ئۇيغۇرلار يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولماقتا

«تامغا دەز كەتتى» ناملىق ماقالىسىدە، يېقىندا خوتەن ۋە قەشقەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

0:00 / 0:00

ھىندىستانلىق يازغۇچى براھما چېللانېينىڭ ھىندىستان ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «تامغا دەز كەتتى» ناملىق ماقالىسىدە، يېقىندا خوتەن ۋە قەشقەرلەردە يۈز بەرگەن خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى ۋەقەلەرنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يا ئۆلۈم، يا كۆرۈمدىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

يازغۇچى براھما چېللانېي ماقالىسىنىڭ بېشىدا «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى باش كۆتۈرگەن داۋالغۇشلار ئۈچۈن پاكىستاننى ئەيىبلەۋاتىدۇ، ئەمەللىيەتتە بۇ خەتەر بېيجىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر» دەپ ئىزاھات بېرىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە، يېقىندا پارتلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «ھەرخىل ھاۋاغا بەرداشلىق بېرىدىغان دوستلۇق» قا سايە چۈشۈرگەنلىكى، لېكىن خىتاينىڭ پاكىستاننى قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى يادرو قوراللىرى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن بىردىن-بىر دۆلەت ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ ھىندىستانغا يېقىن رايونىدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشقانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇنى ھىندىستانغا قارشى بىر كوزىر سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ:
ھالبۇكى، بېيجىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ۋاكالەت ئۇرۇشىغا ياكى چەتئەلنىڭ قول تىقىشىغا ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىلىچىلىككە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە دۇچ كەلمەكتە. بېيجىڭ دائىرىلىرى تىبەتتە ھاكىمىيەتكە قارشى، غەيرىي زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەر پارتلىغان ياكى ئۇلارنى تېررورچىلاردەپ ئەيىبلىمىگەن چاغدىمۇ، مۇشتۇمزورلۇق سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ كىملىكى،مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز بايلىقلىرىدىن مەنپەئەتلىنىش تىلەكلىرىنى رەت قىلغانىدى، دەپ يازىدۇ.

ئاپتور براھما چېللانېي بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 5 خىل مۇستەملىكىچىلىك ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ:
«بۇلار، ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ئانا يۇرتلىرىنىڭ چېگرىلىرىنى ئۆزگەرتىش، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە خاتىمە بېرىپ،ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى سۈپۈرۈپ تاشلاش،خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىگە پايدىلىق تارىخ ئويدۇرۇش، مەدەنىيەت زومىگەرلىكى ئارقىلىق،يەرلىك خەلقنىڭ كىملىك ئېڭىنى قالايمىقان قىلىش ۋە سىياسىي باستۇرۇشلارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. مانجۇلارنى ئاسسىمىلىياسسىيە قىلىپ تۈگەتكەن ھەم موڭغۇللارنىڭ نەسلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئەمدىلىكتە تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭلا قارشىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە» دەپ يازىدۇ.

2008-يىلى تىبەتلىكلەرنىڭ، 2009 -يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسيان كوتۈرگەنلىكى،2011-يىلى بولسا،موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىغانلىقىنى بايان قىلىپ:
«خىتايلارنىڭ ئېتنىك ۋە ئىقتىسادىي مۇستەملىكىچىلىك ئىستراتېگىيىلىرى نۆۋەتتە تەتۈر تېپىشكە باشلىدى. بۇ يىل ئىچكى موڭغۇلدا ئارقا-ئارقىدىن پارتلىغان نارازىلىق نامايىشلار بازالارغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى ۋە تىبەتتىمۇ زۇلۇمغا قارشى خىرىس داۋام قىلماقتا. ئالدىنقى ئايدا، خوتەن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا، نەچچە ئونلىغان كىشى ئۆلدى» دەپ ئەسكەرتىدۇ.

براھما چېللانېي ھىندىستان ۋاقتى گېزىتىدىكى «تامغا دەز كەتتى»ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقى،لېكىن خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان 1949-يىلىدىن بېرى، مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئېقىپ كىرىپ،زېمىن،تەبىئىي بايلىق ۋە سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىگەنلىكى،بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەرنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان قەشقەردە، خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقانلىقى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تىبەت بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا سىياسىي،مەدەنىيەت جەھەتلەردىن مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى قاتتىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ:
«بۈگۈن بۇ رايونلاردا، مۇستەقىللىقنى نىشان قىلغان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى خىتاينى ئىچكى بىخەتەرلىككە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھىندىستاننىڭكىدىن ئېغىر. ھىندىستان كۆپ خىللىققا مەدەت بېرىۋاتقاندا،خىتاي مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتلەردە بىر خىللىقنى مەجبۇرلىماقتا،» دەپ يازىدۇ.

«خىتاي،ھىندىستان ۋە ياپونىيىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بولغان براھما چېللانېي،خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاجراتقان مەبلىغىدىن ئىچكى بىخەتەرلىك يەنى مۇقىملىق ئۈچۈن ئايرىغان خام چوتى ئېشىپ كەتكەن، دۇنيادىكى بىردىن-بىر دۆلەت ئىكەنلىكى شۇنداقتىمۇ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىز نۇختىلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ:
«ئۇيغۇرلار،تىبەتلىلەر ۋە موڭغۇللار ھوقۇقلىرى ئۈچۈن،خىتاي بىلەن كۈرەش قىلىش ياكى ئامېرىكىدىكى ھىندىيانلارنىڭ كۈنىگە قېلىشتىن ئىبارەت، ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولماقتا. زالىم دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۆكرەك كېرىپ چىقىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاينىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بۇيانقى، ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يۈرگۈزۈۋاتقان، ئەبجىقى چىققان، ئېتنىك ۋە ئىقتىسادىي مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمىگىچە، باش ئاغرىقىدىن زادىلا قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.