە پرىنسىپى بويىچە، بىر ئىنسان قولىدىكى مال - مۆلكىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۇنداقتا، بىر ئاز سانلىق مىللەت ئەزاسى ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇشىغا، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ياشىشىغا ۋە ئۆلۈمىگە تەسىركۆرسىتىۋاتقان مىللىي تەۋەلىكىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىغا نېمە ئۈچۈن ئىگە بولمىسۇن؟"
ليۇ شاۋبو بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، دالاي لامانىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تەلىپىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتىدىمۇ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ نۇقتىدا يەنە، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ھەرگىز تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق بەلگىلەش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىمايدۇ دېگەن.
ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى كېرەك
ليۇ شاۋبو ماقالىسىدە، ئومۇمىي سايلامنىڭ بىر دۆلەتتىكى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايغانلىقىنى، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە بولسا، ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا، خىتايدا مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ھۆكۈمەتنىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى ئاساسى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەمما ئۇ، ئەگەر ئومۇمىي سايلام - خىتاي خەلقىنىڭ ئاۋازى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى رەت قىلسا، مەسىلىنىڭ قانداق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلمىغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.