برېيۋىك ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە نورۋېگىيە ۋە ياۋروپا، مۇسۇلمانلار ۋە شۇنداقلا يات مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچراپ، خرىستىئان مەنبەلىك ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ياۋروپا تۇرمۇش ئۇسۇلى خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ئەھۋالنى نورۋېگىيە ۋە ياۋروپانىڭ يات مەدەنىيەتلەرگە قوينىنى ئېچىپ، «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەر» نىڭ تەڭ مەۋجۇتلۇق قىممەت ئۆلچىمىنى ئۆزلەشتۈرۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا ماركسىزمنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. برېيۋىكنىڭ قارىشىچە، نورۋېگىيە ۋە ياروپا ئەللىرىنى «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەر» قىممەت ئۆلچىمىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، ياۋروپا مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلىياتسىيىگە ئۇچراشتىن قوغداپ قېلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى يۇقىرىقىدەك قەتلىئام ئېلىپ بېرىپ، ياۋروپا خەلقىنى ئويغىتىشتىن ئىبارەت. برېيۋىك 76 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 22-چىسلادىكى قەتلىئامنى مەزكۇر رادىكال ئوڭچى ئىدىيىنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بارغان. لېكىن، برېيۋىكنىڭ 22-چىسلادىكى قەتلىئامنى ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان مەزكۇر ئىدىيە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
باش مىنىستىر جىنس ستولتېنبېرگ بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 22-چېسلا كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە قوراللىق ھۇجۇمدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى ۋە نورۋىگىيىنىڭ دېموكراتىيە يولىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلار نورۋېگىيەدە ياشايدىغان سان جەھەتتىن ئەڭ ئاز مۇسۇلمان كۆچمەنلەر توپى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ ئۇلارنى نورۋېگىيە خەلقىگە ئوخشاشلا چوڭقۇر قايغۇغا سالغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بىراق بۇ ۋەقەنىڭ يەنە كۆچمەنلەر مەسىلىسى، نورۋېگىيە خەلقىنىڭ «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەر» تەڭ مەۋجۈتلۇق ئېڭىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دائىر بەزى نازۇك سوئاللار ئۇلارنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. لېكىن نورۋېگىيە باش مىنىستىرى جىنس ستولتېنبېرگنىڭ چارشەنبە كۈنى چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدىكى سۆزى بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلەرنى پەسەيتىشكە قارىتىلغان. ئۇ نورۋىگىيىنىڭ ئاساسى قىممەت ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئۆزلىرىنى قورقۇتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جىنس ستولتېنبېرگ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ ھۇجۇمدىن خەۋپسىرەپ قالمايمىز ياكى بۇ ھۇجۇم بىزنى قورقۇتالمايدۇ. بۇ ھۇجۇمنىڭ مەقسىتى قورقۇنچ پەيدا قىلىش ۋە ئەنسىزلىك يارىتىش. بىراق بىز بۇنىڭغا يول قويمايمىز. بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمىنى قوغداش يولىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. نورۋېگىيە ئوچۇق -ئاشكارا، كەڭ قورساق، مەردانە جەمئىيەت. پەقەت ئوچۇق -ئاشكارا مۇنازىرىلا ئەسەبىيلىك، تار قوساقلىقنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. زوراۋانلىق ھېچقاچان قوبۇل قىلىنمايدۇ. نورۋېگىيە زوراۋانلىققا تېخىمۇ كەڭ دېموكراتىيە، تېخىمۇ كەڭ ئوچۇق ئاشكارىلىق ۋە زور سىياسىي ئاكتىپچانلىق ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ.»
نورۋېگىيە دۈشەنبە كۈنى 22-چىسلادىكى قەتلىئامدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ماتەم بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى پايتەخت ئوسلودا ماتەم بىلدۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ سانى يېرىم مىليونغا يەتكەن ئىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، نورۋېگىيە تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ يىغىلىش نورۋېگىيە خەلقىنىڭ قەتلىئامغا ئۇچرىغان ۋەتەنداشلىرىغا بولغان ئېھتىرامىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، بۇنىڭ يەنە رادىكال ئوڭچى ئىدىيىگە قارشى كۆرسىتىلگەن رېئاكسىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلدى.
خەۋەرلەردە، برېيۋىكنىڭ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچىلىق شۇنداقلا يەنە، ئادىمىلىككە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. برېيۋىك دۈشەنبە كۈنى سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىپ، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھالقىلىق فونكىتسىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاھالىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇ سوتتا قىلمىشىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى رەت قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر ئۇنىڭ تېررورلۇق جىنايىتى مۇقىملاشسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق، بۇ ۋەقەدە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى نورۋېگىيە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئادىللىقى، قانچىلىك ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان بولمىسۇن، گۇماندارلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقى، كىشىلىك ئىززەت -ھۆرمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدۇر. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىكى پەرھات ياقۇپ بۇنىڭ خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىغا نىسبەتەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى نورۋىگىيىدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. پەرھات ياقۇپ بۇز سۆزلەرنى بىزگە گوللاندىيە پايتەختى ئامېستېردامدا باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان يېرىدىن بايان قىلدى.
برېيۋىك ئوسلو شەھەر مەركىزىدىكى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا پارتلاتقان بومبا ۋە شەھەر سىرتىدىكى ئۇتويا ئارىلىدا ئېلىپ بارغان قەتلىئام ھاكىمىيەت بېشىدىكى سول قانات ئىشچىلار پارتىيىسىنى نىشانغا ئالغان. ئۇ مەخسۇس ئىشچىلار پارتىيىسى ئۇتويا ئارىلىدا تەشكىللىگەن لاگېردىكى ياش ئاكتىپلارنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى نورۋېگىيە ئىشچىلار پارتىيىسى «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت» پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىدىغان لىبىرال پارتىيىلەرنىڭ بىرى. كۆزەتكۈچىلەر. برېيۋىكنىڭ مەزكۇر پارتىيىنى نىشانغا ئېلىشى بۇ پارتىيىنىڭ سىياسىي پرىنسىپى برېيۋىكنىڭ رادىكال ئوڭچى ئىدىيىىسىگە تامامەن زىت ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتمەكتە. باش مىنىستىر جىنس ستولتېنبېگ چارشەنبە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى چىقىرىپ، بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھازىر ۋەقەدە ئائىلە تاۋاباتىدىن ئايرىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ دوست-يارەنلىرىگە مەدەت بېرىدىغان، يارىلانغانلارغا ياردەم بېرىدىغان ۋاقىت» دەپ كۆرسەتتى.