خىتاي بەزى ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ يۇمشىغانلىقى ئەمەس

بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ يۇمشىغانلىقى ئەمەس. بۇ پەقەت ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنى ئاسانلاشتۇرۇشتىكى بىر تاكتىكا خالاس.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ تۈرمە ۋە قاماقتىكى ئىككى نەپەر ئاياغلىق خىتاب كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىنى ئارقا-ئارقىدىن قويۇپ بەردى. دائىرىلەر بۇ يىل 4‏-ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ، 80 كۈندەك نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئەي ۋېيۋېينى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىپ، غەرب جامائەتچىلىكىنىڭ قىسمەن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن يەنە 3 يىل تۈرمىگە سولاپ، 26 ‏-چېسلا قاماق جازاسى تولغان ياۋروپا ساخاروف كىشىلىك مۇكاپاتى ساھىبى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيانى قويۇپ بەرگەن. قاماقتىكى بۇ ئىككى ئۆكتىچى زاتنىڭ مەسىلىسى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك دېلو بولۇپ قالغان ئىدى.

لېكىن پائالىيەتچىلەر ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە خۇ جيانىڭ قاماق جازاسى توشۇپ، ئەركىنلىككە چىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى بوشاشتۇرغانلىقىنىڭ سىگنالى، دەپ قارالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار خۇ جيانىڭ 3 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىنى توشتۇرۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئەي ۋېيۋېينىڭ بولسا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ، ئۇنىڭ پائالىيەت ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فىلىم كاين، خىتاي ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەي ۋېيۋېي قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان نۇرغۇن كىشىنىڭ نامەلۇم جايلاردا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فىلىم كاين، ئەي ۋېيۋېي قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پائالىيەت ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇنىڭغا قوشۇمچە يەنە ئەي ۋېيۋېيگە ئوخشاش ئۇنچىلىك مەشھۇر بولمىغان ئاز دېگەندە 10 نەپەر خىتاي ئاۋام پۇقراسى ھازىرغا قەدەر داۋاملىق ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش ۋەقەلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئۇلار سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، تەن جازاسىغا ئۇچراش خەۋپى زور ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەر. ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشى كىشىگە خاتىرجەملىك بەرسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈپ باقمىغان باستۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقى بىر پاكىت» دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىقى ئىككى شەخسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غەرب ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار خىتاينىڭ بۇ ئىككى شەخس بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان بارلىق تۇتقۇنلارنى ۋە قاماقتىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۆزگىرىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بېرىشكە ئۈندىمەكتە.

ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كەمپېلل ئالدىنقى كۈنى چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەي ۋېيۋېي قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئۆكتىچىلىرى دۇچار بولۇۋاتقان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىش، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش قاتارلىق خاھىشلاردىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، «ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئالقىشلايمىز شۇنداقلا بىز بۇ قارارنى قارشى ئالىمىز. بىراق شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش خاھىشىدىن يەنى خەلقئارا تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللانغان ئادۋوكاتلار، يازغۇچىلار، سەنئەتچىلەر، زىيالىيلا ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش خاھىشىدىن داۋاملىق چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدۇ. مەن بۇ مەسىلىنى ئەتە ھونۇلۇلۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن» دېگەن.

كۇرت كەمپېلل بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈي تيەنكەي شەنبە كۈنى ھاۋايدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ۋيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان كۈچىيىشكە باشلىغان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپىنى سۆزلەشكەن ئىدى. كۈرت كەمپېلنىڭ شەنبە كۈنكى يىغىندا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش ۋە تۇتقۇن قىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك يەنە قانداق دېلولارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئەي ۋېيۋېي قويۇپ بېرىلگەن كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە چىقىدىغان ھارپا كۈنى ئىدى. بۇ كۆزەتكۈچىلەردە خىتاينىڭ ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بېرىپ، ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزدە تۇتقان بولۇش ئېھتىماللىقىغا دائىر گۇمانى پەرەزلەرنى پەيدا قىلغان. ۋېن جياباۋنىڭ ۋېنگرىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيىگە قىلىدىغان زىيارىتى سودىنى ئاساس قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېستېرۋېللې يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا خاتىرىلىتىپ، دۈشەنبە كۈنى گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلايدىغان ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشسە، ئۆزىنىڭ بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقى، "ئىپادە ئەركىنلىكى، ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنىڭ گېرمانىيە ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى" نى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل سۆھبەتلەرنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى فىلىم كاين، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خىتاي قانۇنىنىڭ سىياسىلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئالاقىدار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەي ۋېيۋېينىڭ دېلوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، دېگەن تەشەببۇسىنىڭ تامامەن قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. خىتاي قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت ئەمەس، بەلكى قائىدە تۈزۈم بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت. يەنى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەدلىيىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاكىمىيەت سورىسا، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى قانۇننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ خىزمەت بېجىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ 61 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەتنى مونوپول قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كېلىندى. شۇڭا كومپارتىيىنىڭ ئورنىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق تەھدىت ياكى ھەر قانداق مۇقىمسىزلىق ئامىلى شەپقەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئەي ۋېيۋېينىڭ دېلوسى ۋە شۇنداقلا بىز خاتىرە قالدۇرغان شىنجاڭ بىلەن تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى نۇرغۇن دېلولار بۇنىڭ پەقەت تىپىك ئۆرنىكىلا خالاس.