خىتاي ئەمدى ئۆزبېكىستانغا كېڭىيىپ رۇسىيىنى چەتكە قېقىشقا باشلىدىمۇ؟

ئۆزبېكىستان ھازىر خىتاينى قىزغىن قارشى ئالدى. نېفىت، تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى خىتاينىڭ ئېچىشىغا ۋە خىتاي تېلېۋىزىيە-رادىئولىرىنى ئۆزبېكىستاندا كېڭەيتىپ تارقىتىشقا قوشۇلدى.

0:00 / 0:00

باش ئورگىنى لوندوندىكى مالىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھازىر ئۆزبېكىستانغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى. ئۆزبېكىستان ئۆزىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى خىتاينىڭ ئېچىشىغا رۇخسەت قىلدى. شۇنداقلا، خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە، رادىئولىرىنى ئۆزبېكىستاندا كېڭەيتىپ تارقىتىشقا قوشۇلدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كەرىموف يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي ئۆزبېكىستانغا 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىشنى قارار قىلدى ۋە كەلگۈسىدە يەنە 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىشكە ئالدىن ۋەدە بەردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى كۇرۇتوف بۈگۈن، يىللاردىن بۇيان رۇسىيىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھازىر، خىتاي بىلەن ئاكتىپ مۇناسىۋەت باغلاشقا باشلىغانلىقىدىكى يوشۇرۇن ئامىللارنى تەھلىل قىلدى. كۇرۇتوفنىڭ قارىشىچە، كەرىموف بۇ قېتىم ئۆزبېكىستاننىڭ غەرب تەرىپىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى خىتاينىڭ ئېچىشىغا يول قويغان.

ھازىر تەمىنلەۋاتقان تەبىئىي گاز، پاختا، ئۇران مىقدارىنى كۆپەيتىشكە قوشۇلغان. كەرىموف يەنە خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستاندىن خىتايغا تەبىئىي گاز ماڭغۇزىدىغان تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى، خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ تۆمۈر يوللىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇش پىلانى، خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى پۇلنى ئاتچوت قىلىش مىتوتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىپ، ئاخىرقى ھېسابتا پەقەت خىتاي ناھايىتى كۆپ مەبلەغ، قەرز پۇل بەرمەكچى بولغان تىزىملىكىنىلا كۆتۈرۈپ قايتىپ كەلدى.

كۇرۇتوفنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى چەتكە قېقىش پىلانىنى، ئۆزى بىلەن چېگرىلىنىدىغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستانلاردىن ئۆتۈپ، ئەمدى ئۆزى بىلەن چېگرىلانمايدىغان ئۆزبېكىستانغىچە كېڭەيتتى. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كەرىموفنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى، دەل خىتاي ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى قەدەممۇ-قەدەم كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى.

كۇرۇتوفنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزبېكىستاننىڭ تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجى رۇسىيىگە تايىناتتى. رۇسىيە كاپىتالىدىمۇ ئۆزبېكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيالىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيتتى. ئەمدى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزبېكىستاندىكى بۇ ھالەت ئۆزگەردى. بەلكى خىتاي ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ چوڭ تايانچىغا ئايلاندى. خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىمۇ ئۆزبېكىستانغا كىردى. ئۆزبېكىستاندىن خىتاينىڭ ئوقۇش پۇلى بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەم سانى يۈزلەپ ئېشىشقا باشلىدى.

كۇرۇتوفنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەرگىز «شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش» دېگەن مەسىلىدىن يىراقلاپ كەتمەيدۇ. خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن، خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇمى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىماسلىققا ۋەدە ئالغان ئىدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزبېكىستاننىڭ تۈزۈمى ئەڭ مۇستەبىت. خىتاي بۇ دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى كەرىموفنى، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپلا خىتاينىڭ قەدىناس دوستى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ.

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم كەرىموفقا يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە شىنجاڭدىكى شەرقىي تۈركستانچىلارنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي باستۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

گەرچە ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي سانى باشقا ستانلارغا قارىغاندا ئەڭ كۆپ بولسىمۇ، ئەمما كەرىمۇف خۇ جىنتاۋغا، يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى چەكلىشى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھازىر ئۆزبېكىستاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى، قازاقىستانلارغا قارىغاندا ئىنتايىن ئاجىز، دەپ چۈشەندۈردى.