بۇ رىقابەتچىلىك ئاساسىي جەھەتتىن رۇسىيە، خىتاي، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر مەسىلە دۇنيا ئانالىزچىلىرىدا ھەر خىل پىكىر-تەخمىنلەر پەيدا قىلغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ، شۇنداقلا قانۇنسىز قورال-ياراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ ھەرىكەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار كۆپەيمەكتە.
دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىچىدە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە باي بولغان، بولۇپمۇ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانغا ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزۈشتە ھەم بۇ يەرلەردىكى تەبىئىي بايلىقلارغا مەبلەغ سېلىشتا بىرىنچىلىككە ئىگە بولۇش مەقسىتىدە رۇسىيە، خىتاي ۋە ياۋروپا ھەر خىل يوللارنى ئىزدىمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىدىكى ئاساسىي شېرىكى كىم بولماقچى ھەم ئۇلار كۆپرەك كىمگە ئىشەنمەكچى ھەم كىم بىلەن كېلىشمەكچى؟ مانا بۇ مەسىلە كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرماقتا.
يېقىندا رۇسىيىنىڭ «موسكوۋسكىيې نوۋوستى» (موسكۋا يېڭىلىقلىرى) ناملىق ئىجتىمائىي-سىياسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ ئويۇن» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى فرانسۇز ئانالىزچىسى فرانسۇئا گودمان مانا شۇ مەسىلە ئەتراپىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە مەنبەلىرى مەسىلىسىدە ئاساسىي رىقابەتچىلىكنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيىگە قارىغاندا، كۆپىنچە خىتاي ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى سىياسىتىنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنىڭ ئىككى سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن.
بىرىنچىسى-بۇ ئىقتىسادىي سەۋەب. ئانالىزچىنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي شېرىكى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما 2010-يىلى خىتاي ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتكەن، يەنى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان سودا مىقدارى 21 مىليارد ياۋرونى تەشكىل قىلغان بولسا، خىتاينىڭ 23 مىليارد ياۋروغا يەتكەن. ياۋروپانىڭ بۇ رايون بىلەن سودىسىنىڭ ئاساسىي قىسمى، يەنى 88 پىرسەنتى قازاقىستانغا توغرا كەلگەن. قازاقىستان بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا مەملىكەتلىرى ھەم ياۋروپا ئۈچۈن، ھەم خىتاي ئۈچۈن ئانچە چوڭ شېرىك سۈپىتىدە ھېسابلانمىغان. بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا شېرىكى سۈپىتىدىكى رولى كەمسىتىلگەن.
ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئانالىزچىلىرى بۇ رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى يەتكۈزۈشتىكى كېلەچەكتىكى ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە ئىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان 60 مىليون خەلق ھەم خىتاي، ھەم ياۋروپا جابدۇقلىرى ۋە توۋارلىرىنى تەڭ دېگۈدەك ئىستېمال قىلماقتىكەن.
خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى سىياسىتىنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر تەرىپى-ئىستراتېگىيىلىك سەۋەبتۇر. بۇ رايون خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن لابوراتورىيە ئورنىدا خىزمەت قىلماقچى. غەربتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ناتوغا ئوخشاش رايونلۇق تەشكىلاتلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر خەلقئارالىق ئىنستىتۇت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
فرانسۇئا گودمان رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى مەۋقەلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ تەشكىلاتتىكى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن رىقابەتچىلىكنى خىتاينىڭ ياخشى چۈشىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا مەركىزىي ئاسىيانى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش قابىلىيىتىگىمۇ خىتاينىڭ قاتتىق ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالە ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتلىرى ئا ق ش ۋە رۇسىيىگە ئوخشاش چوڭ مەملىكەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن توقۇنۇشماقتا. ھەم ئا ق ش، ھەم رۇسىيە، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە خىتايمۇ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئاكتىپ تۈردە قوغداشقا ئۆتمەكتە. ئۇنىڭ بۇ رايونغا سالغان مەبلەغ كۆلىمى 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
فرانسۇئا گودمان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي ئۈچۈن پەقەت ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى زور رايون سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىمۇ چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى، يەنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قانداق تۇراقسىزلىقنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدىكى تۇراقلىققا خەتەر تۇغدۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «ئۈچ خىل خەۋپكە» قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەم مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشتا ئاكتىپ بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتايلارنىڭ پىكرىچە «بۆلگۈنچىلەر» نىڭ بازىلىرىنىڭ مانا شۇ قوشنا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.