ئامېرىكىدا بۈگۈن ئىككى چوڭ پارتىيە ئوتتۇرىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوتى ھەققىدە جىددىي مۇنازىرە بولۇۋاتقان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاقىلىپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، بۈگۈنكى ئۇچۇرلاردا يەنە، ھازىرقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما 2012-يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا يەنە قايتىدىن سايلىنالامدۇ، دېگەن تېمىدىكى مۇلاھىزىلەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى.
ئامېرىكىدىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناس پروفېسسورى ستىفېن ۋاينېنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا قانۇنىدا پرېزىدېنتلار يەنە بىر قېتىم سايلىنالايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن ئامېرىكىدا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كاتېر، پېشقەدەم بوز قاتارلىق پرېزىدېنتلار قايتىدىن سايلىنالمىدى، پەقەت رونالت رىگانلا ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ قايتىدىن يەنە بىر قېتىم سايلانغان پرېزىدېنت بولۇپ قالدىرونالت رىگانرونالت رىگان. ئوباما يېقىندا رىگاننىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەردى. ئەمما ئۇ، ئامېرىكىدا خۇددى كىشىلەر كۈتكەندەك ناھايىتى كۆپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىدى. ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھالار ھازىرچە تۇراقسىز. چۈنكى ئامېرىكىدا ھازىر يەنىلا ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى، ئامېرىكا ھۆكۆمىتى يۈزلەنگەن مالىيە كرىزىسى ناھايىتى ئېغىر. گەرچە ئوباما قايتىدىن سايلىنىش ئۈچۈن بالدۇر تۇتۇش قىلغان بولسىمۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆرسەتكەن نامزاتلارنىڭ تەييارلىقى تېخى پۈتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوباما ئارىلىشىپ قالغان كازافىي مەسىلىسى ۋە لىۋىيە قالايمىقانچىلىقى ئەمدى ياخشى ھەل بولمىسا، بۇ مەسىلە «ئوبامانىڭ ئىراق مەسىلىسى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى فوند جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېتېر خۇسسەينىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشنى تۈگەتكەن، ئامېرىكا خەلقىگە كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈمىد بېغىشلىغان پرېزىدېنت رىگاننىڭ سىياسىي مىراسلىرى قىممەتلىك مىراس. ئوباما ھېچقاچان رىگان بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرالمايدۇ.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى شېن داۋېينىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە مۇقىم ھالدا داۋاملاشتى، ئەمما ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىك ناھايىتى ئېغىر. بولۇپمۇ، ئوباما خىتاينىڭ رايىغا بېقىپ ئىش قىلىش ئۈچۈن دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىدەك خاتالىقلار، ئۇنىڭدىن ئەۋلادلارغا قالىدىغان سىياسىي مىراس بولالمايدۇ.
ئامېرىكىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن كەچتىكى ئاخباراتىدا، مەن ئەتە (جۈمە كۈنى) ئەتىگەندە ئامېرىكا خەلقىگە، ھۆكۈمەت تاقىلىپ كېتىشتىن خالى بولدى دەپ جاكارلاشنى ئارزۇ قىلىمەن دېگەن ئىدى. گەرچە ھازىرغا قەدەر، ئىككى چوڭ پارتىيە رەھبەرلىرى دۆلەت مەجلىسىدە كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ يىغىن ئېچىپ، خامچوت مەسىلىسىدە مۇرەسسەگە كېلىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە ئۇلارنىڭ مۇرەسسەگە كېلەلمەسلىكىگە يەنىلا خامچوتتىكى، ئاياللارنىڭ ھامىلىنى ئالدۇرۇش ئوپېراتسىيىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر، يەنى ئۆكتىچى پارتىيە ھەرگىز يول قويمايدىغان بۇنداق مەسىلىلەر سەۋەبچى بولماقتا.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئەگەر دېموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر خامچوت مەسىلىسىدە بۈگۈن يەنىلا مۇرەسسەگە كېلەلمىسە، پرېزىدېنت ئوباما جۇمھۇرىيەتچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان خامچوتنى قىسقارتىش لايىھىسىگە قارىتا رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتسە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈن كېچە سائەت 12 دىن كېيىن، يەنى 9-ئاپىرىل كۈنىدىن باشلاپ تاقىلىپ كېتىدۇ. بۈگۈن ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ كېتىشىدىن بۇرۇن دۆلەت باغچىلىرىنى، مۇزېيلارنى زىيارەت قىلىۋېلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا كەلگەن ئادەم ناھايىتى كۆپ. ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر بۈگۈن، ھەربىي سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، بولۇپمۇ ئىراق، ئافغانىستانلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ ئىش ھەققى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە قولىغا تەگمەيدىغان ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.